Eliyop يوللىغان ۋاقتى 2014-11-28 08:52 PM
كومىدىيەلىك تۈس ئالغان كىينو ‹‹كۈرۈمسىز قىز لىتسىيە ...
ئۇ «لىتسيە»نى مەنمۇ پەقەت كۆرمۈدۈم دېسەم يالغان بولىدۇ ،پەقەت ئۆيدىكىلەر كۆرۈۋاتقاندا ئانچە -مۇنچە كۆزۈم چۈشۈپ قالغان ۋە ئايالىمنىڭ بالىلار بار چاغدا بۇنى كۆرىشىنى قەتئىي چەكلىگەنىدىم. بۇنىڭ سەۋەبى :
1.مەن تارىخي ياكى ئۇرۇش دەۋرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن كۆپ قىسملىق تىلۋېزىيە تىياتىرىدىن باشقا تىلۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرمەيمەن ،بولۇپمۇ ئۆيدىن چىقماي گەپ ساتىدىغان تىلۋېزىيە تىياتىرىغا بەك ئۆچ .
2.ئۇ «لىتسيە» دە مېنى بەكرەك جەلىپ قىلغىنى كومدىيلىك گەپ -سۆزلەر ئەمەس بەلكى تەنناز چوكانلارنىڭ كىيملىرىدىن بۆرتىپ چىقىپ تۇرغان تولغان «سەرەمجان »لىرى بولدى ،ئەمدى ھەممىلا ئەركەكنىڭ كۆزى مەندەك ئۇيەرگىلا چۈشمەس ،ئلىمىي ئادەملەر يەنىلا كۆپ ئارىمزدا .... كىچىك چاغلىرىمدا قىزىقىپ كۆرگەن جەننەتنىڭ قەھرى دىگەن كىنودىكى دېڭىز ساھىلى ھېلىمۇ يادىمدا تۇرغىنىغا قارىغاندا مېنىڭ شەيتىنىم زادى بەك كۈچلۈك ئوخشايدۇ(لېكىن شۇ چاغلاردا چوڭلار مېنڭ «جەننەتنىڭ قەھرى »نى كۆرۈشۈمگە يول قويمىغان بولسا بۇ خاپىلىقمۇ بولماستى بەلكىم ).
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك ،ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن تۇنجى ئۆي ئىچى تىياتىرى بولغاچقا مەنمۇ توردىن ياكى تېلۋۇزۇردىن 5-6قىسىم كۆردۈم ،ئويلغىنىمنىڭ ئەكسىچە يالغۇز كۈلكىنىلا ئاساس قىلۋالماي ،خېلى ئەھمىيەتلىك ،مەزمۇنلۇق ئىشلەپتۇ ،بۇنىڭدىن رازى بولدۇم . شۇڭا مەندەك شەيتىنى كۈچلۈك ئەركەكلەر ۋە يېتلىۋاتقان ئوغۇللارنى نەزەردە تۇتۇپ بولسىمۇ ئۇيغۇر كىنوچىلىقىدا «لېىتسيە»دىن ئۆگىنىشكە قەتئىي قارشى تۇرىمەن .ئەلۋەتتە بۇ پەقەت پېقىرنىڭ شەخسىي پىكرى ،ياقتۇرىغانلارنىڭ كۆرۈش ئەركىنلىگە دەخلى قىلىش ئويۇم قەتئىي يوق ، مەندەك "ئاسارە -ئەتىقە "نىڭ قارىشىنى توغرا چۈشەنگەيسىلەر .
بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر تېلۋىزىيسىنىڭ تېخمۇ گۈللنىشىنى ،«بۈيۈك پاىشاھ خەنۋۇدى »،«جۇيۈەنجاڭ »›«كاڭشى خاندانلىقى »دەك زور ھەجىملىك ،مەبلەغ كۆپ كېتىدىغان ،مىللىي ئىپىتخارلىق تۇيغۇسنى كۈچەيتدىغان «سۇتۇق بۇخراخان »، «سەئىدخان » لارنى روياپغا چىقىرالمىسىمۇ،«غېرىپ -سەنەم » ، « رابىيە -سەئدىن »لەرنى ئويلىشىپ بېقشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-29 03:47 PM