babur99 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 02:40 AM
فىزىكا ئىلمىدىن نىسپەتەن مۇكەممەل بىلىمى بار كىشلىرىم ...
توغرا دەيسىز،، شەكىل نەزەرىيەسى نەچچە يىللاردىن بېرى ئۆزىنىڭ توغرا-ياكى خاتالىغىنى ئىسپاتلاپ بولالمىغان بىلەن جەمىيىتىمىز ۋە زېيالىلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ بەردى. جاھاننىڭ ھەر يېرىدىن ۋەتەن-مىللەت دەپ توۋلىغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ۋەتەننىڭ ئەتىسىگە كوچىدىكى باققالچىلىكمۇ ئۆمۈد-ئىشەنچىسى قالمىغان چۈشكۈن ۋە ساختا قېياپىتىنى ئاشكارلاپ بەردى.
مېنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگىنى قاسىمكامنىڭ ئۆز نېشانى ئۈچۈن ئكمرىنىڭ يېرىمى قەدەر تەۋرەنمەي ئىزدىنىشىلا بوپ قالماي ، ئېلىم-پەننى ئانا تىلىمىزدا ئونلارچە يىل بىرلەرگە ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بەرگىنىدۇر. قاسىمكامنى مەسخىرە قىلىپ ۋەتەن دەپ قۇرۇق شوئار توۋلىغانلار بۇنىڭدىن نۇمۇس قىلىشى كېرەك .