uyghur05 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 09:26 PM
بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىنىڭ كىتاب ئارىيەتكە ئېلىش كارتىلىر ...
رەھمەت سىزگە، سىزنىڭ بۇ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ بايا ئىشتىن چۈشۈپلا رۇيدانىڭ 12-قەۋىتىگە چىقتىم. ئارقىدىن كۈتۈپخانىغا كىرىپ كۈمۈش كارتىىدىن بىرنى بىجىرىۋالدىمدە-سىتولىستىكى سىرلىق ئەنزە، دىگەن كىتابنى ئوڭۇشلۇق ئارىيەتكە ئىلىۋالدىم مانا. مۇشۇنداق ياخشى بىر ئورۇننىڭ ئىچىلغانلىقىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىكەنمەن. تىخى سىلەرنىڭ يىنىڭلاردا تۇرۇپ دەڭە. بولسا تورغا بىر ئىلان بىرىۋىتىڭلار، تىما يىزىپ بولسىمۇ. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىپ قالسۇن. ئاللا خالىسا ئۆيۈمدە نۇرغۇن كىتابلار بار، كىلەر قىتىم بارغىنىمدا سىلەرگە ئالغاچ باراي، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تەڭ ھوزۇرلانسۇن. قارىغاندا سىز شۇ يەردە ئىشلەيدىغان ئوخشايسىز. ناھايتتى ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلىپسىلەر.كىچىككىنە ئەسكەرتىش بىرىپ قوياي ھە؟بايا كارتا سىيرىغىنىمدا مۇلازىمەتچى قىز مەخپى نومۇرنى باسمايلا ئىچىدە پۇل يوق ئىكەن، دەيدۇ.
ئارقدىن ئىھتىيادسىزلىقتىن تالون باسما قەغىزى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. مەشغۇلاتنى تەپسىلىيرەك چۈشەندۈرۈپ قويۇڭلار جۇمۇ