مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: tohotur

ئاۋارچىلىققا تولغان كىچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10432
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 08:34:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ranjimayman يوللىغان ۋاقتى  2014-12-3 04:48 PM
چەتنىڭ بىر ھىكايسى بار ئىدى‹نەس باشقان كىچە ›دەپ،تەرم ...

مۇمكىن  بولسا  ‹ئىسىت ئۇ تۈگەشتى ›ناملىق   ئەسەر نى  ئىزدىشىپ بەرگەن بولسىڭز


كۆپمىننەتدار بولاتتىم

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89457
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 08:34:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى  بادۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89457
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 08:37:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى  بادۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107189
يازما سانى: 595
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2032
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2014-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 10:55:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجىرڭىزگە باركاللا !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 627
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-3 11:12:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇقۇسام ئاخىرى باردەكلا قىلىدۇ ،لىكىن داۋامى يۇللىنىۋاتىدۇ دەپ ئەسكەرتىپ قويماپتۇ .

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1071
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 11:45:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن . كىشىنى ھەقىقەتەن ئويغا سېلىپ قويدى .

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7662
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 12:36:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىچە سائەت ئون ئىككىگە داڭ ئۇردى . ئەمەتجان چۆچەك ئاڭلا ئاڭلا ئاخىرى ئۇيقۇغا كەتتى .شانىياز بالخانىغا شۇ كىرىپ كەتكەنچە ھىچ چىقاي دىمەيتتى .گويا بۇ ئەدەم بۇگۇن كىچە ئۇيقۇنى پۇتۇنلەي ئۇنتۇپ كەتكەندەك . تەشۋىشلەنگەن تەكەخان ھېلى ئۆزىنى ئۇيقۇغا زورلاپ باقاتتى ،ھېلى قۇلۇقىنى دىڭ قىلىپ بالىخانا ئۆيدىكى تىۋىشنى تىڭشايتتى .ئاخىرى بولماي تەكەخان ئاستا بالىخان ئۆينىڭ ئىشكى ئالدىغا كەلدىدە ئشىىكنىڭ يوچۇقىدىن شانىيازنى مارىلاپ باقتى . شانىياز جەينامازنىڭ ئۇستىدە كۆزىلىرىنى يۇمغان ھالەتتە بەدەشقاننى قۇرۇپ تەسۋى  سېرىپ ئولتۇراتتى . ئاغزىدا بولسا شىۋىرلاپ ئىسمى ئەزەم ئوقۇۋاتقاندەك قىلاتتى . قانچە مىنۇت ئۆتتىكىن تاڭ تەكەخان بۇنداق مارىلاشتىن زىرىكىپ ئەمدى كىرىپ ئۇخلايا بولدى ، بۇ ئەدەم ئۇخلامدۇ ئۇخلىمامدۇ ، ئۇنىڭغا مەن گەپ قىلسام ، بومبىنىڭ پىلىكىنى تارتقاندەك بولۇپ قېلىپ بۇگۇن كەچ ئۇخلىيالمايدىغىنى مەن بولۇپ قالماي يەنە دىگەنلەرنى ئويلاۋاتقاندا تۇيۇقسىز شانىيازنىڭ تىلفۇنى جىرىڭلاپ كەتتى .
   شانىياز كەينىگە ئۆرىلىپ زەر قوتقىدىن تېلفۇنىنى ئاجىرتىپ ئالدىدە بارماقلىرىنى تىز تىز ئوينۇتۇپ تىلفۇنىنى ئېچىپ قوبۇل قىلىش كونۇپكىسىنى باستى .-ۋەي ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،-ۋەي شانىياز ئاكامما، مەن مەن ،نازاكەت ، سىز مېنى تونىمايسىز ، مەن مەن مەتنىيازنىڭ ساۋاغدىشى ، ...........ئاكا ئاكا سىزگە دىسەم مەتنىياز مەتنىياز ئىش تېرىپ قويدى . -ئۇكام يىغلىماي ئالدىرماي دەڭ سىزلەر نەدە ئۇ نىمە ئىش تېرىدى . -بىز بىز ئەسلىدە تاماق يەپلا قايتماقچى ئىدۇق ، ئەمما مەتنىياز ئۇ تىبەت قاۋاخخانىسغا (تاڭگولا زاڭباغا )كىرەيلى دەپ شۇ ، -ئاۋۇ دىيەنلى بىڭگۇەننىڭ ئۇدۇلىدىكى تاڭگولا زاڭباغىمۇ -(ئەسلىدە شانىياز ئانا تىلىمىزنى قوغداش ئۇچۇن ھەر يەردە بىر كىشلىك ھەسسە قوشۇۋاتقان بولسىمۇ ئەمما بۇگۇن سەل جىددىلىشىپ قالغاچقا خەنسوچە ئارلاشتۇرۇپ دەۋەتكەنلىكىنى ئۆزىمۇ تۇيماي قالدى ،)ئۇ يەرگە كىرىپ مەتنىياز بەكمۇ جىق ئىچۋەتتى . ئاندىن يەنە ئاندىن ئۇلارنىڭ بىر سيرىلما ئەينەك ئىشكىنى چېقىۋەتتى . ھازىر ئۇلارنىڭ لوبىنى ساقچى چاقىردى ، تىز كىلىڭ ئاكا -ھەبىلدىم بىلدىم مەن ھازىرلا باراي .
مەتنىياز ئەي رەببىم ئاسانلىق بەرگىن ، ئاسانلىق خاتىرجەملىق پەقەت سەن بىلەن دىگىنىچە يېيىقلىق جەينامازىنى يىغىشتۇرۇپ ئورنىدىن ئالدىراش قوپتى . شانىياز چاپاننىڭ يېڭىنى ساپقاچ بالخانا ئۆينىڭ ئىشكىنى ئېچىشىغا كۆزلىرى تەكەخاننىڭ غەزەپلىك كۆزلىرى بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالدى .
-نەگە قارىم بۇ يېرىم كىچىدە ، قايسى نايناق تىلفۇن قىلدى . -ماڭ كىرىپ ئۇيقۇڭنى ئۇخلا -ياق بۇگۇن كەچ ھىېچ يەرگە بارمايسىز دەپ شانىيازنىڭ ئالدىنى توسىدى تەكەخان ،-قانداق دىگەن گەپ  بۇ ئائىلسى بار بىر ئادەم نەدىكى بىر نايناقنىڭ تېلفۇنى بىلەنلا ئۆيدىن چىقىپ كىتىدىغان ئىشمىكەن .-نىمە داۋاتىدۇ ماۋۇ ساراڭ خوتۇن . ھە راست ئاۋۇ چوڭ كارتىنى ئېلىپ چىقە ، ئەسلىدە ھەممە جۇڭ كومنىستىك پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە ھەممە كارتا ئوخشاش ئۆلچەمدە بولىسمۇ شانىيازنىڭ چوڭ كارتا دىگىنى ئىچىدىكى پۇلى كۆپ كارتىنى ئېلىپ چىق دىگىنى ئىدى .-سودا سانائەت بانكىسىنىڭ كارتىسىنى ئېلىپ چىق . -ۋاھ نىم بولدى ، يانچۇقىمىزدىكى پۇل يەتمەمدىكەن نايناقلىغا ، ھەمياندا باشقا كارتىلارمۇ بار ئىدىغۇ . -بولە چاققان ! ئاۋۇ مەتنىياز ئازراق ئىش تېرىپ قويۇپتۇ ،-ھۇۋ -دەپ ئىچىدىن بىر تىنىق چىقاردى تەكەخان ، -مەتنىياز ، مىياۋ مۇشۇكتەك يۇۋاش بالىتىغۇ ئۇ،-دىدى تەكەخان ھەيران قېلىپ ئۇ بۇ قېينى ئۇكىسنىڭ ھاراق ئىچىكىىننى تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتاتتى ،-ۋاي خۇدايىمەي ،بۇ بالا بەكلا يۇۋاش بالىتىغۇ ، -ھە بولدى بولدى .