بانكىر يوللىغان ۋاقتى 2015-1-10 05:41 PM
ئەگەر ئاتا - ئانىڭىزنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولغان بولس ...
ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرىغا قوبۇل قىلىنىپ پۇرسەتتىن ۋاز كېچىپ ، بىزنىڭ ناھىيلىك تولۇق ئوتتۇرىغا ئوقۇشقا كىرگەن ئىككى قىز ئوقۇغۇچۇم بار، مەكتەپ بويىنچە 3-، 4- ، سىنىپ بويىنچە 1-، 2- بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. ئەخلاق ۋە ئېتىقاد، كىشىلىك مۇناسىۋەت جەھەتتىنمۇ يېتىلگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بەك نامرات بولغاچقا ئاتىسى ياكى ئانىسى قارشىلىق قىلىپ مەن ئاتايىن ئۆيىگىچە چىقىپ تەربىيە ئىشلەپ مەكتەپكە ئەكىرىپ ئوقۇتتۇم. ئەمما تۇرمۇش پۇلىدا يەنىلا قىينىلىدۇ.
ئەگەر ئاتا ئانامنىڭ سالامەتلىكى پۈتۈنلەي ياخشى بولۇپ ، مائاشىمدىن ئېشىنسام كۆڭلۈمدىكى لىللا گەپ ئىككى ئىشنى قىلىمەن: بىرى شۇ ئىككى ئوقۇغۇچۇمنىڭ تۇرمۇش پۇلىنى تۇلۇقلاپ بېرىمەن، يەنە بىرىمەن ئايدا ئازدۇر كۆپتۇر تېجەپ ئۆمۈرلۈك تۇرمۇش ئىشىم ۋە كەلگۈسى پەرزەنتىم ئۈچۈن يىغىپ قويىمەن .