تەرمە:
بەزى دوكتۇر،دوكتۇرانىتلار شەكىل نەزەريىسى ۋە ئۇنىڭ 29-تىئورمىسىنىڭ ھېچنىمە ئەمەسلىكىنى،.بۇ نەزەريىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يۆزىنى تۆكىدىغانلىغىنى تەكىتلەشكەن،بۇ نەزەريىنى يېتىم قالدۇرۇش،ھەمكارلاشماسلىق،تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرماسلىق ...ۋەھاكازا ...ۋەھاكازا قىلىش لازىملىغىنى تەشەببۇس قىلغان ۋە پىلانلىغان ئىدى.ھازىر بەزىلەر تەرىپىدىن بۇ پىلان ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ.بىر قىسىملار چەتئەللەردىكى بىر قىسىم "ئىلىم مۇنبەرلىرى"دە خاتا ئۇچۇر تارقىتىپ،ئېغىۋاگەرچىلىك قىلىش بىلەنلا قالماي،ھەتتا دۆلەت ئىچىدىكى بۇ تەتقىقاتقا قاتنىشىش ئىرادىسىگە كەلگەن بەزى مۇتەخەسىسلەرگە ئىلخەت يوللاپ بۇ تەتقىقاتقا قاتناشماسلىق لازىملىغى،قاتناشسا ئۇزى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدىغانلىغى ھەققىدە تەھدېت سالغان.شەكىل نەزەريىسى تەتقىقاتى ۋە ئۇنىڭ ئىشتىراكچىلىرىغا تۆھمەت توقۇپ سىياسى زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغان.ھەدېسىلا مىللەت نامىنى سۈيىئىستىمال قىلىپ،مۇتلەق تەبىئەت پەنلىرى كاتىگۇرىيىسىگە مەنسۆپ بولغان بۇ تەتقىقاتقا مىللەتنىڭ يۆزىنى چۈشىرىدۇ،دىگەندەك تۆھمەتلەرنى چاپلاپ،جامائەت پىكرىنى خاتا يېتەكلىگەن.
ئەسكەرتىپ قويايكى،شەكىل نەزەريىسى تەتقىقاتى تەبىئەت پەنلىرىگە،ئىنسانىيەتكەتالىق تەتقىقات تېمىسى.بۇ نەزەريە ۋە بۇ تەتقىقاتنى ئاللىقانداقتۇر مىللى،دىنى،سىياسى بوياقلاردا بۇيىماقچى بولغانلارنىڭ مۇددىئاسى ساغلام ئەمەس.بۇنداق خاتايۆنىلىش كۆرسەتكۈچى بۇ نەزەريىنى ۋە بۇ تەتقىقاتنى خەۋىپ-خەتەرگە باشلايدۇ.
ھەر قايسىلىرى دوپپىلىرىنى ئالدىلىرىغا قويۇپ قويۇپ ئۇزلىرىنىڭ نىمە ئەخمىقانىلىقلارنى قىلىۋەتكەنلىكلىرىنى،ئاغىزلىرىدىكى گەپ بىلەن ئەمەلدىكى ئىشلىرى نەقەدەر زىدىيەتلىك ئىكەنلىگىنى،شەكىل نەزەريىسى ۋە بۇ تەتقىقاتقا قانچىلىك ئۇۋالچىلىق ۋە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقلىرىنى،تارىخ بەتلىرىدە زادى كىمنىڭ سېسىق نامى قالىدىغانلىغىنى ئۇبدان ئويلاپ قويۇشسىلا!.
ۋاقتىدا ئەقىللىرىنى تېپىپ ،ھەرقايسىلىرىنىڭ ئەخمىقانە پىلانلىرىنى ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ئىجرا قىلىۋاتقان،شەكىل نەزەريىسى تەتقىقاتىغا پىدائىلىق بىلەن بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان،بۇ نەزەريىنى سېسىتماق بولىۋاتقان جىمى ياللانما ئەسكەرلىرىنى ۋاقتىدا يېغىشتۇرىۋالسىلا!.
ھەر قايسىلىرىنىڭ گۇيا "پىلانلىق تۇغۇت" مەمۆريىتى خادىملىرىدەك ئوتتۇرىغا چىقىپ،ئۇيغۇر جەمىيىتىدە مەيدانغا كەلگەن بەلگىلىك ئىلمى ئاساسقا ئىگە ھەرقانداق يېڭى ئىدىيەنى بۆشۆكىدە تۇنجۇقتۇرماق بولۇشلىرىدەك بۇ كاتتا جاسارەتلىرى غايىدىكىلىرىدەك ئۈنۈم بەرمەيدۇ.تارىخ ئۇزىگە لازىم بولغان پەرزەنىتلەرنى ،ئۇزىگە لازىم بولغان يېڭى ئىدىيەلەرنى دۇنيانىڭ قايسىدۇر بىر يېرىدە ھامان توغىۋىرىدۇ.ھەرقايسىلىرى يېڭى ئىديەلەرنى بۆشۆكىدىلا ئۇجۇقتۇرۇش يولىدا ھەرقانچە يامان قاتىل بولسىلىمۇ يېتىشىپ بولالمايلا!
بىرۇنۇ،گالىلى دەۋرىدىمۇ سىلەردەك يېڭى ئىدىيە قاتىللىرى بار بولۇپلا قالماي،ئۇلار بارلىق ھوقۇقنى كۇنتىرۇل قىلغان قاتىللار ئىدى.ئاقىۋەتتە نىمە بولدى؟.ھەرقايسىلىرىغا بۇ پاكىتلار بەش قولدەك ئايان!.
شەكىل نەزەريىسى _ مىنىڭ ئىدىيەم،ئىدىيە _ مىنىڭ ۋەتىنىم.ھەر قايسىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە خاس ۋەتەنلىرى بارمۇ؟.شەكىل نەزەريىسى يەنە ئۆزنۇۋىتىدە مىنىڭ پەرزەنتىم.ھەرقايسىلىرىنىڭ مانا مۇشۇنداق ئۇزلىرىگەخاس پەرزەنىتلىرى بارمۇ؟.
مەن بۇۋەتىنىمنى ۋە بۇ پەرزەنتىمنى جىنىمنى تېكىپ تۇرۇپ قوغدايمەن،قوغداۋاتىمەن،ھەرقايسىلىرى كىمنىڭ ۋەتىنىنى ۋە كىمنىڭ پەرزەنتىنى قوغداۋاتىدىلا؟!.
مەن بۇ گەپلەرنى مۇشۇنداق ئاچچىق قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم.ھەر قايسىلىرىنىڭ ئىگەللىگەن بىلىملىرى،ئالغان ئىلمى ئونۋانلىرىنى سەمىمى قۇتلۇقلايمەن.لىكىن،شۇنچە بىلىملەردىن پايدىلىنىپ ئۇزەڭلارغا خاس بولغان بىرەر پەرزەنىت يۆزى كۆرۆشىڭلارنى،باشقىلارنىڭ بالىلىرىنى بېقىش بىلەنلا ئۆمرۇڭلارنى ئۆتكىزىۋەتمەسلىكىڭلارنى،ھېچبولمىغاندا باشقىلار بالا يۆزى كۆرسە ئۇلارغا زەھىرىڭلارنى سانچىماسلىقىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.
تەبىئەت پەنلىرى ئاياقلاشقىنى يوق.شۇڭا تەبىئەت پەنلىرىگە مەنسۆپ تەتقىقاتقا“توغۇت چەكلەش ئوپراتسىيىسى” ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ.ئۇزەڭلار پەرزەنىت كۆرۆشنى خالىمىساڭلار،بىر ئۆمۆر خەقنىڭ بالىسىنى بېقىپ ئۆتۈپ كېتىمەن دېسەڭلار بۇ ئۇزەڭلەرنىڭ ئېشى،لىكىن ،پۈتۈن مىللەت ياكى ئىنسانىيەت مىنىڭ گىپىمىنى ئاڭلىشى كىرەك دېسەڭلار بۇئۇزەڭلارنىڭ چۈشى!.
ئەستايىدىل ئويلۇشۇپ باقارسىلەر!.
تەرمە مەنبەسى:
http://bbs.bagdax.cn/thread-27622-17-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-4 09:52 AM