Umidim يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 01:18 AM
قىززىق ، بۇرۇن مەن بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇغان ، ھازىر ت ...
دىمىسىمۇ ھازىر ئون خوتۇن بىر يەرگە كەلسە بالىلىرىنى ماختاشقا چۈشىدۇ...راس بولسۇن بولمىسۇن شۇ سورۇندىكىلەر ئەمىلى ئەھۋالدىن خەۋەردار بولسىمۇ كارى يوق ماختاۋېرىدۇ...ئۇنداق ئەمەس مۇنداققۇ دەپ يۈزىگە سالمايدىغان گەپكەن كۆڭلىنى ئاۋايلاپ.....
ئەمەلىيەتتە ئۆيىگە قايتىپلا بالىلىرىنى تىللاشنى باشلايدۇ...پالانىنىڭ بالىسى تىببى ئىنىستىتوتقا ئۆتۈپتۇ،سەنمۇ ئاش ناننى ئېغىزىڭغا يىگەندىكىن چوقۇم ئۆت...
پالانىنىڭ بالىسى ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆتۈپتۇ،سەن شۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆتمىسەڭ سەت تۇرا....
ئى بىر قوسىغىنىمۇ ئوڭلاپ باقالمايدىغان يالاڭتۆشلەرنىڭ بالىسىمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا ئۈرۈمچىدە خىزمەتتە قاپتۇ،ھەتتا بىر نەچچە ئورۇندىن تالاشتا قاپتۇمىش،كىچىگىڭدە سېنىڭ كونا ئىشتانلىرىڭنى كييپ چوڭ بولغان يالاڭتۆشلەر ئىدى ئۇ...شۇلارنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى يورۇق قىل....
مۇشۇنداق گەپ سۆزلەر نۇرغۇن ئاتا ئانىلارنىڭ ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ھەم بولۇۋاتىدۇ...بارلىق ئاتا ئانىلار بالىلىرىنىڭ ياخشى يەرلەردە ئوقۇپ ياراملىق ئادەم بولۇشنى ، ئۆزىدىن كېيىن قالغاندا تۇرمۇشتا قىينالماسلىغىنى ئۈمىت قىلىدۇ،پەقەت ئىپادىلەش ئۇسۇلى توغرا ئەمەس..................
پىشانىگە پۈتۈلگەننى كۆرمەي ئامال يوق................
可怜天下父母心