ماڭا يەتكەن ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا ئاتام ياش ۋاقىتلىرىدا ئاز تولا كۆتۇرۇپ قويدىكەنتۇق  بۇ ئىشەكنىڭ سۇيدىكىنى .قارىغاندا بۇ ئىش ئۇكىنىڭ گىنىدا ئىپادىلىنىپ چىقىپتۇ ، بولمىسا مەنمۇ ئۇنىڭ بۇنداق ھاراق ئىچىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن . ھە بولە تولا گەپ قىلماي ئەينەك ئشىكىنى چېقىپتۇ  بۈ جەڭۋا ،- ئۇنىڭ پۇلىنى بىز تۆلەمدۇق دىدى تەكەخان دومسىيىپ ئوزايىدىن ئۇنىڭ قوزغۇلۇپ كارتىنى ئېلىپ چىققۇسى يوقتەك تۇراتتى . -ئەمىسە كارىم بولماي ئۇخلاۋىرەيمۇ يە ، -مەنغۇ ئۇنداق دىمىدىم .- بۇ پۇلىنى كىم تۆلەيدىغانلىقىنى قويۇپ تۇرايلى ، -ھازىرچە بىز تۆلەپ قېرىندىشىمنىڭ كۆتىنى پاكىزلىشىم كېرەكتە . ئاندىن بىر گەپ بولمامدۇ ، -ھە ماقۇل دىدى تەكەخان خوشياقمىغاندەك مېڭىپ ئىچكىرى ھوجۇرنىڭ بىر يەرلىرىنى مالتىلاپ بىرەر مىنۇتلاردىن كىيىن كارتىنى ئېلىپ چىقتى ، قارىغاندا تەكەخان كارتىنى مالتىلىغاچ بۇ پۇل زادى قايتىپ كىلەمدۇ كەلمەمدۇ دىگەنلەرنى ئويلىشىۋاتاتتى . -ھېي بولە دەيمەن ، دىدى شانىياز ئىشىكنىڭ تۇۋىدە ئاياقلىرىنى كىيىپ ماڭىدىغانغا تەق بولۇپ تۇرۇپ ،-ھە راست ساراي ئۆيگە ئورۇن راسلاپ قوي ، مەتنىيازنى ئۆيگە ئېلىپ كىلىمەن ، -ۋاي ئۇ بالىنى چوڭ ئۆيگىلا ئاپىرۋەتسىڭىز ياخشىمىكىن -ھېي ھېچقاچان ئىچىپ چىكىپ باقمىغان بىر بالىسنى غەرى مەست ھالەتتە كۆرسە ياخشى دەمسەن چوڭلارغا -ئىلدام ئىلدام ماڭە گەپنى ئاز قىلىپ ،-ھە راست ئورۇننى راسلاپ بوپ ئىچكىرى ھوجۇردىن چىقما جۇمۇ ئۇكام كەلگەندە ،بولمىسا پۇتۇڭنى چانىۋېتىمەن ، -ۋاي ئەمدى ئوبۇرنىغىمۇ چىققىلى قويمامسىز ئەدەمنى ،-تەلەڭگىنى ئەكىرۋېلىپ شۇنىڭغا سىي . بىرەر كىچىنى خەنسو پەدىسىدە ئۆتكۇزگەنگە نىمە بولاتتى .بىچارە جېنىم ئۇكامنى سەندەك بىر شاڭخوچىنىڭ كۆرۇپ قېلىشىغا يول قويمايمەن مەن . -ۋاييەي ، ئاراقنى ئىچىپ خۇددىنى بىلمەيدىغان ئۇكىسىنى بىچارە جېنىم دەپ كەتكىنىنى ما ئەدەمنىڭ چىقمىدىم بولدى ، ئۆزىڭىز  ئۇكىڭىزنىڭ دىدارىغا ئوبدان قېنىۋېلىڭ بۇگۇن كەچ . بولدى خەيرىلىك كەچ مەن ئارلاشمىدىم ئەمىسە بۇ ئىشلارغا .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tohotur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-4 12:41 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96232
يازما سانى: 400
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2207
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 345 سائەت
تىزىم: 2013-7-22
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 01:04:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەكەخان دىگەن ئىسىمنى تۇنجى ئاڭلاپتىمەن........
يەنە بىر گەپ قېرىندىشىم، مۇمكىن بولسا پىرسۇناژلارنىڭ دىئالوگىنى باش قۇردىن باشلاپ يازسىڭىز، چۈشىنىشلىك ئۇقۇشقا ئاسانراق بۇلامىدىكىن دەيمەن.

كۈنلەر ئۆتۈۋاتىدۇ كۈتۈۋاتىمەن، ئۆتكەن كۈنلەر كۈتكەندەك ئەمەس، كۈتكەن كۈنلەر كەلگەندەك ئەمەس.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17252
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8995
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 01:35:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە ئاخىرى يوق تىمىدىن بىرسى باشلىنىپتۇ دە   

ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەركىمنىڭ ئىشى،يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 623
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7662
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 08:07:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شانىياز ئۆيدىن ئالدىراپ چىققاچ ئۆزىنى بۇ ئىشقا يالغۇز كەپ قالىدىغاندەك ھىس قىلىپ بىردەم تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن ئاغىنىسى قاسىمغا تېلفۇن سوقتى .-ۋەي ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قاسىم ئاداش ، بامۇ ئۆزلىرىى نىم قىيىتلا ؟-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام شانىياز ئاداش نىمە قىلاتتۇق بۇ يېرىم كىچىدە شۇ خوتۇننىڭ ئۇستىدە -دىدى قاسىم شانىياز بىلەن چاقچاقلىشىىپ ، -ھەي ئەسلىدە بۇ يېڭى توي قىلغان قاسىم ئاخۇننى ئاۋارە قىلمايدىغان  ئىشكەنتۇق ،-ھە بولدى بولدى ئۇنداق بولسا مەرھەمەت  ياخشى ھاردۇق ئاسلا ،- ھە ئەمدى تىلفۇننى ئۇرۇپ بوپلا ،نىمە ئىشتى دىسلە دەيمەن ، مەن شۇ سىلىگە چاقچاق قىلغان شۇ ،-شۇ ئازراق ئىش بارتى ئەسلىدە ، ئەمما سىلىۋاغۇ يامان ئىگىز يەرگە چىقۋاپلا دىسلە قاسىم ئاخۇن ،سىلى ئۇ يەدىن چۇشكىچە تاڭ ئاتىدىغاندەك تەرى بار جۇما  بولدى ئۆزەملا تەۋەككۇل قىلىپ بېرىپ باقاي .-ۋاي چاتاق يوق ، شانىياز ئاخۇن ، موشۇ بەش مىنۇت غۇسلى قىلىپ چايقىنىپ چىقساملا تەييار بىز . نىمە ئىشتى دىمەملا دەيمەن . -باشقا ئىشمۇ ئەمەس ، ماۋۇ بىزنىڭ مەتنىياز دىگەن توخونىڭ پوقى ئاۋۇ تاڭگۇلا زاڭبا تىبەت قاۋاقخانىسدا چىلاشقىچە ئىچىپ يەنە جىدەل تېرىپ قاۋاخخانىنىڭ بىر ئەينەك ئىشىكىنى چېقىپ قويۇپتۇ . خوجايىن ساقچىغا مەلۇم قىپتىكەن .مەن شۇ يەرگە ماڭغان بولسا سىلىنىمۇ تەڭ بېرىشپ بىرەمدىكىن دەپ شۇ .ماقۇل ئادىشىم بەش مىنۇت ساقلاڭ ، جېنىم دوستۇم راستىنلا بىر چايقىنىپ چىقمىسام بولمايدۇ دەيمەن .-ئادىشىم موشۇ خاتۇن ئالغاننىڭ ياقى بېلىق بوپ كەتتىڭلار جۇمۇ ، سوغۇڭلا ئېىشىپ كەتتى ھەقاچان ، ئەتە ئۆگۇن بىر كەپتەر شورپىسى بىلەن خىزمىتىڭلەدە بولاي . تېلفۇندا ھاجىگۇلنىڭ سەت ۋاقىرىغان ئاۋازى ، قاسىمنىڭ چۇشەندۇرۇشلىرى ئاڭلاندى . شانىياز تېلفۇننى بېىسىۋەتتى . قاسىمنىڭ بۇ يېرىم كىچىدە خاتۇنى ھاجىگۇلنى قانداق قايىل قىلىپ بەش مىنۇت ئوتتۇز بەش سىكونىت ئۆتكەندە شانىيازنىڭ ئالدىغا چۇشۇشى بىر سىر بولۇپ قالدى .
   -ھەي بۇ سىلىنىڭ ئۇكاڭلا ، ناھايىتى ئوڭلۇق ياۋاش بالىتىغۇ ، نىمە ئەمدى تىبەت قاۋاقخانىسىغا دەڭلا ، - بۇ ئاي بۇ كۇندە بارغۇ ياۋاش كۆرۇنگەندىن  ئەنسىرگۇلۇق ، بۇ گۇينىڭ بالىسى داشۆگە چىققاننىڭ  ياقى  سەل ئېزىۋالدى دەيمەن . بايام تېخى مارۇششاسى تىلفۇن قىپتىكەن ،بىزنىڭ تەكەخان گەپنى چالا ئاڭلاپ تاس قالدى دەيمەن ، ھى ھى ھى ،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش