مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Girl

بەش ساھىپجامالنىڭ تەقدىرى(ھېكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23068
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 15094
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 2396 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 11:53:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئۇلار تەڭلا 215ياتاققا يېتىپ كەلدى. قوللىرىدىكى ئېغىر سومكىلىرىنى قويۇپ ، بىر-بىرىگە زەن سېلىشتى، ھەممىسىنىڭ ئۈستى-بېشىغا كۆز يۈگۈرۈتۈپ چىققان گۈلشەن ئاۋۋال سۆز ئاچتى:
-مېنىڭ ئىسمىم گۈلشەن، قەشقەردىن، سىلەر بىلەن تونۇشقىنىمدىم خۇرسەنمەن
-مېنىڭ ئىسمىم گۈلقىز، كورلىدىن
-مېنىڭ ئىسمىم دىلدار
پەقەت ماھىرە بىلەن دىلرۇز ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش ئىدى، گۈلشەن ئۇلارغا قاراپ قويۇپ :
-سىلەرنىڭ ئىسمىڭلار نېمە؟دەپ سورىدى
-ماھىرە
-دىلرۇز
بۇ ئىككىسى بىلەن ئۇنچە ئىتتىك چىقىشىپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى ئويلىغان گۈلشەن ئاغزىنى ئۈمچەيتىپ قويدى.نەرسىلەرنى رەتلەپ بولۇپ بىكار بولغان گۈلشەن گۈلقىز، دىلدارلارنى ئەگەشتۈرۈپ تاماققا چىقىپ كەتتى.ماھىرە دىلرۇزنىڭ سۈزۈك، ئاپئاق تېرىسىدىن مەستلىكى كېلىپ قاراپ قويدى دە:
-سىز ئۈرۈمچىدىنمۇ دەپ سورىدى.
-ھەئە
-ئىسمىڭىز نېمە؟
-دىلرۇز، سىزنىڭچۇ؟
-ماھىرە،ئىسمىڭىز بەك يېقىملىقكەن
-رەھمەت، بىللە تاماق يەپ كىرەمدۇق
-بولىدۇ، چاتاق يوق
ئىككى قىز كۈلۈشۈپ چاقچاقلىشىپ مەكتەپنىڭ يېنىدىكى دولان ئاشخانىسىغا يېتىپ كەلدى.ئاشخانىدا گۈلشەن ئۈچەيلەن بار ئىدى.گۈلشەن ئۇلارغا ئۆرۈلۈپ قاراپ قويدى.ئايرىم ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇرغان دىلرۇز ئۇلارنى ئىشارەت قىلدى:
-ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇرامدۇق؟
-بولدىلا، ئۇلار بىلەن گېپىمىز بىر يەردىن چىقمايدىغاندەكلا
-شۇنى دەيمەن، مەيلى ئەمىسە
ئۇلار ئىككى قاچا قۇرغاق قورۇلغان سومەن بۇيرۇتۇپ، ئىشتىھا بىلەن يەپ، ماھىرە مەرتلىك بىلەن پۇلىنى تۆلىۋەتكەندىن كېيىن، بىر-بىرىنى قولتۇقلىشىپ چىقىپ كەتتى.ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قاراپلا قالغان گۈلشەنگە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ياراتمىغىنى ئېغىر كەلگەنىدى.
  كەچتە ئۇلار ناخشا ئاڭلاپ، يۇرتلىرى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ يېتىپ قالدى، دىلرۇز ماھىرەگە ئۆيۈمنى كۆرسىتىپ كېلەي دەپ بىللە ئېلىپ چىقىپ كېتىپ، كەچتە مومىسىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدى.ماھىرە مومىسى بىلەن بىللە تۇرغان بۇ يالغۇز قىزغا قاراپ ھەم  ھەيران قالدى ھەم قايىل بولدى، لېكىن ئۇنىڭدىن ئارتۇق گەپ سورىمىدى.
  كۈنلەر-كۈنلەرنى قوغلاپ ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ مەكتەپكە كەلگىنىگە يېرىم يىلمۇ بولۇپ قالدى. بۇ جەرياندا ئۇلار بىر-بىرى بىلەن ئامراق دوستلاردىن بولۇپ قالمىسىمۇ، ھەر ھالدا بىر-بىرىگە گەپ قىلىپ، سالاملىشىپ ئۆتىدىغان بولدى.گۈلشەن تۈرلۈك ئاماللارنى ئىشلىتىپ، ماھىرە بىلەن دىلرۇزنىڭ سېپىگە قېتىلىۋالدى.مەكتەپكە كەلگەندىن بېرى گۈلشەندىكى ئۆزگىرىش ئەڭ چوڭ ئىدى، ماھىرە ۋە دىلرۇز بىلەن دوست بولۇش ئۈچۈن، ئۇ چاچلىرىنى ئوڭشىتىپ، مودا كىيىملەرنى كىيىپ، ئۇلارغا پۇل خەجلەپ بېرىپ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلدى، ئۇ بۇ جەرياندا ئاتا-ئانىسىنى نۇرغۇن قېتىم ئالداپ، ئۆيىدىكى نەچچە مالنىڭ سېتىلىشىغا سەۋەپچى بولدى، لېكىن ئۇنىڭ بۇلارغا پەرۋايى پەلەك ئىدى، پەقەت ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى، ئابرويى، شۆھرىتىنىلا ئويلايتى.گۈلقىز بىلەن دىلدار يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى، گۈلقىزنىڭ تاۋى نازۇك بولغاچقا، دىلدار كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئايايتى، لېكىن گۈلقىز بەزى ۋاقىتلاردا دىلدارنى بازارغا بېرىپ كىيىم ئالايلى دېسە، دىلدار، ئاداش، كىيىم ئالغىچە كىتاپ ئېلىپ ئوقۇيلى، كىيىمىڭ كۆپقۇ دەپ ئۇنىڭ ئىچىنى سىقىپ قوياتتى.
بۈگۈن ياتاقتا گۈلشەن بىلەن گۈلقىزلا بار ئىدى. چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپ ئەينەككە قاراپ گىرىم قىلىۋاتقان گۈلشەننى كۆرگەن گۈلقىزنىڭ ئۇنىڭغا تولىمۇ ھەۋىسى كەلدى.
-ئاداش، كىيىمىڭنى نەدىن ئالدىڭ؟
-شياۋشىمىندىن، چىرايلىقمىكەن.
-ھەئە، مېنىمۇ باشلاپ بارغىنچۇ، دىلدارغا دېسەم بىللە بارىدىغانغا ئۇنىمىدى.
-ماقۇل ئاداش، سەنمۇ نېمە ئۇ مەتۇ بىلەن بىللە يۈرىسەن، سەن شۇنداق چىرايلىق تۇرساڭ، چىرايلىق كىيىنىپ باشقىلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىپ يۈرمەمسەن؟
-شۇشۇ، ئاداش، مەنمۇ ئاشۇنداق يۈرۈشنى خالايمەن، لېكىن سەن دائىم دىلرۇز،ماھىرەلەر بىلەن بىللە يۈرۈپ مېنى تاشلاپ قويغاچقا، مېنىڭ دىلدار بىلەن بىللە يۈرۈشتىن باشقا ئامالىم يوق.
-ۋاي ئاللا، بالدۇر دېسەڭ بولمامتى، مەن ئىككىڭلارنى بىر قولۋاقتىكىلەر ئوخشايدۇ دەپ، سېنى ئۇنىڭغا تاشلاپ قويۇپتىمەن، بۇندىن كېيىن سەن بىز بىلەن بىللە يۈر ھە!مەن ماھىرە بىلەن دىلرۇزغا دەپ قويىمەن.
   ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان گۈلقىز شۇنداق خۇشال بولۇپ كەتتى، راستىنلا ئىككى كۈندىن كېيىن گۈلقىز ئۇلار بىلەن بىللە ھەمرەمباغ تېز تاماقخانىسىغا تاماق يىگىلى باردى، گۈلقىز گۈلشەننىڭ دېگىنى بويىچە تاماقنىڭ پۇلىنى تۆلىدى، ئۇلارنىڭ دوستلىقى مانا شۇ بىر ۋاق تاماقتىن باشلاندى.گۈلقىزنىڭ تېزلا ئۆزگىرىپ كەتكىنىنى كۆرگەن دىلدار ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويدى دە باشقا گەپ قىلمىدى، لېكىن ئۇ يالغۇزسىراپ قالدى، يېنىدا بىرمۇ دوستى يوق، بەزى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭمۇ ئۇلارغا قېتىلىپ يۈرگىسى كەلسىمۇ، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئۇلارغا ئوخشاش ئاتا-ئانىسىنى ئالداپ پۇل ئالغۇسى كەلمەيتى.ھەربىر ئادەمنىڭ تەقدىرى ئۆزىگە، نىيەت-ئىقبالىغا قاراپ بولىدۇ، بەزىدە كەچكەن بىر نەچچە سېكۇنتلۇق بىمەنە خىياللىرىمىز ئۈچۈن پۈتمەس-تۈگىمەس پۇشايمانغا قالىمىز، بەزىدە باسقان بىر قەدەم خاتالىقىمىز ئۈچۈن داۋاملىق خاتالىشىشقا مەجبۇر بولىمىز، ھەممىمىز ئىنسان، خاتالاشماي تۇرالمايمىز، لېكىن قايتا-قايتا خاتالىشىش ئۇ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسى، ئۆزىمىزنىڭ تاللىشى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Girl تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-4 12:31 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108711
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 267
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2014-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 02:49:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپسىز ،داۋامىغا تەشنامىز

بىر قاراشتا ھەممە خاتىرجەم، ئەمما باردۇر دەردى ئىچىدە. كۈلۈپ يۈرگەن بىلەن كۈندۈزى، يىغلىمايدۇ كىملەر كىچىد ...

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6908
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1924 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 05:20:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىڭلار پىتى  قۇلاقكەنسىلە      ئاتايىتەن  ئىنكاس  يازماڭلار  دەپ قويغىلى ئىنكاس يازدىم  جۇما  ھە     


     داۋامىنى   تىزراق  ھە...  بولمىسا ما  ياغاچ  قۇلاقلا  ئىنكاس  يىزۋالدىكەن  ...
    ئەمدى  ئىنكاس يازماڭلار ھە  

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2217
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5477
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1340 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 05:43:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بەش قىز بالا پۇلنى  دەپلا ئاخىرى خەقكە ۋاقىتلىق خوتون بولۇپ، ئىپپىتىنى يوقىتىپ، مەكتەپتىن قايىتقاندىن كىيىن تور قىلغان ئەرلىرىنى ئالداپ ئاخىرلىشىدىغۇ دەيمەن.

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23068
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 15094
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 2396 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 05:49:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن شەنبە، دىلدار كىتاپخانىغا دەرس تەكرارلىغىنى چىقىپ كەتكەن، گۈلقىز بىلەن گۈلشەن بازار ئايلانغىلى كەتكەن بولۇپ ياتاققا دىلرۇز بىلەن ماھىرە قالغان ئىدى.ماھىرە زېرىكىپ تېلېفونىنى ئوينىغاچ، دىلرۇزنىڭ بىرنەرسىنى كۆتۈرۈپ تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.بىردەمدىن كېيىن ئۇ يىغلاپ چىقتى:
-ئاداش، بويۇمدا قاپتۇ.
ماھىرە ياتقان ئورنىدىن لىككىدە قوپۇپ كەتتى.
-توۋۋا، دېگىنە ئاداش، نېمە دەيدىغانسەن؟
-مەن ھازىر تەكشۈردۈم، ئۇنىڭ قولىدا ھامىلىدارلىقنى سۈيدۈكتىن تەكشۈرۈش ئەسۋابى تۇراتتى.
-ۋاي خۇدا، نېمە دەپ دىققەت قىلمىغانسەن؟
-ئاشۇ ئەكبەر بولمامدۇ، بىر قېتىم ئالدىنى ئالمىغانغا بويۇڭدا قالامتى دېگەنتى، ئەمدى قانداق قىلارمەن.
-چۈشۈرىۋەتكەن، ماھىرە بۇ گەپنىڭ ئاغزىدىن قانداق چىكىتىپ قالغانلىقىنى بىلمەي قالدى.
-ئۇنى تاپقىن، ئەكبەرگە راستىنى ئېيتقىن، ساڭا پۇل بەرسۇن، چۈشۈرۈۋەتكىن، ئۇ ئىشىكنى ئاستا يېپىپ قويۇپ، خۇددى ئىش كۆرگەن قىزلاردەك ئۇنىڭغا دەرس ئۆتكىلى تۇردى.
-ئاشۇنداق قىلىشتىن باشقا ئامال يوق ئەمدى، دىلرۇز يىغلىغىنىچە، يوتقاننى يۈزىگە پۈركىۋالدى، ئۇ زادى نېمىگە ياش تۆكتى، ئەمدىلا ئاپىرىدە بولغان بالىسىنى ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرۈش ئالدىدا تۇرىدىغىنىغىمۇ ۋە ياكى ئۆزىنىڭ يىنىكلىك قىلىپ، ئەكبەرگە ئۆزىنى تۇتقۇزۇپ قويغىنىدىنمۇ، ۋە ياكى ئاتالمىش مۇھەببەتكە تەشنالىغىدىن مۇھەببەتنىڭ قۇلى بولۇپ قالغانلىقىدىن ئېچىنىۋاتامدۇ، بۇنى ئۆزىمۇ بىلمەيتى.لېكىن شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ كۆڭلى ھەقىقەتەن يېرىم بولدى، قورسىقىنى سىلاپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىنى بىلمەيتى.چۈشىدە ئۇ بىر بوۋاقنى كۆردى، ئۇ بوۋاق قانغا مىنەلگەن بولۇپ، ئاستا ئۇنىڭ كارىۋىتىغا يېقىنلىشىپ، ئاپا، ئاپا دەپ ئۇنىڭ يۈزلىرىنى سىلايتى، بىردەمدە بوۋاق قاقاقلاپ كۈلگىنىچە ئۇنىڭ كانىيىنى سىقتى.
-ئا......................
دىلرۇزنىڭ چىقىرىشى بىلەن ماھىرە چۆچۈپ كېتىپ، يۈگۈرۈپ ئۇنىڭ يېنىغا باردى.
-نېمە بولدۇڭ ، ئاداش، ئادەمنى قورقۇتمىغىنە؟دىلرۇز كۆزىنى ئېچىپلا ماھىرەنى قۇچاغلىۋالدى.
-ئاداش، بۇ بالىنى چۈشۈمدە كۆردۈم، ئۇ مەندىن ئۆچ ئالغىلى كەپتۇ.
-ۋاي ئاداش، بالا تېخى قورسىقىڭدا، ئادەمنى قورقۇتمىساڭچۇ؟!
-ئاداش، قانداق قىلارمەن؟بۇ بالىنى قانداق چۈشۈرىمەن.
-ئاداش، قورقمىغىن، ئەتە دوختۇرخانىغا بېرىپ باقايلى، ئەكبەرگە تېلېفون قىل.دىلرۇز ئەكبەرگە تېلېفون قىلىپ، بىردەم يىغلىغاندىن كېيىن ئۇنى ئەتە دوختۇرخانىغا بىللە بېرىشقا ئۇناتتى.دىلرۇز تېلېفوننى قويۇپ ماھىرەنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ:
-ئاداش، بۇ گەپلەرنى ھېچكىمگە تىنما دەپ جېكىلىدى.
-خاتىرجەم بولغىن ئاداش، ماھىرەمۇ  ئۇنىڭ بەختسىزلىكىگە ئىچى سىيرىلغان ئىدى.
ئەتىسى، ماھىرە بىلەن دىلرۇز باشقا قىزلارغا بازارغا بارىمىز دەپ چىقىپ كېتىپ، ئۇدۇل ئانا-بالىلار دوختۇرخانىسىغا يېتىپ كەلدى. گۈلشەن بۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن ئازراق گۇمانلانغان بولسىمۇ ئامال يوق ياتاقتا قېلىپ قالدى.يېرىم سائەتتىن كېيىن ئەكبەر يېتىپ كەلدى،ئەكبەر ئېگىز بويلۇق،  كېلىشكەن بالا بۇلۇپ، بەدەن قۇرۇلمىسى خۇددى چەتئەل مودىللىرىدەك قاۋۇل ھەم قاملاشقان ئىدى. ماھىرە ئۇنىڭغا ئىختىيارسىز ئوغرىلىقچە نەچچە رەپ قارىغىنىنى بىلمەيتى، راستىنى ئېيتقاندا ئۇ بۇ كەمگىچە بىرەسىنى ياخشى كۆرۈپ باقمىغانىدى، گەرچە نۇرغۇن پۇلدار يىگىتلەر ئۇنىڭ كەينىدە يۈرسىمۇ، ئۇ كۆز قىرىنى سالمايتى، لېكىن بۇئۇ بۈگۈن نېمە بولدى ، يۈرۈكى نېمە ئۈچۈن بۇنداق تېز سوقىدۇ، ئاھ خۇددا، مەن ئۇنى بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قالمىغاندىمەن، ئۇنىڭ يۈزى ئوت بولۇپ ياندى، بىر ئوت ئۇنىڭ يۈزىگە ئەمەس يۈرىكىگە تۇتاشقانىدى، لېكىن  دىلرۇزنىڭ ھالى خاراپ، ئۇ ئەكبەرگە تىكىلىپ قارىيالمىدى.
-ياخشىمۇسىز، ئەكبەر ماھىرەگە مەنىلىك كۈلۈمسىرىدى.
-ياخشىمۇسىز، ماھىرەنىڭ قەلنى تىترەيتى.
   ئۇ دىلرۇزنى قولتۇقلىۋالدى، دىلرۇز ئۇنىڭغا ئېسىلىپلا يىغلاپ كەتتى، ماھىرەنىڭ دىلرۇزغا ئىچى ئاغرىسىمۇ، ئۇنىڭ ئەكبەرگە ئېسىلىۋالغىنىنى كۆرۈپ ھەسەتخورلۇقى قوزغالدى. ئەكبەر بۇنى بىلىپ قالغاندەك، قولى بىلەن دىلرۇزنى پەپىلىگەچ، كۆزلىرىنى ماھىرە تەرەپكە ئاغدۇراتتى.ئەجىبا، ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغانمىدۇ، ماھىرە بۇ خىياللارنى تازا بىئەپ ۋاقتىدا سۈرگەنلىكىنى سېزىپ، ۋاقتىدا خىيالىنى يىغىشتۇردى.
  ئەكبەر دىلرۇزنى ئوپېراتسىيەخانىغا ئەكىرىپ قويۇپ، ماھىرە بىلەن بىللە سىرتتا ساقلاپ تۇردى،سۈكۈتتە تۇرۇش يېرىم سائەت داۋاملاشقاندىن كېيىن، ئەكبەر سۆز ئاچتى.
-ئىسمىڭىز نېمە؟
-ماھىرە.
-ھە، دىلرۇزنىڭ دوستى بولامسىز؟
-ھەئە، ياتاقدىشى
-ئۈرۈمچىدىن
-ياقەي، ئاقسۇدىن.ئەكبەر ماھىرەگە سەپ سالدى، بۇ قىز تولىمۇ چىرايلىق ھەم مودا كىيىنگەن بولۇپ، گۈزەل ھۆسنى بىلەن دوختۇرخانىنىڭ بۇرۇقتۇم كەيپىياتىنى ئالاھىدە تەڭشەپ تۇراتتى.
-تېلېفون نومۇرىڭىزنى خاتىرلىۋالسام بولامدۇ؟دىلرۇزنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇشقا ئەپلىك بولىدىكەن.
-ماقۇل، ئۇ تېلېفون نومۇرىنى ئېيتىپ بەردى، گەرچە ئۇنىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئېلىش سەۋەبى ئۇنى ئازراق بىئارام قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرالايدىغانلىقىنى ئويلاپ قەلبى تەسۋىرلىگۈسىز ھاياجانغا چۆمدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Girl تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-4 06:03 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89457
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2274
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 06:34:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بانكىر يوللىغان ۋاقتى  2014-12-4 05:43 PM
بۇ بەش قىز بالا پۇلنى  دەپلا ئاخىرى خەقكە ۋاقىتلىق خوتو ...

بەلكىم    .............................مەنمۇ ئاشتا پەرەز قىلغان

ئــــــۇيــــغـــــۇرۇم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4975
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6214
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 06:38:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى  تېز - تېز يازسىڭىز بولاتتى .  مەن  يوللىغان كۈنىڭىزدىن  باشلاپلا  ئۇقۇۋاتاتتىم ، ئەپسۇس ، ۋاقىت  بەك ئۇزۇراپ كەتتى .

ئاۋۇ ياغاچ قۇلاقلارغا  ئىنكاس يازماڭلا  دىسىڭىزمۇ   يېنىلا  يېزىۋالدى .  ئىنكاس يازمايمۇ بولمايدۇ  ،  تېما  ئارقا بەتكە  ئۆتەپكەتسە   داۋامىنى  يازالمايتىڭىز  ..

ئـــــــــــەرنىڭ بــــــــــــــــــــەختى ۋاپادىن ، ئـــــــــــــــــايــــــــــــــالنىڭ بەختى  ھايادىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89457
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2274
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 06:40:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزەلدىنغۇ مۇشۇ قىزبالا دىگەننىڭ  ئاداشلىردىنلا  كىلدۇ بۇ يامانلىق

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109197
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1133
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2014-8-15
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 07:15:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىنساپسىز ئادەمنىڭ كۆڭلى قارادۇر،
نادان ۋە ئاچكۆزلەر ئەلگە بالادۇر.
ئىناقلىق بولمىغان قەۋم ئۇ ھامان،
ئاخىر قان يىغلاپ دەردتە قالادۇر.

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1921
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10919
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 1523 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 10:41:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى كۈتىمىز ،ھارمىغايسىز.

جاھان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش