پەن-مائارىپ ئارقىلىق قۇدىرەت تېپىش يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىپ،
پارلاق كەلگۈسىڭلارنى
يارىتىڭلار-يوپۇرغۇلۇق سىتودىنتلارغا ئوچۇق خەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
رايۇنىمىز ئىچى-سىرىتىدىكى ھەر قايسى ئالي بىلىم يۇرتلىرىدا ئۆز غايىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇرت ۋەتەنگە جاۋاپ قايتۇرۇش يولىدا تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان، يوپۇرغا خەلقىنىڭ پەخىرى ھەم ئۆمىدى بولغان سۆيۈملۈك سىتودىنتلار، ياخشىمۇ سىلەر؟
سىلەر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۈچ يىللىق ئوقۇشۇڭلارنى پۈتكۈزۈپ، ئىلىم تەشنالىقىڭلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇچۇرما بولغان قۇش بالىلىرى كەبى رايۇنىمىز ئىچى سىرىتىدىكى ھەر قايسى ئالي بىلىم يۇرتلىرى تامان ئۇچۇپ كەتتىڭلار. دىمەك سىلەر ئاشۇ دەقىقىلەردە گۈزەل-ئارزۇ ئارمانلىرىڭىلارنى رۇياپقا چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىق جاسارىتىڭلارنى ئىشقا سېلىپ، ئىلىم-مەرىپەت سۈيەر روھىڭلارنى ئۇرغۇتۇپ، ئاتا-ئانىلىرىڭلارنىڭ، ئۇستازلىرىڭلارنىڭ، جۈملىدىن يۇرت-ۋەتەننىڭ سىلەردىن كۈتۈدىغان ئۈمۈدىنى قەلبىڭلاردا مەھكەم ساقلاپ، ئىلىم دېڭىزىدا غەۋۋاس كەبىي ئۈزىدىغان، مەرىپەت گۈلزارلىقىدا ھەسەل ھەرىسى كەبى شىرنە يىغىدىغان، پەن ئاسمىنىدا نۇرلۇق يۇلتۇز كەبىي چاقنايدىغان، خالىغان ئادەمگە خالىغان ۋاقىتتا نىسىپ بولىۋەرمەيدىغان تولىمۇ ئۇلۇغ، تولىمۇ خاسىيەتلىك ھاياتلىق سەپىرىگە ئاتلانغان ئىدىڭلار.
شۇنداق بولغاچقا، سىلەرگە دەرس بەرگەن، سىلەرگە سىنىپ مۇدىرى بولغان قىسقىسى سىلەرنىڭ مانا مۇشۇنداق گۈزەل ئىستىقبالغا ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ئەجىر-ئەمگەك سىڭدۈرگەن ھەر-بىر ئوقۇتقۇچى پەخىرلىنىش ھىسىياتىمىز بىلەن قەددىمىزنى كېرگىنىمىزچە، سىلەردىن تېخىمۇ چوڭ ئۈمۈدلەرنى كۈتۈپ، سىلەردىن تېخىمۇ چوڭ غەلىبە-نۇسىرەتلەرنى كۈتۈپ، سىلەرنى بۇ خاسىيەتلىك ھايات قاينىمىغا يەنى ھەر قايسى ئالي مەكتەپلەرگە يولغا سالغان ئىدۇق.
يۇرت ۋەتەن ئىشقىدا گۈلخان كەبىي كۈيۈپ تۇرىدىغان خەلقنىڭ پەرزەنتلىرى مەيلى قەيەردە بولسۇن ھەر ۋاقىت ئانا يۇرتىنى، ئانا يۇرتىنىڭ كىلەچىگىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئانا يۇرتىنى سۈيۈپ ياشايدۇ. يۇرت-مىللەتنىڭ ئوتىدا كۈيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ ياشايدىغان ئۇستازلار تەربىيەلىگەن شاگىرتلار ھەر ۋاقىت ئۈزىنى كۈچلەندۈرۈپ، ئۈزىنى قۇدىرەت تاپقۇزۇپ، شۇ ئارقىلىق ئانا يۇرتنى، ئۆز خەلقىنى بەخت سائادەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىچانلىق كۆرسۈتۈپ ياشايدۇ.
دەرۋەقە، سىلەر ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت بۇ قاينام-تاشقىنلىققا چۈمگەن جەڭگىۋار ھايات قاينىمىغا قۇشۇلغاندىن كىيىن، يۇرت- مىللەتكە تۆھپە قۇشۇش، جەمىيەتكە، ئۈزەڭلار ئىگەللەۋاتقان كەسىپ ساھەسىگە تۆھپە قۇشۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار غايەڭلەر يولىدا توختىماستىن ئىلگىرلەپ، يوپۇرغا خەلقىنىڭ، سىلەرنى تەربىيەلەپ ئالىي مەكتەپ قوينىغا يولغا سالغان ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئۇستازلىرىڭلارنىڭ يۈزىنى يۇرۇق قىلىش ئۈچۈن تېرىشۋاتىسىلەر.
تېلشۇناس ئالىم، دوكتۇر يىتەكچىسى گېرمانىيە بېرلىن بىراندىنبورگ پەنلەر ئاكادىمىيىسى تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئۇستاز ئابدۇرەشد ياقۇپ، سودا باشقۇرۇش پەنلىرى دوكتۇرى، تىيەنجىن ئۇنۋېرستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مەمەتئىمىنجان زۇنۇن، تەبئى پەنلەر دوكتۇرى، ماگىستىر ئاسپرانت يىتەكچىسى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ھۈسۈپجان رۇسۇل، ماركىتىڭ پەنلىرى دوكتۇرى، ماگىستېر ئاسپرانت يىتەكچىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئابلىز بۇلبۇل، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرستىتىنى پۈتكۈزۈپ مەركىزىي مىللەتلەر نەشىرياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۈلۈمىنىڭ تەھرىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئاينۇرقىز مەمىتىمىن، شىنجاڭدا كۆزگە كۈرۈنگەن ئايال كارخانىچى، شانئال مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئايتۇرسۇن رۇسۇل، داڭلىق سەنئەتكار، رىياسەتچى ئابدۇقەييۇم مۇھەممەد، قوللىنىشچان خمىيە پەنلىرى دوكتۇرى، شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئەمەتجان ساۋۇت، ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتۇرى، قەشقەر پىداگۇگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى رابىگۇل ۋەلى، تۈركىيە مارمارا ئۇنۋېرسىتىنىڭ ئاسپىرانتى دىلئارام ۋەلى، گېرمناىيە گوتتىگىن ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئاسفىرانتى ئەركىن تۇرسۇن، نەنجىڭ ئۇنۋېرستېتىنىڭ ئاستۇرۇنومىيە پەنلىرى دوكتۇر ئاسپرانتى ئىمىنھاجى ئابلىمىت، خۇاجوڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرستېتىنىڭ دوكتۇر ئاسپىرانتى، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئەمەتجان ئابلىمىت، ئىتالىيە كامىرىنو ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىرىدىن قەيسەر ئابلىز، ئىمىنجان مىجىت، نۇرئېلى ئەركىن ۋە يەنە شۇلارغا ئوخشاش(ھەممەيلەننى بىر-بىرلەپ ساناپ بولالمىدۇق، بىز ئىسىم شەرىپىنى تىلغا ئېلىشقا مۈمكىن بولماي قالغانلاردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمىز)، ئىلىمىز ۋە چەتئەللەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان خەلقئارالىق داڭلىق شىركەتلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم پەخىرلىك ياشلىرىمىزمۇ، خۇددى سىلەرگە ئوخشاش گۈزەل-ئارزۇ-ئارمانلارنى، ئۇلۇغۋار غايىلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش سەپىرىگە ئاتلانغان مۇنەۋۋەر يوپۇرغا پەرزەنتىلىرى ئىدى. ئۇلار ئالي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ئۆز غايىلىرىنى ئەستىن چىقارماي، ئوقۇش پۇرسىتىنى قەدىرىلەپ ، تىنىمسىز ئىزدەنگەنلىكى ئۈچۈن بۈگۈنكىدەك كاتتا شان-شەرەپ ساھىپلىرىغا ئايلىنالىدى. بىز سىلەرنىڭمۇ ئاشۇ ئاكا-ھەدىلىرىڭلارغا ئوخشاش تىرىشىپ ئوقۇپ، كەلگۈسىدە ھەر قايسى سەپ، ھەر قايسى ساھەلەردە ئۆز تۆھپەڭلەرنى قۇشۇپ، ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشى، يۇرت-مىللەتنىڭ بەخت سائادىتى ئۈچۈن تىگىشلىك تۆھپەڭلەرنى قۇشىدىغانلىقىڭلارغا شەكسىز ئىشىنىمىز.
ئەمدى بىزدىن ئەھۋال سورىساڭلار بىز ناھايىتى ياخشى تۇرۋاتىمىز. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكىمەتنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە 170 نەچچە مىڭ ھەر مىللەت يوپۇرغا خەلقى ئىتىپاقلىقتىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، قولنى-قولغا تۇتۇشۇپ، مۆرىنى-مۆرىگە تىرەپ، بىرلىكتە تىرىشىپ، «شىياۋشاڭخەي»،«قۇملۇق سەيلىگاھى» دىگگن ناملار بىلەن تەرىپلىنىپ كىلىۋاتقان، يىپەك يولىدىكى يېشىل مەرۋايىت ئەزىز ماكان گۈزەل يوپۇرغىنى، بىزنى بېقىپ ئۆستۈرگەن بۇ ئانا تۇپىراقنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشماقتىمىز.
ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكىمەتنىڭ مائارىپنى قوللاش، مائارىپنى يۈلەش سىياسەتلىرىنىڭ تۈرىتكىسىدە ناھىيەمىزنىڭ يەسلى مائارىپىدىن تارتىپ تاكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مائارپىغىچە ئوقۇتۇش شارائىتى، ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇن قۇرلۇشى، ئوقۇتۇش سۈپىتى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپ، مەيلى ناھىيە بازىرى ياكى يېزا مەركەزلىرىدە بولسۇن ۋە ياكى كەنت- مەھەلىلەردە بولسۇن، ئەڭ كۆركەم، ئەڭ چىرايلىق، كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان جاي دەل مەكتەپلەر بولۇپ قالدى. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئىنى-سىڭىللىرىڭلار بۇرۇنقىدەك ئوقۇش پۇلى تۈلىيەلمەسلىكتىن، كىتاپ سېتىۋالالماسلىقتىن ئەنسىرىمەيلا قالماستىن، ھەر كۈنى ئىككى ۋاق قۇۋۋەتلىق تاماقلاردىن ھەقسىز بەھرىمان بولىۋاتىدۇ. دۆلەت يەنە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى، ياتاق پۇلى، دەرسلىك كىتاپ پۇلىنى پۈتۈنلەي كۈتۈرۋەتكەندىن سىرت، ھەر-بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن بىر ئوقۇش يىلىدا 1500 يۈئەندىن ئوقۇش يارىدەم پۇلى تارقىتىپ، نۇرغۇن ئائىلىلەرنى ئىقتىسادىي يۈكتىن خالاس قىلىپ، بالىلارنىڭ مەكتەپتە خاترجەم ئوقۇشىغا شارئىت ھازىرلاپ بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر دەرجىلىك رەھبەرلەر مەكتەپلەرنى پات-پات كۆزدىن كۈچۈرۈپ، مەكتەپ شارائىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ بېرۋاتىدۇ. سىلەرگە دەرس بەرگەن نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە دېڭىز بۇيى رايۇنلىرىدىكى مائارىپى تەرەققى قىلغان شەھەرلەرگە بېرپ تەربىيلىنىپ، كەسپىي ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ كەلدى. مانا مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتتا بالىلارنى مەكتەپتە ئوقۇتماسلىققا، ياخشى ئوقۇتماسلىققا، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇماسلىققا، ياخشى ئادەم بولماسلىققا ھىچقايسىمىزنىڭ ھىچقانداق باھانىمىز قالمىدى. سىلەر ئىنى-سىڭىللىرىڭلارنىڭ ئوقۇشىدىن تولۇق خاتىرجەم بولۇڭلار. ئۇلارمۇ ياخشى ئوقۇپ، خۇددى سىلەرگە ئوخشاش چىڭخۇا ئۇنۋېرستىتى، فۇدەن ئۇنۋېرسىتى دىگەندەك داڭلىق مەكتەپلەرگە ئۆتۈپ، يوپۇرغا خەلقىنىڭ كۆكسىگە تېخىمۇ جۇلالىق شەرەپ گۈللىرىنى تاقايدۇ.
سىلەر يۇرتتىن ، ئاتا-ئاناڭلاردىن، ئۇرۇق تۇغقانلىرىڭلاردىن ئايرىلىپ باشقا يۇرتلاردا ئوقۇۋاتىسىلەر. بۇمۇ سىلەر ئۈچۈن ئاسان ئەمەس. ئەمما ئۈزۈڭلارنى كۈچلەندۈرۈش، ئالىي مەكتەپ ئوقۇشنى غەلبىلىك تاماملاش ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭلارنى قەدىرلەپ، ھارماي تالماي تېرشىشڭلارغا، جاپا-مۇشاققەت ۋە ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا ئاخىرغىچە بەرداشلىق بىرىشىڭلارغا، تۈرلىك بېسىملار ئالدىدا بەل قۇيۇۋەتمەي مۇستەھكەم تۇرۇشۇڭلارغا ۋە تۈرلىك ئېزىقتۇرۇشلارغا ئالدانماسلىقىڭلارغا توغرا كىلىدۇ. بىزنىڭ ئاڭلىشىمىزچە ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىر قىسىم سىتودىنتلار ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ۋە ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتىنى يېرىم يولدا توختىتىپ، ئوقۇشتىن چىكىنگەن ئەھۋاللارمۇ بار ئىكەن. بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلىمىز ئىنتايىن يېرىم بولدى. چۈنكى مەيلى نىمە ئىش، ياكى نىمە سەۋەپ بولىشىدىن قەتئىنەزەر تولىمۇ تەستە قولغا كەلگەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىدىن بۇنداق ئاسان ۋاز كەچكەن ئادەم چوقۇم قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ. ئەمما پۇشايمان قىلغاندا بولسا ئاللىقاچان كىچىككەن بولىدۇ. بىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بارلىق سىتودىنتلىرىمىزغا ئاتا-بوۋىلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن «يىگىت سۆزىدىن قايتماس، يولۋاس ئىزىدىن » دىگەن بۇ ھېكمەتنى سوۋغا قىلىش بىلەن بىرگە، ھەممىڭلارنىڭ ئىرادىلىك بولۇپ، قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غالىپ كىلىپ، ئوقۇشۇڭلارنى تولۇق تاماملىشىڭلارنى، ئالىي مەكتەپتىن غەلبە بىلەن قايتىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمىز. ئاتا-ئاناڭلارنىڭ، قان-قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ شۇنداقلا پارتىيە-ھۆكىمەتنىڭ سىلەردىن كۈتىدىدىغان ئۈمۈدىمۇ شۇ. جۈملىدىن پۈتكۈل يوپۇرغا خەلقى سىلەردىن شۇنداق ئۈمۈت كۈتىدۇ.
نۆۋەتتە بىز دۇنيا مىقياسىدا قايسى مىللەتنىڭ ، قايسى دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكىسى تەرەققى قىلغان بولسا شۇ كۈچلىكلەردىن سانىلىدىغان پەن-تېخنىكا رىقابىتى دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز.
بۇ رىقابەتتە قايسى مىللەتنىڭ قايسى دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكىسى كۈچلىك بولسا، مىللى ئويۇشۇشچانلىق ۋە ۋەتەننى، يۇرت-ماكاننى سۆيۈش كۈچى كۈچلىك بولسا، تىنىچ- خاترىجەملىكنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا توختاۋىسىز ئالغا ئىلگىرلىسە شۇ دۆلەت، شۇ مىللەت ئۆزىنى قۇدىرەت تاپقۇزالايدۇ. مانا مۇشۇنداق ھايات ماماتلىق تاللاش ئالدىدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ھەر بىر سىتودىنت جۈملىدىن مىللىتىمىزنىڭ ھەر-بىر ئەزاسى، نىمىنىڭ ھەق نىمىنىڭ ناھەق، نىمىنىڭ توغرا نىمىنىڭ خاتا، نىمىنىڭ ياخشى نىمىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى ئەقىل كۈزىمىز بىلەن ئوبدان پەرق ئىتىپ، بايرىقىمىز رۇشەن، مەيدانىمىز مۇستەھكەم ھالدا، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتىپاقلىقىنى، جەمىيەتنىڭ مۇقۇملىقىنى، قانۇننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىمىقىمىز زۆرۈردۇر.
ئېنىقكى ھەر قانداق ياخشىلىقىنىڭ بىر مۇكاپاتى بولغىنىدەك ھەر قانداق بىر يامان قىلىمىشنىڭمۇ چوقۇم تىگىشلىك جازاسى بولىدۇ. شۇڭا ياخشى ئىشلارنى جىق قىلايلىكى يامان ئىش قىلىشتىن، يامان ئىش قىلغۇچىلارغا ئەگىشىپ قېلىشتىن ساقلىنايلى!!!
يوپۇرغا مائارىپىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار كۆپچىلىككە شۇنداق مۇراجەت قىلىمىزكى، بىرلىك، ئىتىپاقلىق ئاساسىدا، پەن-مائارىپ ئارقىلىق ئۈزىمىزنى قۇدىرەت تاپقۇزۇش بىز ئۈچۈن تولىمۇ ئاقىلانە تاللاشتۇر!!!
ئاخىردا بارلىق يوپۇرغىلىق سىتودىنىتلارنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ھاياتىڭلارنىڭ تېخىمۇ يېڭى مەنالارغا تولۇشىنى، تېخىمۇ يۈكسەك ھاياتلىق مەزنىلىگە قاراپ تىرىشىشىڭلارنى تىلەيمىز. ئەزىز تىنىڭلار سالامەت بولسۇن، ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشتىن شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەيسىلەر!!!!!
سىلەرگە غەلىبە نۇسىرەتلەر تىلەپ،كامالىي ئېھتىرام بىلەن: يوپۇرغا مائارىپى ئۈچۈن ياشلىق باھارىنى، ئەقىل-پاراسىتىنى، يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىۋاتقان بارلىق مائارپچىلارغا ۋاكالەتەن قەلەم تەۋرەتكۈچى ئوقۇتقۇچىڭلار: روھسان
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى يوپۇرغا