قىززىق ، بۇرۇن مەن بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇغان ، ھازىر تىخى ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ، يەنە بىر يىلدىن كىيىن ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان قوشنىمىزنىڭ قىزىنى مەھەللىدىكىلەر ئۆزلىرىچە مەھەللە-كويلارنىڭ ئولتۇرۇش-سورۇنلىرىدا ئاپامغا « پالانىگۈلنى ئۈرۈمچىدىكى يىكو داشۆگە مۇئەللىملىككە ئەپ قاپتىمىش ، ئاتا-ئانىسىنىمۇ ئۈرۈمچىدىن ئۆي ئىلىپ ئەكىتىپتۇدەك »دەپ ماختاپ بىرىپتۇ
ئۆيدىكىلەرنىڭ تاپا-تەنىسى تىخى :'' خەق مۇنداق نوچى بوپ كىتىپتۇ ، پالانى يەردە ئوقۇغان ئادەم سەن نىمە ئۆگەندىڭ ؛ ئۆگىنىش قىلىمەن ، دەپ ئىشتىن قاچىسەن ،ئۆتكەن ئىمتىھانىڭ تايىنلىق ...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 Z0 F+ A) P2 xئا قىزنىڭ ئۈرۈمچىگە كەتمەستىن بىخىرامان خىزمىتىنى قىلىۋاتقان ئاپىسىدىن سورىسام ، يەنە بىر يىل بار ئوقۇش پۈتتۈرىشىگە ، ئۇنداق گەپ قىلمىدى بىزگە ، دەپ يۈرىدۇ
پىراكتىكىغىمۇ چىقمىغان بىر ئادەمنى مەن بىر قىتىم خىزمەت ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەي قالغانغا ئاپامنىڭ ئىچىنى قىزىتىمىز،دەپ چاپانچىلىق قىلىپ بۇنچە كۆپتۈرۈپ بەرمىسىمۇ ئۇلاردىن ئوبدان بىلەتتىم نەدىن نەگىچە كەلگەنلىكىنى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ X* t+ J# ^ n6 r( Vيەنە بىرسى تىخى ، ئىمتىھان بەرگەن ئورۇنغا ئۆزىلا يىزىپتىكەن ،نومۇر چىكىگە دەسسەپ ئۆتۈپ ئىشقا چۈشتى . ئاپىسى لىكىن پو ئىتىپ يۈرەمىش :«بىزنىڭ بالا خىزمەت ئىمتىھانىدىن بىرىنچى بولۇپ ئۆتۈپتىكەن » دەپ ، قىزىق ، بىر ئادەم تىزىملىتىپ ، شۇلا ئۆتكەندىكىن شۇنداق «بىرىنچى»بولماي ئەمىسە ؟؟؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& B% D4 [7 d$ _; g! t& U: d يەنە بىرى بار ، سىستىرالىق مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كىلىپ شەخسىي دوختۇرخانىدا ئىشلەۋاتقان . ئاپىسى دائىم كۆرۈشۈپ قالساقلا دام ئاشۇرۇپ دەۋالىدۇ :''ئىمتىھان بەردىڭلارمۇيە ؟ بىزنىڭ خان ئىمتىھاندىن ئۆتۈپتىكەن؛ بىزنىڭ خان مۇئاشىنى ئاپتىكەن ؛ بىزنىڭ خاننى باشقا دوختۇرخانىدىكىلەر ئەمدى تالىشىپ ...ماڭا ئىشلەپ بەرسۇن دەپ ، خىزمەتكە چىقمىسىمۇ بولاۋىرىدىكەن دەپ قالدىم جۇما بالام ، بىزنىڭ خان خىزمەت ئىشلەپ بولالماي ئالدىراش خۇددى ! خاتىرجەم بولۇڭلار ، سىلەرمۇ بىر كۈنى چىقارسىلەر خىزمەتكە... ''
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, l3 b9 z+ l! D
ھاممام ئېرىنىڭ سىڭلىسىنى ماختايدۇ ----ئادىلە خىنىم سىزمۇ بەرگەن ئىمتىھاندا مۇنچە ئاپتۇ ؛ (ئۆتەلمىگەن بولسىمۇ) سىزدىن مۇنچە نومۇ ر يۇقىرىكەن، بەك تىرىشچان قىزجۇمۇ ئۇ ؛ نەۋرە ئاچام يەڭگىسىنى ماختايدۇ---بالامنىڭ ھاممىسى سىزمۇ بەرگەن ئىمتىھاندىن ئۆتۈپتىكەن ئەمەسمۇ ، ئىدارىدىكىلەرئەمدى تالىشىپ'' بەك ئىقتىدارلىقكەن ، بىز ئىشلىتەيلى'' دەپ ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويۇپتىدەك... شۇنداق قىلىپ ئۇرۇق-تۇققانلارمۇ شۇنداق سىلىشتۇرىدىغان پۇرسەت كەلگەندە قىلچىلىك كۆڭۈل ئاياپ قويمايدىكەن ، بولىشىغا مۇبالىغە قىلىپ «خەقنىڭ بالىسى يامان»ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بىزگە. نەگە بارسا ئاق-قارىنى.ئوڭ-تەتۈرىنى بىلمەيلا سىلىشتۇرۇش ...ئەمەلىيەتتە ئۇلار ماختاپ ئاغزىدىن كۆپۈك كەلتۈرۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئەھۋالىنى بىزمۇ بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% C8 m3 i# b7 v5 w
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Umidim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-10 01:45 AM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 }2 y* ]. X0 v1 _. C: P- s
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 z9 s1 g. K* W% J) o- E6 Y