yurkimzida يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 10:01 PM
5يىللىق بەرسە قايتۇرالايمە ،5يىلدىن كىيىن بانكا قەرزى ...
ئۆسۈمى بولمسا قايتۇرۇپ بولالالايمەن دەيسىزغۇ . دۆلىتىمىزدە پۇلدىن ئۆسۈم ئالمايدىغان بانكا يوق .
پەيغەمبەر ئۆتنىسى دىگەن مەسىلدىمۇ چوقۇم باشقا بىراۋدىن ئۆتنە ئالغان پۇلنى قايتۇرۇش ۋاقتىدا ئەسلى پۇلنىڭ دىرىنى بىرىش دەپلا تەكىتلىەيمدۇ . گەپ پۇل ئالغۇچىنىڭ شۇ پۇلدا مەنپەت ئالالىغان بولسا پۇل قەرىز بەرگۈچىگە چوقۇم ئازدۇر كۆپتۇر كۆڭۈل رەھمىتى سۈپىتىدە مۇئەييەن پۇل قوشۇپ بىرىش كىرەكلىگىنى تەشەببۇس قىلىدۇ . چوقۇم بۇنداق پۇلنىڭ قىممىتى مۇقىم بىكىلمەسلىك كىرەك .
پۇل بولمسا ھەر قانچە خارۋاتتا ئوقۇغان ئادەم بولسىمۇ قۇرۇق قول پۇل تاپالمايدۇ . پۇل تىپىشتا ئەڭ ئەڭ مۇھىم بولغان ئۈچ شەرىت بار بۇ ئۈچ شەرىت بولمسا پۇل تىپىشتىن ئىغىز ئىچىش تەس . بىرسى يىتەرلىك مەبلەغ ، ئىككىنجىسى قوللايدىغان مۇۋاپىق سىياسەت . ئۈچۈنجىسى مۇناسىۋەت تورى .
سىزدە يۇقارقى شەرتلەر بولسا قەرىز ئىلىپ تىرىشىپ بىقىڭ . مەركەزنىڭ سىياسىتى مىللەت ئايرىماي چۈشىدۇ دىگەن گىپڭىزگە قارىغاندا بىر ئاز ساددىراق ۋە كۆڭلىڭىز بەك ئاقكەن مۇنبەردىشىم . قازاندىكى كۆش-پەشلەرگە قاراپ قاچان ئالدىمىزغا كىلەركىن دەپ ئويلىغان بىلەن مۇھىم مەسىلە سىز-بىزنىڭ قاچىمىزغا تاماق ئۇسسۇيدىغان چۆمۈچىنىڭ كىمنىڭ قولدا بۇ ئەڭ ئويلىشىدىغان مۇھىم مەسىلە . سىز ئاۋال بىرەر بانكا بىرىڭ شۇ يەردە بانكا قەزىر بىجىرىش ئىشلىرىغا مەسلەھەت بىرىدىغان مۇلازىمەت سۇپىسى بولدىغان شۇ يەردىكى ئاق ياقىلىقلاردىن سورسىڭىز ئۇلار سىزگە بىزدىنمۇ ياخشى بولغان مەسلەھەتلەرنى بىرىدۇ .