مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Girl

بەش ساھىپجامالنىڭ تەقدىرى(ھېكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23068
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 15094
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 2396 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 10:54:47 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىردەمدە ئوپېراتسىيە ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ دىلرۇز چىقىپ كەلدى، ئۇنىڭ چىرايلىرى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ ئەكبەر بىلەن ماھىرەنى كۆرۈپ ئۆزىنى يەرگە تاشلىۋەتتى ـ قورققىنىدىن يۈگۈرۈپ بارغان ماھىرەنىڭ دىلرۇزنى يۆلىگەن قولى ئەكبەرگە تېگىشىپ كەتكەن ھامان، دىلرۇز ھۇجۇدىغا ئېقىپ كىرگەن شېرىن سېزىمدىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويدى، ئۇنىڭدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى سېزىپ قالغان ئەكبەرمۇ ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋالدى، دوستىنىڭ بۇ ھالىتىدە ئۇنىڭ ئوغۇل دوستىغا كۆز تاشلىغىنىدىن ئازراق خىجىللىق ھېس قىلغان ماھىرە قولىنى ئىتتىك ئاجرىتىۋالدى، ئاغرىق ئازابىدىن ھوشىنى بىلمىگەن دىلرۇزنىڭ كۆزىگە ھېچ نېمە كۆرۈنمەيتى ـ ئەكبەر ئۇلارنى ياتاق بىناسىغا ئەكىلىپ قويۇپ، ماھىرەنىڭ كۆزلىرىگە مەنىلىك نەزەر سېلىپ قويۇپ كېتىپ قالدى ـ ماھىرە دىلرۇزنى ياتقۇزۇپ قويغاندىن كېيىن، ھارغان بەدىنىنى كارىۋاتقا تاشلىدى ـ بەختكە يارىشا باشقا قىزلار ياتاقتا يوق بولۇپ، ھېچكىم ئۇنىڭ خىيال سۈرىشىگە دەخلى قىلمايتى ـ
   ئۇ نېمە دېگەن كېلىشكەن ھە!نېمە ئۈچۈن ئۇنى بالدۇرراق ئۇچرىتىپ قالمىغان بولغۇيتۇم، ئۇنىڭ بىلەن قولۇم تېگىشىپ كەتكەندىكى ئۇ ھېسيات، توۋۋا، بۇ مۇھەببەت ئوخشايدۇ، دىلرۇز ئۆزى كەتكۈزۈپ قويۇپتۇ، ئەسلى ئۆزىنى چىڭ تۇتۇپ يۈرگەن بولسا بۇ ئىشلار بولمايتى، مەن ئالدىراپ ئۇنداق ئەخمەقلىق قىلمايمەن، چوقۇم ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالىمەن ـ ئۇنىڭ خىياللىرى يەنە باشلاندى، شېرىن خىياللاردا مەس بوپ كەتكەن ماھىرەنى تېلېفون تىرىڭشىپ ئويغىتىۋەتتى ـ بۇ ئۇچۇر ئىدى
-ئۈندىدارىڭىزغا ئىلتىماس يوللاپ قويدۇم، قوشۇۋالارسىز
  بۇ ئەكبەرنىڭ ئۇچۇرى ئىدى، ئۇ خۇشاللىقىدىن ۋارقىرىۋەتكىلى تاسلا قالدى، ۋە تېزلىكتە ئۇنى قوشۇۋالدى ـ
-ياخشىمۇ، دىلرۇز قانداراق
-ياخشى، ئۇخلاپ قالدى
-ئۆزىڭىز قانداقراق
-مەنمۇ ياخشى، ماھىرەنىڭ تېلېفون تۇتقان قوللىرى تىترەيتى ـ
-قەھۋە ئىچىپ كەلسەك قانداق، دىلرۇزنىڭ ئىشلىرى بىلەن كۆڭلۈم بەك يېرىم ـ
ماھىرە دىلرۇزغا قاراپ سەل ئىكلەنگەن بولسىمۇ، مۇھەببىتى غالىپ كەلدىدە ئاددييلا قىلىپ ھەئە دەپ جاۋاپ بەردى ـ
ئەكبەر بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن، ماھىرە ئالاھىدە ياساندى، ئەڭ يارىشىملىق كۆينىكىنى كىيىپ، چاچلىرىنى قويۇۋېتىپ، سۇس گىرىم قىلدى، ئېگىز پاشنىلىق ئايىقىنى كىيىپ، دىلرۇزنى ئويغۇتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ چىقىپ كەتتى ـ
ئەكبەر بۇرۇنلا كەلگەن بولۇپ، يىراقتىن كېلىۋاتقان سۇمبۇل چاچ، گۈزەل بەدەننى كۆرۈپ كۆزلىرى باشقىچە چاقناپ كەتتى ـ
-بەكلام چىرايلىققۇ، ئەكبەر ئورنىدىن قوپۇپ، ماھىرەگە ئورۇندۇقنى تارتىپ بەردى، ۋە قولىنى ماھىرەنىڭ قۇلىقى تۈۋىگە ئەكىلىپ، بۇ يەردە بىر نەرسە تۇرىدۇ دېگىنىچە، تەييارلىۋالغان شاكىلاتنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ساڭگىلاتتى ـ
  ماھىرە قېتىپلا تۇرۇپ قالدى، ئۇ ئەكبەردەك رومانتىك بالىلارغا ئەزەلدىن ھەۋىسى بار ئىدى، ئەكبەرنىڭ ئۆزى ئويلىغاندەك چىققانلىقىنى كۆرگەن ماھىرە ئۇنىڭ بىلەن قانداق بولمىسۇن يۈرۈشنى ئويلاشتى، ئۇنىڭ بۇ ھاياجانىدا، ھېلىغۇ دىلرۇزكەن، ئۇنىڭغا ئوخشاش نەچچە دوستىدىن كېچىشكە رازى ئىدى ـ
-خىيال سۈرۈپ كەتتىڭىزغۇ، ئەكبەر قولىدىن يەنە قاس چىقاردى، بۇ قېتىمقىسى ئەتىرگۈل ئىدى ـ
-سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم ماھىرە، بىلىمەن، دىلرۇز سىزنىڭ دوستىڭىز، ھەم بۈگۈنكى ئىشتا مەن بەك خىجىل، لېكىن ئۇ كىچىكىدىن ئاتا-ئانىسى بىلەن تۇرمىغاچقا، ماڭا بەك تايىنىۋالىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن نەچچە قېتىم ئايرىلىپ كېتىشنى ئېيتقان بولساممۇ، ئېسىلىپ يىغلاپ تۇرىۋالغاچقا، رەت قىلالمىدىم ـ مانا ئەمدى بۇ ئىش بولدى، راستىمنى ئيتسام بۇ مۇناسىۋەتتىن مەن بەك چارچىدىم، ئۆزۈمنىڭ قانداق ئادەمنى ياخشى كۆرىدىغىنىمنى بىلمەيتىم، بۈگۈن سىزنى كۆرۈپ يۈرۈكۈم دۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلىغاندا مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلدىم ـ سىزنى ھازىر مەن بىلەن يۈرۈڭ دېمەيمەن ، دىلرۇز ئەسلىگە كېلىۋالسۇن، ئاندىن ئۇنىڭغا ھەممىنى ئۆزۈم چۈشەندۈرەي، ئايرىلىپ كېتەي، لېكىن سىز مېنىڭ كۆڭلۈمنى قوبۇل قىلارسىزمۇ
   تۇيۇقسىز قويۇلغان بۇ تەلەپتىن خۇدىنى يوقاتقان ماھىرە ئۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلمەي، ئويلىشىپ باقاي دەپلا قويدى ـ
ئۇلار بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ماھىرە قايتايلى دەپ ئەكبەرنى ئالدىراتتى ـ ئەكبەر مەكتەپنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قوياي دېسىمۇ، باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ماھىرە ئۆـزى تاكسى تورۇپ كېتىپ قالدى ـ  
ياتاقتا، قىزلارنىڭ ھەممىسى بار بولۇپ، دىلرۇزنىڭ ئەتراپىدا ئولىشىپ، ئۇنىڭدىن ھال سوراۋاتاتتى ـ
-قايتىپ كەلدىڭمۇ، نەگە باردىڭ، ئويغانسام يوق تۇرىسە
-دوستۇم بىلەن تاماق يىدىم، سەنچۇ تاماق يىدىڭمۇ
-ھەئە، يىدىم، مەن ئۇخلاي ئاداش چارچاپ كەتتىم ـ
-ھەئە، ئارام ئالغىن
-قايسى دوستۇڭ بىلەن باردىڭ، گۈلشەن كوچىلاپ سورىدى ـ
-ۋاي،نېمە كارىڭ
ماھىرەنىڭ بۇ سوغۇق مۇئامىلىسىدىن كۆڭلى سوۋۇغان گۈلشەن ئۇنىڭغا بىرنى ئالىيىپ قويۇپ كارىۋىتى يېنىغا كەتتى ـ  
ماھىرە يوتقانغا بېشىنى چۈمكەپ، تېلېفوننى قولىغا ئالدى:
-ئەكبەر، كۆڭلىڭىزنى قوبۇل قىلدىم، مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن ـ كىچىكىدىن ئاتا-ئانىسى ھەممىنى تەييارلاپ ئۆگۈنۈپ قالغان بۇ قىزغا، مۇھەببەتمۇ ھەم شۇنداق ئىدى، مەيلى ئۇ ئۆزىگە تەئۇللۇق بولسۇن، بولمىسۇن ئۆزى ياخشى كۆرگەننى چوقۇم قولغا كەلتۈرمەي قويمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەكبەرمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان تۇرسا، بۇنىڭ نېمىسى يامان، ئۇ ئۆز-ئۆزىنى قايىل قىلىپ، ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ، ئەكبەربىلەن پاراڭلاشقاچ ئۇخلاپ قالدى ـ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Girl تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-4 11:50 PM  


باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110859
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1049
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2014-11-13
ئاخىرقى: 2015-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 11:20:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110776
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 199
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2014-11-10
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 11:56:47 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىۋاتىدۇ رەھمەت سىزگە جۇمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75546
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6221
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 05:08:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
م.زۇنۇن يوللىغان ۋاقتى  2014-12-2 07:03 PM
باللا   ئىنكاس  يازماڭلار ھە   ، بوممىسا ھېكايىنى ئىنكاس ...

خا خا خا ئاقىلانە ئىنكاس بوپتۇ .ئەگەشتىم

ئاتا-ئانا بولماق بىردەلىك ئەمما ھەقىقى ئاتا-ئانا بولماق مەڭگۈلۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109010
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 647
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 496 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 10:07:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2014-12-4 05:43 PM
بۇ بەش قىز بالا پۇلنى  دەپلا ئاخىرى خەقكە ۋاقىتلىق خوتو ...

مىنىڭچە ھەممىسى ئۇنداق قىلمايدىغۇ دەپ ئويلاۋاتىمەن  بۇ 5 قىزنىڭ ھەممىسى سىز دىگەندەك يولغا كىرىپ كەتسە بۇ جاھاندا   ساق  قىز قالمايدۇ

بىز شۇنچىلىك ياسالما غورۇرلۇق بولۇپ كېتىپتۇق، كۆز ئالدىمىزدىكى ناھەقچىلىككە قاراپ تۇرىمىزيۇ باشقىلارنىڭ گېپىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىمىز ياقتۇردىغان ئىشنىمۇ قىلالمايۋات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23068
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 15094
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 2396 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 10:08:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  كۈنلەر-كۈنلەرنى قوغلاپ ئۆتىۋەردى، مانا ھەش-پەش دېگۈچە، ماھرە بىلەن ئەكبەرنىڭ يۈرگىنىگە 2ئايمۇ بولۇپ قالغانىدى.ماھىرەنىڭ نەچچە رەت قىستىشى بىلەن ئەكبەر ئاخىرى دىلرۇزغا ئېغىز ئاچتى.
-دىلرۇز، ساڭا بىرگەپ دېمەكچى ئىدىم.«قايسى گەپ؟» دىلرۇز ئەركىلىگەن ھالدا ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلدى.
-ئىككىمىز ئايرىلىپ كېتەيلى، دىلرۇزنىڭ قوللىرى ھاۋادىلا قالدى، كۆزىنى يوغان ئاچقىنىچە، ھەيران قالغان ھالدا ئۇنىڭ گېپىنى تەكرارلىدى.
-نېمە؟ئايرىلىپ كېتەيلى، چاقچاق قىلمايۋاتقانسەن؟
-راست دەۋاتىمەن، ئىككىمىز ماس كەلمەيمىز.دىلرۇز ئەمدى ئۇنىڭ ئەستايىدىل دەۋاتقىنىغا ئىشەندى دە بۇرۇنقى ھۈنىرى بويىچە ئۇنىڭغا ئېسىلىپ يىغلاشقا باشلىدى.
-نېمە ئۈچۈن؟مەن ساڭا بارلىقىمنى بېغىشلىدىم، سەن ئۈچۈن بالا ئالدۇردۇم، ئەمدى مېنى تاشلاپ كېتەمسەن، مېنىڭ سەندىن باشقا ھېچنىمەم يوق ئىكەنلىكىنى بىلىسەنغۇ؟زادى سەۋەبى نېمە؟باشقا بىرسىنى تېپىۋلدىڭمۇ؟
ئەكبەر كۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ قاچتى، دىلرۇزنىڭ ئۆزىنىڭ گۇمانىغا ئىشەندى.
-قايسى پاسكىنا ئۇ؟ ماڭا دەپ بەر، مېنىڭ مۇھەببىتىمنى تارتىۋېلىشقا جۈرئەت قىلغۇدەك،
-ھېچكىم ئەمەس، ئارتۇق ئويلىما.
-مەن ئۇنى چوقۇم تېپىپ چىقىمەن.دىلرۇزنىڭ ئاۋازى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ ئېغىرلاشقان قەدەملىرىنى يۆتكەپ ياتاق تەرەپكە كېتىپ قالدى.
ئەكبەر ئۇنىڭ مىجەزىنى بىلگەچكە، بۇ قېتىممۇ يىغلاپ ئۆزى ئوڭلىشىپ قالار دەپ ئويلاپ، ئارتۇقچە ئويلىماي، ماھىرەگە ئۇچۇر يازدى.
-جېنىم، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتتىم، ئەمدى خاتىرجەم يۈرىمىز.
تېلېفونىنى كارىۋاتقا تاشلاپ قويۇپ چىقىپ كەتكەن ماھىرە غىڭشىغىنىچە يۈزىنى يۇيىۋاتاتتى.
دىلرۇز ئىشىكتىن كىرىپلا، ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلاپ، بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتى. تەلىيىگە يارىشا ياتاقتا ئۇنىڭ بۇ ئەپتىنى كۆرۈپ قالغۇدەك ھېچكىم يوق ئىكەن.يىغلاپ ھېرىپ قالغان دىلرۇز ماھىرەنى يادىغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا دەردىنى تۆكمەك بولۇپ ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرىنى باستى، لېكىن ئۇنىڭ يانفونىنىڭ مۇزىكىسى ياتاقتا ئاڭلاندى.ئۇ ماھىرەنىڭ كارىۋىتى يېنىغا بېرىپ، تېلېفونىنى قولىغا ئېلىپ، بۇ نەگە كەتكەندۇ دەپ ئويلاپ تۇرىشىغا، تېلېفوندا چاقناپ تۇرغان تونۇش نومۇرلارنى كۆرۈپ مېڭىسىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى.
-جېنىم، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتتىم، ئەمدى خاتىرجەم يۈرىمىز
ئەكبەر، بۇ ئەكبەرنىڭ ئۇچۇرىغۇ، ئەسلىدە بۇ پاسكىنا كەينىمدىن ئۇنىڭ بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ يۈرۈپتىكەندە، قاراپ تۇر، سەندىن قانداق ئۆچ ئالىمەنكىن.
  دىلرۇز ئۇنىڭ تېلېفونىنى تاشلاپ قويۇپ، ھېچ ئىشنى بىلمىگەن قىياپەتتە، كارىۋىتىغا چىقىپ يېتىۋالدى.
تالادىن ناخشا ئېيتىپ كىرگەن ماھىرە، دىلرۇزنىڭ يېتىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى.
-نېمە بولدۇڭ، ئاداش، ئاغرىپ قالمىغانسەن.ئورنىدىن قوپۇپ ئۇنىڭ چېچىنى يۇلغۇسى كەلسىمۇ ئۆزىنى ئاران تۇتۇۋالغان دىلرۇز ئۆزىنى زورىغا بېسىپ، چاندۇرماي، كۆزىنى نەمدىدى.
-شۇ ئاداش، ئەكبەر، ئايرىلىپ كېتەيلى، دەيدۇ، ساڭا تېلېفون قىلسام ئالمىدىڭ، ياتاقتا سايراۋاتىدۇ، تالاغا چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ سېنى ساقلاپ ياتقان.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قىن-قىنىغا پاتمىغان ماھىرە دىلرۇزغا يالغاندىن تەسەللى بەردى.
-ئاداش، بولدى كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، ئۇمۇ ياخشى بىر نېمە ئەمەس، ئوغۇل بالا دېگەن جىق، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئوغىسى قاينىغان دىلرۇزنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنى چايناپ پۈركىۋەتكىسى كەلسىمۇ، كېيىنكى پىلانى ئۈچۈن ئۆزىنى يەنىلا تۇتىۋالدى.ماھىرە ئۇنى پەپىلەپ قويۇپ كارىۋىتىغا كېلىپ تېلېفونىنى قولىغا ئالدى.ئەكبەرنىڭ ئۇچۇرى مەزمۇنى بىلەن تەڭ ئېكراندا چاقناپ تۇراتتى.
- جېنىم، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتتىم، ئەمدى خاتىرجەم يۈرىمىز
ماھىرەنىڭ شادلىقى ئىچىگە پاتماي قالدى يۇ يەنە دەككە-دۈككىدە دىلرۇزغا قاراپ قويدى، ئۇ بايقىمىغان ئىدى.دىلرۇزنىڭ دۆتلىكىدىن ئىچىدە نەچچە رەت كۈلگەن ماھىرە ئۆزىنىڭ غەلبىسىنى تەنتەنە قىلىپ ئۇنىڭغا ئۇچۇر قايتۇردى.
-بىلدىم، جېنىم، سېنى سۆيىمەن.
  دىلرۇز بىلەن ماھىرە يەنىلا بۇرۇنقىدەك ياخشى ئۆتىۋەردى، ئەكبەر بىلەن ماھىرەمۇ بىللە يۈرىۋەردى، لېكىن دىلرۇزنىڭ جېدەل چىقىرىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەيتى.لېكىن دىلرۇزدا ھېچقانداق ئىنكاس يوق ئىدى. ئۇ بۇرۇنقىدەك سىنىپقا كىرىپ-چىقىپ يۈرىۋەردى.ھەر قېتىم ماھىرەنىڭ ياسىنىپ سىرتقا چىقىپ كەتكىنىنى كۆرگەن دىلرۇز ئۇنىڭ ئەكبەر بىلەن قۇچاقلىشىپ، شېرىن سۆزلەرنى قىلىدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ ئىچى ئاچچىق بولاتتى، رەشىك ئوتى ئىچىنى تاتلايتى، بۇ ئوت بارا-بارا كۈچىيىپ ئاخىرى ئىنتىقام ئېلىشقا ئۆزگەردى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Girl تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 11:34 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3305
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 355 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 10:11:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەيييييييييييييييييييييي        قىزبالا تۇرۇپ مۇشۇنداق نەسىلەنى يازىدىغان                   ننننننننننننننننننننننننننننننننننننننننننننننننننننننن






                        shettttttttttttttttt بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   faruh193 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 10:11 AM  


ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23068
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 15094
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 2396 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 12:12:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  دىلرۇز تورخانىغا كىرىپ، كۆچمە خەۋەرلىشىشى تور بېكىتىگە چىقىپ، ئەكبەرنىڭ يان تېلېفون نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىنى كىرگۈزۈپ، ماھىرەگە ئۇچۇر يازدى.
-ماھىرە، مەن ياشلار باغچىسدا، سېنى ساقلاپ تۇرىمەن، تېز كەلگىن. تېلېفونۇمنىڭ توكى تۈگەي دەپ قالدى، كەلسەڭلا مېنى كۆرىسەن، جىق ساقلاتمىغىن، ئۇچۇرىمنى قايتۇرمىغىن، بەرىبىر قايتۇرۇلمايمەن.
ماھىرە ئەكبەرنىڭ گېپىنى پەقەت يىرمايتى، ئۇ كىيىملىرىنى كىيىپ تاكسى توساپ، ياشلار باغچىسىغا قاراپ ماڭدى، لېكىن ئۇ ئۆزىنى بۇ يەردە بىر مۇدھىش تەقدىرنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى.
ماھىرە ياشلار باغچىسىغا بېرىپ، ئەكبەرنى ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ باقاي دېگىنىچە تېلېفونىنى ئالدى دە، ئالدى تەرەپتىن كېلىۋاتقان دىلرۇزنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى.
- بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن، ئاداش؟دىلرۇزنىڭ كۆزلىرىدىن مۇغەمبەرلىك يېغىپ تۇراتتى.
-دوستۇمنى ساقلاۋاتىمەن.
-قايسى دوستۇڭنى؟ئوغۇل دوستۇڭنىمۇ؟ماھىرە بۇنى ئاڭلاپ، ھودۇقۇپ كەتتى.
-ئەكبەرنى ساقلاۋاتىسەن، شۇنداقمۇ؟ئۇ يېقىنلاپ كېلىشكە باشلىدى، ماھىرە ئارقىسىغا داجىدى.
-ئىسىت، سېنى يېقىن دوستۇم دەپ كەپتىمەن، دۇنيادا ئوغۇل بالا ئازمىتى، نېمە ئۈچۈن ئۇنى تاللايسەن، مېنىڭ كەينىمدىن پىچاق تىقىسەن؟
-كەچۈرگىن، مەن خاتا قىلدىم، لېكىن ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، مەندىمۇ ئامال يوق.ماھىرە دىلرۇزنىڭ بۇ ئەپتىگە قاراپ پەسكويغا چۈشتى.
-كەچۈرۈڭ دېسەڭلا ئىش پۈتەمدۇ، بۇ دۇنيادا ئەكبەردىن باشقا ماڭا ھېچكىم ھەقىقىي مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇرۇپ باقمىغان، ئۇ مەن بىلەن كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، سەن پاسكىنا ئۇنى ئېزىقتۇرمىساڭ، ئۇ سەن بىلەن ھەرگىز ئېغىز بۇرۇن يالىشىپ ئولتۇرمايتى، سەن بەك رەزىلكەنسەن.بۇ گەپنى ئاڭلىغان ماھىرەنىڭ ئوغىسى قاينىدى.
-نېمە؟ بىلسەڭ ئەكبەر ئىككىلىمىز بىر-بىرىمىزگە بىر كۆرۈپ ئاشىق بولغان، مەن ئۇنى سۆيىمەن، كىچىكىمدىن باشلاپ ئېرىشىمەن دېگەن نەرسەمگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان ئادەممەن، مانە بۇ قېتىممۇ ئۆزۈم سۆيگەنگە ئېرىشتىم، ئۇنىڭ سېنى تاشلىۋەتكىنىنى ئۆزۈڭنىڭ سۇلغۇن چىرايىڭدىن كۆر، يىغلاشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان سەندەك دۆت نېمىگە ھەممە ئادەمنىڭ ئۆچلىكى كېلىدۇ، شۇڭا ئاتا-ئاناڭ بىكار تاشلىۋەتمەپتىكەن سېنى، سېنى ئالسا نەس باسىدىغىنى بىلىپ سېنى موماڭغا تاشلاپ قويۇپتىكەن، بىچارە.
ماھىرە يەنە بىرنەرسىلەرنى دەپ بىلجىرلاۋاتاتتى، ئۇنىڭ كۆزىگە ماھىرە بارغانسېرى سەت، بەتبەشرە، ئالۋاستىدەك كۆرۈنۈشكە باشلىدى، بولۇپمۇ ماھىرەنىڭ "شۇڭا ئاتا-ئاناڭ بىكارغا تاشلىۋەتمەپتىكەن سېنى"دېگەن گەپلىرى قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاپ، ئۇ قولىنى سومكىسىغا تىقىپ، تەييارلاپ قويغان پىچىقىنى ئالدى. بۇنى كۆرگەن ماھىرە قورققىنىچە، ئادەم بارمۇ؟قۇتقۇزۇڭلار دېگىنىچە قېچىشقا باشلىدى. دىلرۇز ئۇنىڭ قاچقىنىنى كۆرۈپ، ئىنتىقام كۈچىنىڭ تۈرتكىسىدە ئەۋزەيلەپ، ئۇنىڭ كەينىدىن بىر پىچاق ئۇردى.
-كەينىدىن پىچاق ئۇرۇش دېگەن مۇنداق بولىدۇ، رەسۋا
-ئۇنداق قىلما، مېنىڭ ئۆلگۈم يوق دىلرۇز، ھوشۇڭنى يىغ، ماقۇل مەن ئەكبەرنى قايتۇرۇپ بېرەي.ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى چىقمايلى قالدى، پىچاق ئۇنىڭ دۈمبىسىنى تېشىپ ئۆتۈپ ئۇدۇل يۈرىكىگە بارغانىدى.
دىلرۇز ماھىرەنىڭ گەپ قىلالماي قالغىنىنى كۆرۈپ، قورقىنىدىن پىچاقنى تاشلاپ، ئۇدۇل ئۆيىگە يۈگۈردى.بۇ يەر كىچىكىدىن باشلاپ، خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسا پاناھ بولىدىغان بىردىنبىر جاي ئىدى. ئالاقزادىلىكتە ئۆيگە كىرگەن دىلرۇز مومىسىنىڭ ۋاي نېم بولدۇڭ دېگىنىگە قارىماي ياتاق ئۆيىگە يۈگۈرۈپ كىرىپ ئىشىكىنى تاقىۋالدى.ئۇنىڭ بەدىنى توختىماي تىترەيتى. بىردەمدىن كېيىن ئۇ ئېسىنى يىغىپ ئەكبەرگە تېلېفون قىلدى.
- ئەكبەر، مەن سېنى بەك سۆيىمەن، دۇنيادا باشقا ھېچكىمنى سەندەك ياخشى كۆرۈپ باقمىغان، سېنى دەپ مەن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويدۇم، مېنى كەچۈرەسەنمۇ؟
-ۋاي سەن نەدە، نېمە ئىش قىلدىڭ
-مەن ماھىرەنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇم.
-ۋاي نېمە دەيدىغانسەن؟سەن ھازىر نەدە؟
-ئەمدى مېنى تاپالمايسەن، مېنى تۈرمىدە ياتقىم يوق، بىلسەڭ بۇلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭ سەۋەبىڭدىن بولدى، سېنى ھېچقانداق قىز مەندەك ياخشى كۆرمەيدۇ، بۇنىڭغا ئىشەن، مەندەك ھاياتىدىن كېچىپ ياخشى كۆرمەيدۇ، سەن مەڭگۈ ۋىجدان ئازابى تارتىپ ياشا، ئۆلسەممۇ روھىم سېنى ئارامىڭدا قويمايدۇ، ھەركۈنى چۈشۈڭگە كىرىپ سېنى باشقا قىزلاردىن تارتىۋالىمەن.
ئەكبەرنىڭ بېشى پىررىدە قىيىپ كەتتى، ئۇ دەرھال تېلېفوننى قويۇپ ماھىرەگە تېلېفون قىلدى.
-ۋەي، ماھىرەمۇ، سەن نەدە؟
-ياخشىمۇسىز، سىز نەدە، سىز ئۇنىڭ نېمىسى بولىسىز، مەن ساقچى، ئۇ ھازىر دوختۇرخانىدا، تېز يېتىپ كېلىڭ .
ئەكبەر قولىدىكى ئىشلىرىنى تاشلاپ، ئۆيىدىن ساپما كەش بىلەنلا يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى، ئۇ دوختۇرخانىغا كەلگەندە ئوپېراتسىيە ئۆيى سىرتىدا بىر نەچچە ساقچى ۋە ناتونۇش كىشىلەر تۇراتتى.ئۇ ساقچىنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدى.
-مەن ھازىر تېلېفون ئۇرغان كىشى، ئىسمىم ئەكبەر
-سەن ئۇنىڭ نېمىسى بولىسەن؟
-مەن ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى، ئۇنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟
-ياخشى ئەمەس، ئۆلۈپ كېتىش خەۋىپى بار؟
-نېمە؟ ئەكبەر ئاغزىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپلا قالدى.
-ئۇنى دوختۇرخانىغا ئەكەپ قويغانلارنىڭ دېيىشىچە، بىر قىز ئۇنىڭ كەينىدىن پىچاق ئۇرۇپتۇ، باشتا ئۇلار تاكاللىشىپتىكەن، كېيىن ئۇ قىز پىچاق ئۇرۇپتۇ، بۇلار ئۇ قىزنى توسۇۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي قاپتۇ. ئۇ كىم بىلەمسەن؟
-دىلرۇز. ئەكبەر ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاستاغىنە پىچىرلىدى.
-نېمە؟سەن ئۇنى تونۇمسەن؟ئۇنىڭ ئادرېسىنى دەپ بەر؟بۇلار بىلەن بىللە بارغىن
-ياق، مەن ھېچ يەرگە بارمايمەن، مۇشۇ يەردە ماھىرەنىڭ ئويغۇنىشىنى كۈتىمەن.
-ئەمىسە ئادرېسىنى دەپ بەرگىن.
ئەكبەر ئادرېسىنى ئۇلارغا دەپ بېرىپ، ئوپېراتسىيە ئۆيىنىڭ ئىشىكىگە يۆلىنىپ ياش تۆكۈشكە باشلىدى. ئۆزىنىڭ ئاخماقلىق قىلىپ، بۇ مۇھەببەتنى خاتا باشلىغانلىقىدىن، خاتا داۋاملاشتۇرغىنىدىن، دىلرۇزنىڭ ئىشىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلماي تۇرۇپ، ماھىرەگە زىيانكەشلىك قىلىپ قويغىنىدىن قاتتىق ئۆكۈندى. ئىنسان ئاشۇنداق، پەقەت زىيان تارتقاندا ئاندىن ئۆزىنىڭ خاتالىقىغا ئېچىنىدۇ.ئۇ ئىككى قىزنىڭ بېشىغا چىققانىدى، ئۇ چاچلىرىنى يۇلۇپ، يۈزلىرىنى كاچاتلاپ، ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.
ساقچىلار دىلرۇزنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كېلىپ ئىشىكنى كۈچەپ قاقتى.ئىشىكنى موماي ئاچقان بولۇپ، ئۇلارنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى.
-دىلرۇز بارمۇ؟
-بار، سىلەر ئۇنى نېم قىلىسىلەر؟
-ئۇ بىر قىزغا پىچاق سېلىۋەتتى، ئۇنى تۇتقىلى كەلدۇق. ئۇ قەيەردە؟بۇنى ئاڭلىغان موماي شۇ يەردىلا ھوشىدىن كەتتى، ئۇلار موماينى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، باشقا ئۆيلەرنىڭ ئىشىكىنى قاقتى.پەقەت بىر ئۆيگىلا قۇلۇپ سېلىغلىق ئىدى، ئۇلار ئىشىكنى كۈچەپ ئۇرۇپ ئاچالماي، ئاخىرى تېپىپ ئاچتى.ئىچىدە بىر ئۇيقۇغا كەتكەن قىز ياتاتتى، ئۇلار يەرگە چېچىلىپ تۇرغان ئۇيقۇ دورىسى ۋە ئۇنىڭ قۇتىسىنى كۆرۈپ ئۇنى كۆتۈرۈپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى.دوختۇرخانىغا بارغىچە دىلرۇزنىڭ يۈرەك كېسىلى بار مومىسى ئاللىقاچان ئالەمدىن ئۆتكەنىدى.دىلرۇزنى دوختۇرخانىغا ئەكەلگەندە، ئۇنىڭمۇ يۈرىكى سوقۇشتىن توختىغانىدى.شۇنداق قىلىپ بىر مۇھەببەت تراگېدىيەسى ئۈچ جانغا زامىن بولدى.
ماھىرەنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئايروپىلاندىن چۈشكەندە، ئۇلارنىڭ قىزىنىڭ يۈزىگە ئاللىقاچان ئاق رەخت يېپىپ قويۇلغانىدى. ئۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ئاپىسى يۈزلىرىنى تاتلاپ يىغلاپ كەتتى، ئۇ قىزىنىڭ بۇ ھالىتىنى چۈشىدىمۇ ئويلاپ باقمىغاچقا، بۇنى قوبۇل قىلالمايۋاتاتتى. دادىسى قولىنى تامغا مۇشتلاپ ئاچچىق ياشلىرىنى تۆكتى، ئۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى قوغداپ تۇرۇپمۇ، ئۆز قىزىنى قوغدىيالمىغانلىقتىن قاتتىق ئۆكۈندى.ئەگەر ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولغان بولسا ھە، ئۇلار زادى نېمىنى خاتا قىلدى، قىزىنى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىپمۇ، ياكى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ سىردىشىپ، يېقىنقى ئەھۋالىنى ئۇقۇپ تۇرمىغانلىقنىمۇ ۋە ياكى قىزىغا كىچىكىدىن ھەممىنى ئېلىپ بېرىپ، ئاچكۆز مىجەزىنى يېتىلدۈرۈپ قويغانلىقنىمۇ، ئېنىقكى قىزى بۇ قېتىم تالىشىدىغان ئوبيېكتىنى خاتا تاللىغان ئىدى.
  يەنە بىر دوختۇرخانىغا دىلرۇزنىڭ ئاتا-ئانىلىرى يېتىپ كەلدى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئۆلۈم يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھالى تېخىمۇ خاراپ ئىدى.ئۇلار قىزىنى بۇ  ھالەتتە كۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ئۈچۈن قاتتىق ئازاپلاندى.ئەينى ۋاقىتا، يېنىكلىك قىلىپ، بىر-بىرىدىن ئاجراشقىنىغا، قىزىنى ساغلام، مۇھەببەتكە تويۇندۇرۇپ چوڭ قىلمىغىنىغا پۇشايمان قىلدى. پۇشايماننى ئالغىلى قاچا بولغان بولسا، ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولغان بولسا، ئۇلار ئىكلەنمەي ئەينى ۋاقىتتىكى قارارىنى ئۆزگەرتكەن بولاتتى.
  شۇنداق قىلىپ بىر كۈندە، ئۈچ مېيىت ئۇزۇتىلدى، ئەكبەر ئۆزىنى كەچۈرەلمەي، كەينى-كەينىدىن كەلگەن بۇ تراگېدىيەگە قانداق يۈزلىنىشنى بىلمەي، ئىشىكىنى تاقىۋېلىپ، ئۆيىدىن چىقماي، ئاچچىق يېشىنى تۆكتى. ياغلىق چىگىپ چىققان گۈلشەن، گۈلقىز، دىلدارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزىدە ياش يۇقى بولۇپ، ئۇلار بۇ ئىككى دوستىنىڭ ئۆلۈمىگە قاتتىق ئۆكۈندى، ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى بىلگەندە بولسا بۇنچە نادانلىق، قاراملىق، يېنىكلىك قىلغىنىدىن قاتتىق ئېچىندى، لېكىن تەقدىرنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىكەن، ھەركىم پېشانىسىگە پۈتۈلگەننى كۆرىدىكەن، بارلىق كىشىلەر يىغلاپ قاقشاپ، بۇلارنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۇزۇتۇپ قويدى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Girl تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 01:31 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105067
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1056
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2014-3-20
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 12:18:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىز شۇنداق ياخشى چىقىۋاتىدۇ.داۋامىغا تەشنامەن .

كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7209
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 02:12:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالغان ئۈچ قىزنىڭ تەقدىرى قانداق بولار؟

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش