axik884 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-27 12:59 AM
سىز ساقمۇيا؟
يوپۇرغا ناھىيىسى قەشقەر ۋىلايىنىڭ بىر ناھىيىسى، ئۇ قەشقەر-يەكەن بوستانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تۈزلەڭلىككە جايلاشقان، قەشقەر شەھرى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 70 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1942-يىلى يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ ناھىيە بولۇپ قۇرۇلغان. 2014-يىلدىكى ئومۇمى نوپۇسى 157000 بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئومۇمى نوپۇسنىڭ %97 نى تەشكىل قىلىدۇ، ۋىلايەت ئومۇمى نوپۇسىنىڭ ئاران %3.74نى ئىگەللەيدۇ. گەرچە بۇ ناھىيىنىڭ نوپۇسى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 12 ناھىيىسىكى تاشقورغاندىن باشقا ئەڭ ئاز ناھىيە بولسىمۇ، تۇپرىقى قۇملۇق ھەم شورلۇق بولغاچقا، خەلقى ئىشچان، ئىلىم-ئىرپاننى قەدىرلەيدۇ، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر كېلىدۇ. داڭلىق دىھقان كەشپىياتچى ئالىمجان مۇشۇ ناھىيىدىن چىققان. بۇ ناھىيىدە يوپۇرغا بازىرى، يوپۇرغا يېزىسى، ئەشمە بازىرى، يەكشەنبە بازار، ئاچچىق، سىيەك، تېرىم، باياۋات، ئاخۇنلۇق قاتارلىق 9 يېزا-بازار بار. AAA دەرجىلىك داۋاكۆل قۇملۇق مەنزىرە رايونى، مىڭ يىللىق توغراق- سۆگەت شاھى قاتارلىق مەشھۇر سەيلىگاھلار بار، يوپۇرغا ئىشىكى خېچىردەك كۈچلۈك، ھەم قاۋۇل كېلىدۇ، دۆلەت بويىچە ئەڭ داڭلىق ئىشەك ھېسابلىنىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-30 03:39 PM