رەئسە يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 01:25 PM
نىمگە قارايسەن چۈمۇلە ئۇسى كۇرپاق مىغاندەك دەپلا قول ...
بىزلەر قانداق قىلاتتۇق شۇ سىز دىگەندەك باللار چۈمىلە ئۇۋۇسىغا يىقىن كىلىپ بولغۇچە ۋۇي شۇم ! يىقىن بارما سوسكاڭنى چۈمىلە چىشلىۋالسا كەمتۇك بولۇپ قالىدۇ . بالا ئەمدى تۇخۇ-تۇماننىڭ قىشىغا يقىن كىلىپ بولغۇچە ۋاي شۇم ! يىقىن بارما خوراز چوقۇيدۇ . مىككياننىڭ پوقى كىيمىڭنى مەينەت قىلىدۇ . قوچقار ئۈسسىيدۇ . ئىشەك تىپىدۇ . ئىت چىشلەيدۇ . چوڭ يولغا چىقما ماشىنا سوقىدۇ ، مازارلىققا ئۇدۇل سىيمە بۇجۇڭۈك ئاقىدۇ . مەن بىردەمدە كىرىمەن ئاڭغۇچە سىرتقا چىقما جۇمۇ بولمسا ئالۋاستى بوغىدۇ ، يىغلىما ! يىغلاۋەرسەڭ مەھەلدىكى ھاشىم ساراڭ كىرىپ بۈجۈكىڭنى كىسۋاتىدۇ ....دىگەندەك بىر تالاي كۆينۈشلەر بىلەن بالىلارنىڭ سەبىي قەلبىگە ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ ئىجابىي تەرىپىدىن كۆپرەك سەلبىي يەنى خەتەرلىك تەرىپىنى سىڭدۈرىمىز . لىكىن مەيلى ئوينىسا ئوينىسۇن بىر ئاز ۋاقىتىمنى چىقىرىپ ھەركىتىگە دىققەت قىلاي بولمسا بىر يەرلرىنى زەخمىلەندۈرۈپ قويمىسۇن دىگەن ئاڭ كاللىمىزغا كەلمەيدۇ . بۇنداق ئىشلار بىلەن بالىغۇ ئۆلۈپ قالايدىغۇ لىكىن ئىدىديسىدىكى تەپەككۇر ئۆلىدۇ شۇ . ئاندىن شۇ بالا چوڭ بولۇپ ماۋۇ مەكتەپتكەن ئەمدى كىچىك ۋاقتىمىدىكى جاۋابىنى بىلمىگەن شۇ نەرسلەرنىڭ سىرىنى مەكتەپتە تاپاي دەپ ئارزۇلاۋاتقاندا كەينى-كەينىدىن كىلىۋاتقان ئۈگۈنۈش بىسمى بۇ ئارزۇلارنىڭ كۆكىسگە پىچاق تىقىپ بۆشۈگىدە تۇنجۇقتۇرۋاتقان .
بىزنىڭ دىيارىمىزدا كۆپ سانلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ قارىشدا ئوقۇتقۇچى دىگەن بىر ھەممىنى بىلدىغان بىر خىزىر ھىساپلىنىدۇ . شۇڭا بۇ خىلدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ نەزىردە ، نىمە ئۈچۈن ...........؟ دىگەن ھەر قانداق سۇئالنىڭ جاۋابىنى چوقۇم ئوقۇتقۇچى دىگەن ئادەم بىرىشى شەرىت . ئۆزلىرى بولسا پەقەت ۋە پەقەت بالا تىپىشقا ۋە قوسقىنى ئاچا ئۇچىسنى يالىڭاچ قويماسلىققىلا كىپىل ( ئىغىزىدا دىمەيدۇ بىراق كۆڭلىدە مۇشۇ خىل قاراش بار )
سىڭلىمنىڭ بالىسى ئەمدى ئۆمۈلەيدىغان ۋاقىتىدا ىبر كۈنىسى تېلېۋۇزۇردا ناۋا پىروگىراممىسى بىرىلىۋاتقان ئىدى . مۇزىكا چىقىپ بىردەم بولغاندا بىر نىمىلەرنى قىلىپ ئويناۋاتقان بالا ئاستا دىققىتىنى ئىكىرانغا بۇراپ بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كىيىن ئۆمۈلەپ تېلېۋۇزۇرنىڭ قىشىغا يىقىن كىلىپ ئىككى قولنى ئاستا كۆتۈرۈپ ئۇسۇلنىڭ ھەركىتىنى دوراپ كىتىۋاتقان ئىدى بۇنى كۆرگەن ئانام ھە مانا ! بۇمۇ چوڭ بولسا داپ تاراڭشىغان ئىشەك ھاڭرىغان يەرگە چاپىدىغان بالا بولدىغان ئوخشايدۇ دەپ كايىپ كەتكەن ئىدى . بولدى قىلىڭە ئانا كىچىك بالا نىمە بىلىدۇ . ئۇنىڭ بۇ قىلىقى بىر خىل ئەقلى ئىقدارنىڭ بالدۇر يىتىلدىغانلىقىنىڭ بىر خىل ئىنكاسى . دىمەك ئۇنىڭ مىڭىسگە رىتىملىق بولغان مۇزىكىنىڭ ئاۋازى تەسىرنى كۆرسەتسە شۇ خىل ئىنكاسنىڭ ھاسلاتى بىلەن مۇزىكىغا ئىنكاس قايتۇرۋاتىدۇ دەپ سىڭىلنىڭ بالىسنى ئاقلاپ چىقتىم . كەينىدىن ئۇنىڭ ھەركتى ئاخىرلاشقاندا قانداق قىلىدۇ قىنى دەپ تاشلاغلىق پايپىقىنى قولۇمغا ئىلىپ ماۋۇ نىمە دىسەم ئاڭقىرالمىدى . كەينى-كەينىدىن سوراۋارسەم گىپىمنى ئۇقمىسىمۇ ئاۋاز ۋە ھەركىتىمدىن بىر نىمىنى ھىس قىلىدۇ بولغاي ئۆمۈلەپ كىلىپ قولۇمدىن پايپاقنى ئىلىپ بىردەم قاراپ تۇرۋىتىپ پۇتىغا نىقتاپ خىلى ھەپىلىشىپمۇ ساپالماي تاشلاپ قويدى .... ئامراقلىقىمدىن بىر نەچچە قىتىم موتوسىكىلىتنىڭ ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئۇياندىن-بۇياننى ئايلاندۇرۇش جەيراندا يولدا ئالدىمغا ئۇچۇرغان توخۇ-تۇمانغا سىگىنال چىقارسام قولۇمغا قاراپ قايسى يەرن بىسىپ چىقىرداىغانلىقىنى بىلىۋاپتۇ . كىيىن يولدا بىر نىمە ئۇچۇرسا رولغا قولى يەتمىسە پىخىلداپ يۈرۈپ رولغا يامىشىپ قىزىل رەڭلىك سىگىنال كۈنۇپكىسنى بىسىقا كۈچى يەتمىسمۇ بىسىپ كىتىدۇ مەن بارمىقىنىڭ ئۈستىدىن ياردەم قىلىپ بىسىپ سىگىنال چىقىرپ بەرسەم ئۆزىچە مەن قىلدىم دەمتىكى ماڭا قاراپ بىر نىمىلەرنى دەپ كىتىدۇ .
مەن دەيمەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ باىلارغا بولغان تەربىيە قارشىدا بىردەكلىك ۋە توغرا بولغان يىتەكلەش ئۇسۇلى بولغاندا ئاندىن بالىلارنىڭ زىھنىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ .