مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: tohotur

ئاۋارچىلىققا تولغان كىچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7657
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 11:10:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاداش سىلىمۇ موشۇ ھاياتلىرىدا ئانچە مۇنچە ئېغىز تىگىپمۇ باققانلا ،بۇ ئىشەكنىڭ سۇيدۇكىگە ، -نىمە بولانى سوراپ قاللا ياخشى ئىشنى سورىمايدىكەنلا ئۆزلىرى قاسىم ئاخۇن -ئەمدى دەيمىنا ھېلى باغاندا مەتنىيازنى بېك ئەيىپلەپ كەتمىسلە دەيمەن ، ياش باللا بولغاندىن كىيىن ئەمدى بىرتە يېرىم موشۇنداق بولۇپ قالغاندۇ ، -بۇ زاتۇرۇشكىنىڭ ئىچىپ بۇنچىلىك بوپ كىتىشىنى كىم ئويلىغان دەيلا . بىزمۇ ئون يىللارنىڭ ئالدىدا بىرەر يېرىم رومكا ئىچىپ باققان بۇ ئىشەكنىڭ سۇيدىكىنى ، ئاشۇ ياشلىق ساراڭلىقتا ئىچكەن ھەممە ھاراقنى يىغىپ كەلسە بىرەر يېرىم ئىككى بوتۇلكا بولار ، ماۋۇ زاتۇرۇشكىدەك بىر دولىققا بىريېرىم ئىككى بوتۇلكا ئىچىدىغان ھەقىلىسىزلىقنى قىلغىنىم يوق جۇمۇسلا . بولمىسا ھازىر بىز خەقتە بۇ ياشىتىكىلەرنىڭ ئىچىدە ئىچىدىغىنى بەك ئاز جۇمۇ ، -شۇنى دىسلە شانىياز ئاخۇن ، تويدىمۇ ھاراق داۋاسى قىلىدىغنى ئەللىكتىن ئاشقان ئاتمىشقا تاقاشقان پوق ساقال قېرىلار ، -پوق ساقال دەپ كەتكۇدەك ساقىلمۇ يوق ئۇ لاۋزىلارنىڭ ، نەۋرىلىك بولۇپ قالغىنىغا قارىماي ئشەكنىڭ سۇيدىكىنى ئىزدەپ سوراپ ئىچكىنى ئىچكەن . -راس دەيلا بۇ ئشەكنىڭ سۇيدىگى نۆۋەتتىكى شەھەرلەشكەن ،ماشىنلاشقان ، ئىلىكتىرۇنلۇق كۆز ھەممە يەرنى قاپلىغان ۋەزىيەتكە ئازراقمۇ ماسلىشالمىدى . قايسى كۇنى قىززىق ، قاتناش ساقچىسى توسايدۇ ، نىم بولدى ئۇكا دىسەم ئاكا سىز سېغىز چايناپسىز ،قارىغاندا ئىستىمال قىلغاندەك تۇرىسىز دەيدۇ ، چاقچاق قىلما ئۇكام سېغىز دىگەن سېغىز ، ھاراق دىگەن ھەلەق دىسەم ، توختاڭ ئاكا بۇنى ئاغىزىڭىزغا قاراتساق ھەممىسى ئاشكارابولىدۇ دەپ ھېلقى تاپانچىسىنى ئاغزىمغا قارىتىۋىدى ، ھېچنىمە چىقمىدى . ئۇكا بۇ ياشقا كىرگەندە ئەمدى ھاراق ئىچىپ سەتلىىشپ يۇرسەكمۇ ياراشمايدۇ دىسەم ، كۇلۇپ كەچۇرۇڭ ئاكا ماسلاشقىنىڭىزغا رەخمەت دەيدۇ .

-ئەمدى ئۇنى دەيمىز بۇنى دەيمىز قاسىم ئاخۇن ، نىمىلا بولمىسۇن ئۇكام تۇرسا بۇ گۇي ، باشتا ئاڭلىغاندا شۇنداق بىر ئاچچىقىم كەپتىكەن . نىم بولسا بولسۇن چاتىقىم يوق دەيمىكىن دەپ يەنە تۇرۇپلا بىر خىل مەسئولىيتىمنى ئويلاپ قالدىم دىسلە ، قانداق قىلىمىز ئەمدى ھاراق چەكلەنگەن جەميەت ئەمەستە بۇ ،  بۇ گۇي بىلەن كارىمىز بولمىسا بۇ گۇي تېخىمۇ تۇگۇشۇپ كەتمەمدۇ دەيمەن .راستىنى دىسەم مەتنىياز بىلەن پاراڭ ماراڭ سېلىشمىغىلىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن بوپ كىتپتۇ . ئۇنى ئىسىمدىن چىقىرىپ قوياي دىگەندە ئاندىن بۇ ئىش چىقىپ قېرىندىشىمنى باشقىدىن ئەسلەۋاتىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7657
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 12:52:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شانىياز ئاخۇن توغرا دىدىلە قۇرئاندىمۇ ئۇلار ئالىجاناپلىق بىلەن ئۆتۇپ كىتىدۇ ، دىگەن بىر ئايەت بار ، شەيىخ سەئىدى ھەزرەتلىرىمۇ بۇ خىل ئھتىماللىققا لەنەت ياغدۇرمىغان دىسلە ، -شۇنداق شۇنداق ، ئادەم دىگەننىڭ ئادەم بولمىغىغا قىرق يىل كەتكۇدەكمىش ،بىز چېغىمىزدا چولۋىرنى سەللا بوشاتساق ئىش چاتاق . -ھېلقى مۇھەممەت ئەلەيھىىسالامنىڭ تەرجىمھالىدىكى -قايسى تەرجىمھالىنى دەيدىلاكىن - ئاۋۇ مۇھەممەت سالھى قارى ھاجىم تەرجىمە قىلغان ئەنە شۇكىتاپتا مۇنداق بىر شېىر بار ماڭا بەك يارايدۇ ، ساقلىمسا خۇدايىم ، خاتالىقتا سەرسانمەن ،دەيدىغان ئەلۋەتتە ئاللاھىنىڭ ياردىمى بولمىسا قولىمىزدىن ھىچ ئىش كەلمەيدۇ دىگەن كەلىمەدىن كۆرە بىز قانچە تەكەببۇرلاشساق قانچىلىك قولىمىزدىن ئىش كىلىدۇ دەپ ئۆزىمىزگە مەست بولۇپ يۇرسەك گۇناھ مەئىسيەتتىن ساقلانمىغىمىز شۇنچە قىيىن ، پەقەت پەقەت بىز ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا گۇناھ مەئىسيەتتىن ساقلىنالايمىز ، پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەنلا مەقسىتىمىزگە يىتەلەيمىز .
-شۇنداق ئەي ئاللاھىم ئۇكامنى كەچۇرگىن ، ئۇنىڭغا ھىدايەت ئاتا قىل ، ئۇنىڭغا ئەمدى ئىككىنچىلەپ ھاراق ئىچمىگۇدەك تەۋپىق ئاتا قىلغىن ئامىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7657
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 01:29:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شانىياز بىلەن قاسىم پاراڭلاشقاچ بىردەمدىلا تىبەت قاۋاقخانىسىغا بىرىپ قالدى ، ساقچىلار كەلگەن بولۇپ مەتنىياز غەرىق مەس ھالەتتە ساقچىلار بىلەن ئىتتىرشىپ تارتىىشپ تۇراتتى . بۇ ياقتا ئۇنىڭ مارۇششاسى نازاكەت تۇراتتى .سىڭلىم بولدى سىز قايتىپ كىتىڭ ، ئۆزىڭىز كىتەلەمسىز ، -ھەئە ئۆيىمىز ئالدىدىكى بىنادىلا ، -ماقۇل ئەمىسە ، مەتنىيازنىڭ مەسلىچىلىكتە ساقچىلارغا قالايماقان قولىنى بۇلغاپ مۇش ئېىتىپ -سونىما ،سونىما دەپ چالۋاقاشلىرىدىن  ، قاسىم ئاخۇننىڭ سەل شەيتىنى تۇتۇپ كۇلىۋەتكىلى تاس قالدى . ئەدەم دىگەن مەس بولسا يولۋاسنىڭمۇ بۇرىتىنى يۇلۇپ بېقىشنى ئويلايدىغان چاغۋا ، ساقچىلار ئاخىرى مەتنىيازنىڭ قولىنى كەينىگە قايرىپ كويزا سېلىۋالدى . شانىياز بىرەر مىنۇتتەك نىمە قىلىشنى بىلمەي ھەم خىجىللىق ، ھەم غەزەپ ھەم ئىچ ئاغرىتىش ھەم چارىسىزلىق دىگەندەك خىلمۇ خىل ئويلا ئىلكىدە تۇرۇپلا قالغان ئىدى . قاۋاخخانا خوجايىنى پۇكلىنىپ كۇچۇكلىنىپ -سوجاڭ بۇ بۇ يامان نىمىكەن قاراڭ ئەينەك ئىشىكنىمۇ چېقىۋەتتى ، بۇنى تېخى ئالدىنقى ھەپتىلا 2600 كويغا ئورناتقا ئىشىك ئىدى . -شانىياز دەرھال ئىسگە كەلدى ، بولدى مەن تۆلەيمەن .مەن ئۇنىڭ ئاكىسى ، مەن تۆلەيمەن .
قاۋاخخانا خوجايىنى ئەمدىلىكتە شانىيازنىڭ يېنىغا بېزىرىپ كەلدى .-2600 كوي ، - ھەي تۇزۇك گەپ قىلە -دىدى قاسىم -ئەينەك ئىشىكنىڭ بىر قانىتىنىلا چېقىپتىغۇ ، بۇ دىگەن بۇيرۇتما ئىشىكلەركەنغۇ بۇ 1300كوي تۆلىىسلا بولار ، سەن بۇ يەردە ھاراق سېتىپ پۇل تاپامسەن ياكى جىدەلدىن پۇل تاپامسەن ؟   سوجاڭ بېشىنى لېڭشىتقىنىچە قاسىمنىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلىدى ،جىدەل دىگەنگە جەرىمانە قويۇش بىزنىڭ ئىشىمىز ، سېنىڭ ئشىىڭ زىيىنىڭ قانچىلىك بولسا شۇنى تۆلىتىۋالساڭلا بولدى ،بۇنىڭدىن پايدا ئالىمەن دەپ ئويلىساڭ بولمايدۇ . -ھە ھە سوجاڭ جاناپلىرى شۇنداق شۇنداق ئەمما بۇ ئىشىكنىڭ بىر قانىتى باۋفىڭدى ئۆزى مېڭىپ كەلمەيدۇدە ، ئونى تېخى ئورنىتىدىغان گەپ ،-ئۇنداق بولسا يەنە يۇز كوي بىرەيلى ، -يەتمەسمىكى ، -ھە دىدى سوجاڭ بۇلارمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىن تۆلەي دەۋاتىدۇ ، بۇ كىچىدە ھەممىمىزگە خاتىرجەملىك مۇنداق ئۇيقۇ لازىم .-مانا ھازىرلا تۆلەيلى دىدى شانىياز رەڭگى خۇنۇك خوجايىنغا قاراپ -سىلەردە كارتا سۇركەيدىغان ئۇسكىنە بارمۇ ،-بارتى ئۇنىمۇ تۆنۇگۇنكى جىدەلدە بىر مەس يۇلۇپ ئېلىپلا ئاتقان ئىدى شۇنىڭ بىلەن يوق بولدى ،.ئۇنداق بولسا بىز ھازىرلا ئۇزۇپ چىقىش سارىيىنىڭ ئاسىتىدىكى پۇل ئالغۇدىن ئەپ بىرەي . -ئاۋۇ ئۇكامنى ئەپ كەتسەم بولامدۇ ، -ياق بولمايدۇ بىز ئۇنى پەيچۇسۇغا ئاپرىمىز، ئاندىن ئەتىگىچە پوزىتسىيەسىگە قاراپ ئاندىن ، قاسىم  شانىيازنىڭ پىشنى تارتىپ قويدى . ساقچىلار تىركىشىپ ماڭغىلى ئۇنىمىغان مەتنىيازنى دارقىرىتىپ سۆرىگىنىچە ئېلىپ چىقىپ كەتتى ، ئۇكام !!! شانىيازنىڭ كۆزىدىن تاراملاپ ئاققان ياشلار ئۇنىڭ يۇزىنى ھۆل قىلۋەتكەن ئىدى . ئەزەلدىن شانىيازنىڭ كۇلكە چاقچاق بىلەن يۇرگەنلىكىنىلا كۆرگەن قاىسىم ئاخۇن تۇيۇقسىز يىغلاپ قالغان شانىيازغا قاراپ نىمە دەپ تەسەللى بىرىشىنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7657
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-7 01:27:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاسىم شانىيازنىڭ مۇرسىدىن تۇتۇپ ماڭايلى بۇرادەر ،ئەمدى قالغان گەپنى پەيسوردا دىيىشەيلى -دىدى .قاۋاخخانا خوجايىنىغا سەل ساقلاپ تۇرۇڭلار بىز پۇل ئالغۇدىن پۇلۇڭلارنى ئېلىپ بىرەيلى . دەپ بۇ نەس باسقان خۇنۇك قاۋاخخانىدىن ئايرىلدى . شانىيازنىڭ يىغىسى توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، ئۇ قايغۇرۋاتامدۇ ، غەزەپلىنىۋاتامدۇ ، بىلىپ بولغىلى بولمايتتى . تۇيۇقسىز شانىياز ئىتىتىك مېڭىپ ماشىنىنىڭ ئشىىكىنى ئېىچپ ئوت ئالدۇرۇدى ، ھەمدە ماشىنىنىڭ بىخەتەر سولىغۇچىنى سولاپ قويۇپ ئاۋازىنى قويۇپ بىرىپ ھۆكۆرەپ يىغلاپ كەتتى . قاسىم ئاخۇن تېخى قۇرىمىغان چېچىنى سىلاپ قويۇپ ئەي ئەمدى زۇكام تىگىدىغان بولدىىدە ماڭا دىگىنىچە ماشىنىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالدى . شانىياز بەش مىنۇتلار يىغلاپ  ئاستا ئاستا يىغلاشتىن توختىدى ، ئەمدى شانىيازنىڭ ئىچىدىن بىر غەزەپ ئۆرلەپ  چىققان ئىدى. شانىياز تۇيۇقسىز قاسىمنىڭ سىرتتا تۇرغانلىقىنى ئەسلەپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى . قاسىم   گەپ سۆز قىلماي ماشىنىغا چىققاندىن كىيىن شانىياز :جالاپنىڭ باللىرى ئۇكامنى كۆز ئالدىمدا سۆدرەپ ئېلىپ ماڭدى ، پەقەتلا چىدىمىدىم قاسىم ئاخۇن . - شانىياز ئاخۇن ، ئۇنداق دىسەڭلا بولمايدۇ ، ھاراق ئىچىپ ئەسلىھەلەرنى چېقىش بىر جىنايى قىلمىش ، ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسساڭلار ئۇ چاغدا يەنە بىر جىنايەت شەكىللىنىدۇ دەيمەن ،ئۇلارنىڭ قولىدا ناگان بار شانىياز ئاخۇن ، يەنىلا سوغۇققان بولغانغا يەتمەيدۇ .
شانىيازلار ئۇزۇپ چىقىش سوداسارىيىنىڭ ئاستىدىكى پۇل ئالغۇدىن 2000يۇەن چىقىرىپ ھېلقى سۆرۇن تەلەت خوجايىن بىلەن بولغان ئېلىم بېرىمنى ئۇزدى .قاسىم ئېرىنمەستىن 1400 يۇەنگە بىر ھۆججەت ئېلىۋالدى. ئاندىن ئۇلار پەيسۇرغا قاراپ ماڭدى . پەيسورنىڭ ئىچكى كارىدۇرىدىكى سوغاق بىر بۇلۇڭدا مەتنىياز ھېلقى مىدىرغىلى بولمايدىغان شاھانە ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلغان ھالدائۇيقۇغا كەتكەن ئىدى .


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109554
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 408
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-7 06:24:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى

ساغلام تەندە ساپ ئەقىل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7657
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 02:58:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاسىم ئاخۇن مەن سوجاڭنىڭ يېنىغا كىرىپ ئۇكامنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىش تېرىشى ئىكەنلىكىنى ، كەڭچىلىك قىلىشىنى سوراپ باقاي ، ناۋادا ئەتە ئەتتىگەن ئۆزىنى موشۇنداق جايدا كۆرسە  بۇ ئۇكامغا نسىبەتەن ياخشى بولمايدۇ ، تۆلەيدىغاننىمۇ ۋاقتىدا تۆلىۋەتتۇق ، ئەمدى مەن كاپالەت بەرسەم ئىككىنچى بۇنداق ئىش يۇز بەرمەيدۇ. ئۇكامنىڭ پەيسوردا تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى قولۇم قوشنا مەھەلە كويغا ئاڭلانسا تېخىمۇ ياخشى بولمايدۇ . بۇگەنكى ئىش بىر ئالاھىدە ئەھۋال دەپ دەپباقايمىكىن دەيمەن ، قاسىم ئاخۇن . -شانىياز ئاخۇن شانىياز ئاخۇن نىمانداق كىچىك  بالىدەك گەپ قىلسىلەر ، شۇنداق جۇڭگودىمۇ ئالاھىدە ئەھۋال مەۋجۇت ئەمما سىلى دىگەندەك ئىشلار ئالاھىدە ئەھۋال دىگىلى بولمايدۇ ، بىرەر باشلىق تۇققان بولسا ئۇ ھالدا بۇ نى ئالاھىدە ئەھۋال دەيمىز ، شانىياز ئاخۇن . نىمانداق گەپ چۇشەنمەيسىلەر ، مېنىڭچە مەتنىياز بۇگۇن كىچە موشۇ جايدا قېلىپ ئوبدان بىر سەگىدىسۇن ، ئەتە كىلىپ قالغان گەپلەرنى دىيشەيلى موناسىۋەتلەرنى ئىزدەپ دىگەندەك بىر ئىشلارنى قىلايلى .-ياق قاىسم ئاخۇن مەن بىر كىرىپ چىقاي ئاتاماننىڭ قېشىغا ، شانىياز كىرىپ كىتىپ بىر پەسىتىلا ساڭگىلاپ قايتىپ چىقتى .-قاسىم ئاخۇن ئاداش سىلىگىمۇ رەخمەت  بۇكەچتە سېلىنى بەك جۇۋاتتىم. سىلە ئۆيىڭلىگە قايتىڭلار مەن ئۇكامنىڭ قېشىدا قالاي .-ھەي ھېچنىمە بولمايدۇ  تەڭ قايتىلى - ياق مەن ئۇكامنى بۇ ھالدا تاشلاپ قويۇپ قايتالمايمەن . قاسىم شانىيازنىڭ  سۆزىدىن ئوبدانلا تەەسىرلەندى . -سىلى تۇرۇپ تۇرۇڭلار مەن بىر ئامال قىلىپ باقاي ، دەپ يانفۇننى چىقىرىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى .ئالاھەزەل بەش مىنۇتلاردىن كىيىن مەتنىياز ئولتۇرغان شاھانە ئورۇندۇقنىڭ قۇلۇپى سىرلىق ھالدا ئېچىلىپ قاسىم بىلەن شانىياز مەتنىيازنى ئىككى قولتۇقىدىن يۆلەپ پەيسوردىن ئايرىلدى . قاسىمنىڭ قانداق چارا تاپقانلىقى  بۇگۇن كىچىدىكى ئىككىنچى بىر سىر بولۇپ قالدى .


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107962
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 82
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2014-6-22
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 03:09:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى يىزىلىپ بولغاندا بىراقلا بىر تەسىراتىمنى يازىمەن،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3253
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 03:37:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7657
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-9 09:03:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق قىلىپ شانىيازلار مەتنىيازنى ماىشنىنىڭ كەينىگە ئاۋايلاپ ياتقۇزدى .ئاندىن شانىيازنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى . نىمىلا بولمىسۇن ئۇكۇسىنى بۇ بالايى قىيامەتتىن ئەپچىقىپ كەتكەنلىكىدىن شانىيازنىڭ كەيپى شۇنداق چاغ ئىدى . ئۇ بىر تەرەپتىن ئىسقىرتقاچ بىر تەرەپتىن قاسىم ئاخۇنغا قاراپ -ئاداش سلىنىمۇ سەل چاغلىغىلى بولمايدىكەن جۇما دىدى . قاسىم ئاخۇن بۇ سىر تۇغۇرلۇق ئېغىز ئېىچىشنى خالىماي گەپنى باشقا ياققا بۇرىۋەتتى .شانىياز ئىشىكتىن چىقار ۋاقتىدا ئەي رەببىم ماڭا ئاسانلىق ئاتا قىلغىن بارچە ئاسانلىق ۋە خاتىرجەملىك سەن بىلەن دىگەن دۇئاسىنى پۇتۇنلەي ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى .بوپتۇ باش قەھرىمانىمىز ئۇچۇن ئاللاھقا بۇ ھەمدۇ سانانىنى مەن ئېيتىپ قوياي ، شۇكرى ئەلھەمدۇلىلا ، بىزگە ئاسانلىق ئاتا قىلغان ئاللاھقا شۇكرىلەر بولسۇن .
ئىككى دوست پاراڭلاشقاچ مېڭىپ شانىيازلارنىڭ بىناسىنىڭ قوۋۇق تۇۋىگىمۇ كەپ قالغان ئىدى ، مەتنياز بولسا گاڭ گالاس بولۇپ ئۇخلاۋاتاتتى .ئاداش ماۋۇ گۇينىڭ بالىسى ھاراقتىن زەھەرلىنىپ قالمىغاندۇ ھە ، يە دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ باقايمۇ يا بۇنى ، -ھەي بولدى  قىسلا شانىياز ئاخۇن ، كۆڭۇللىرى بەك يۇمشاق ئادەمدە سىلى ، بۇنچىلىك مەس بولغانلارنى دوختۇرخانىغا ئاپارغىلى تۇرسا دۇختۇرخانا  مەسلەر بىلەنلا تۇشۇپ كەتمەمدۇ ؟ مۇنداق قىلسىلا مەتنىيازنى ئۆيگە ئېلىپ چىققاندىن كىيىن ئازراق شىكەر سۇيى ئىچكۇزىۋەتسىلەلا ئوڭشۇلۇپ قالىدۇ ، جىگەرگە شىكەر پايدا قىلىدۇ ، ھاراقكەشلەرنىڭ كونا قائىدىسى بۇ ، -قاسىم ئاخۇن سىلىمۇ بۇ تەجرىبىنى تالاي قوللانغاندەك ئىشەشلىك سۆزلەيلاغۇ ، بىزمۇ ئەمدى ياش ۋاقىتلاردا بىرەر ئايدا بىر ئىككى قېتىم ئىچىپ قوياتتۇق موشۇنداق شىكەر سۇيىنى ئۆز خۇددىمىزنى بىلمەي قالغان چاغلاردا . شانىياز مەتنىيازنى چاقىرىپمۇ ، يۇزىگە كاچاتلاپمۇ ئۇيغۇتالمىدى . -قاسىم ئاخۇن ئۆزلە ياردەم قىلغاندىن كىيىن ئاخىرغىچە قىلىپ بۇ گۆش تاغىرىنى بەشىنچى قەۋەتكە ئەپچىقىشىپ بەسىلە بوپتىكەن .-مەيلى شۇنداق قىلاي ئىشىقىلىپ تاڭ ئېتىپ كەتمەستىن بۇرۇن ھاجىگۇل ئۇيقىدىن كۆزىنى ئاچماستىن بۇرۇن ئۆيگە بېرىپ يوتقاننى پۇركەپ يېتىۋالساملا بولىدۇ .-قايلىسلا قاسىم ئاخۇن ئىككى قەۋەتتە بىر ئالمىشىمىز مەن ئاۋۋال كۆتىرەي بۇ گۇينىڭ بالىسنى ، شانىياز قاسىمنىڭ ياردىمىدە ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن مەتنىيازنى ھاپاش قىلدى .-ۋۇ ، ماگۇينىڭ ئېغىرلىقىنى كۆرمەمدىغان ، ئاتا ئانامنىڭ دۆلتىنى موشۇ گۇي كۆرگەن ئىكەندە ، ۋاي قاسىم ئاداش بولمىدى پۇتلۇرۇم تىترەپ كەتتى بۇ گۇينى كۆتۇرەلمەي ، ئەڭ ياخشىسى يېرىم قەۋەتتە بىر ئالماشساق بولغۇدەك ، شۇنداق قىلىپ بەش قەۋەتلىك بىنادا توققۇز ئون قېتىم ئالمىىشىپ ئاخىرى مەتنىيازنى غەلبىلىك ھالدا ئۆيىگە ئەپچىقىۋالغان شانىياز قاسىم ئاخۇنغا رەھمەت  ھەشقاللا ئېيتىپ چىرايلىق ئۇزۇتۇپ قويدى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82697
يازما سانى: 621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7657
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1007 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 02:55:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شانىياز قاسىم ئاخۇننى ئۇزۇتۇپ قويۇپ كەينىگە ئۆرىلىپ خاقىراپ ئۇخلاۋاتقان مەتنىيازنىڭ ئاياق پايپاق چاپان چارىلىرىنى سېلىپ يەڭگىلىتىپ ، تەكەخان ساراي ئۆيگە سەپ قويغان ئورۇنغا تارتىپ دۇگۇلتىپ يۇرۇپ جايلاشتۇرىۋالدى . شانىياز مەتنىيازنىڭ دۇنيادىن بىغەم خاتىرجەم ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ ئۆزىمۇ ئۇخلاشنى ئويلاشتى .ئەمما تۇيۇقسىز ئىدارىسىدىكى ئەكرەم ئاكا ئېيتىپ بەرگەن بىر ۋەقەلىكنى ئەسلەپ سەل چۆچىدى . بۇ ۋەقەلىك ئەكرەم ئاكىنىڭ ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس بىر ۋەقەلىك بولۇپ دائىم پەيتى كەلگەندە ياشلارغا سۆزلەپ تۇراتتى . ئەكرەم ئاكىنىڭ دىيشىچە ئۇلار مەكتەپ پۇتتۇرۇشكە ئاز قالغان كۇنلەرنىڭ بىرىدە سىنىپدىكى ئوغاللار ھەممىسى قاۋاققا بىرىپ ئىچكەنمىش ، ئاخشىمى مەس ئەلەس بولۇپ كارۋىتىغا چىقىپ ياتقانمىش ، ئەتىسى ئەتتىگەندە ئەكرەم ئاكىنىڭ ئۇدۇلىدىكى باشنى باشقا تىرەپ ياتقان بالا ئۆلۇپ قالغانمىش .سەۋەبى بۇ بالايېرىم كىچىدە ئۆزى قۇسقان قۇسۇقتا تۇنجۇقۇپ ئۆلۇپ قالغانمىش ،بۇ ئەكرەم ئاكىنىڭ ئۆمۇرلۇك پۇشايمىنى بولۇپ ئۆزىنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىغا قاتتىق ئۆكۇنۇپ ناۋادا مەن ئاشۇ ساۋاقدىشىمنىڭ يۇزىدىكى قۇسۇقنى تازلىۋەتكەن بولسام بەلكىم ئۇ ھايات قالاتتى دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ھىكايسىنى ئاخىرلاشتۇراتتى .شانىياز مەتنىيازنىڭ رىتىملىق خورەك ئاۋازىغا قاراپ بىردەم تۇرۇپ كەتتى .ياق ئۇخلىماسلىق كېرەك ، بۇ دىگەن مەس ھالەتتىكى ئۇيقۇ ،ناۋادا بىر كىچىلىك ئۇيقۇنى دەپ ئەمدى ..... شانىياز ئىشلارنىڭ كەينىنى ئويلاشقا جۇرئەت قىلالماي مەتنىيازنىڭ بېىشىدا بىردەم ئولتۇرۇپ قالدى . ھە قاسىم ئاخۇن شىكەر سۇيىنىڭ گىپىنى قىلغاندەك قىلغان .تەكەخان ھوي تەكەخان شىكەرنى نەگە قويدىڭلا خوتۇن . ئىچكىرى ھوجۇر تەرەپتىن ھېچقانداق سادا يوق ئىدى .شانىياز تەكەخاننىڭ ئۇخلىمىغانلىقىنى بىلەتتى .بىر ئۆيدىكى ئەر خاتۇنلار بىر بىرىنىڭ مىجەزىنى قاچان خاتىرجەم ئۇخلايدىغانلىقىنى قاچان بىر چاقىرسىلا دەرھال كۆزىنى ئاچىدىغانلىقىنى بىلمەي قالامدۇ . شانىياز قەستەن -بۇ مۇڭقۇي خوتۇن ئۇخلاپ قالغان ئوخشايدۇ ، ئۆزەم بىر ئىزلەپ باقاي بۇ شىكەر نەدىكىن دىگەندىن كىيىنلا تەكەخاندىن جاۋاپ ئالالىدى ، -كەلدىڭىزلارمۇ ؟ شىكەرنى نىمە قىلىسىز ،ئاۋۇ ئاشخانا ئۆيدىكى پەشتاقنىڭ ئىككىنىچى قەۋىتىدە ، ئەينەك شىشىنىڭ ئىچىدە ، -ھەئە شۇنداقمۇ ئۆزەڭ چىقىپ ئەپبەرسەڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇدۇ دىگىنە ، -ياق ماڭا پۇت كېرەك ، بىكادىن چانىلىپ كەتكۇم يوق مېنىڭ ،-ھە ئۇ بىر چاقچاقلارغۇ خاتۇن نىمانچە قىلىپ كىتىدىغانسەن . -ياق بولدى رەخمەت مەن بۇ ئشىلارغا ئارلاشمايمەن ئەمسە مەن ئۇخلۇدۇم ھە . شانىياز بۇ يېرىم كىچىدە خۇتۇنى بىلەن ئارتۇق دىرىغداشماي ئاشخانىغا كىرىپ قەستەن قاچا قۇچىلارنى جاراڭ جۇرۇڭ قىلىپ ئاۋاز چىقارغاچ شىكەرنى ئىزلەپ تاپتى . ئاندىن بىر ئىستاكانغا قايناقسۇ قۇيۇپ شىكەردىن تۇتاملاپ ئېلىپ ئارلاشتۇردى . شىكەر دىگەن جىگەرنىڭ دارىسى بۇ .-قېنى ئۇكام بۇنى ئىچكىن ، دىدى شانىياز مەتنىيازنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ ،ئۆزىنىڭ ئۇخلاۋاتقان ئادەمگە سۆزلەپ يۇرگەنلىكىندىن سەل كۇلگۇسى كىلىپ ، مەتنىيازمۇ  خۇددى ئاكسىنىڭ گىپنى ئاڭلىغاندەك ئىلمان شىكەر سۇيى ئاغىزىىنى نەمدىگەندىن كىيىن كۆزىنى ئاچماي غۇرتۇلدۇتۇپ ئىچكىلى تۇردى  . يېتىپ قال ئۇكام . شانىياز ئىستاكاننى ئاشىخانا ئۆيدىكى كۆلچەككە تاشلاپ قويۇپ ، قايتىپ چىقتى .ئۆزىنى ئىسسىغاندەك تەرلىگەندەك ھىس قىلدى ، ئەسلىدە ئۇ باياتىن ئۇكىسى بىلەنلا بولۇپ كىىتىپ تېخى ئۆزىنىڭ چاپان چارىلىرىنى سالماپتىكەندە . شانىياز بىرەر قۇر يەڭگىللەپ بولۇپ بەرىبىر ئۇخلىمايدىغان بولغاندىن كىيىن دەپ تەرەت ئېلىپ تەھەججۇت نامىزى ئۆتىگىلى ھاجەتخانىغا كىرىپ كەتتى .تەھەرەتنى ئالدىرماي كامىل ئالغان شانىياز يەنە ساراي ئۆيگە كىرىپ ئۇكىسىنى كۆزىتىپ باقتى . مەتنىياز ھوي مەتنىياز ياخشىمۇ سەل ھوشۇڭغا كەلدىڭمۇ ؟تۇيۇقسىز مەتنىياز كۆزىنى دەردەك ئېچىپ ئۇخلاۋاتقان يېرىدىن تىزلىكتە ئولتۇرغان ھالەتكە كەلدى ۋە تىتىرەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ئاكىسىنى قولىنى تۇتىۋالدى .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش