ㄒαη┞┦á يوللىغان ۋاقتى 2015-1-18 02:47 PM
جەمىيىتىمىزدىكى ئىللەتلەر تولۇق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ ...
ئىنىم ئەتراپىڭىزدىكى شۇنداق ناچار،يامان ئىللەتلەرگە ھەيران قالغىنىڭىزنىڭ ئۆزى سىزنىڭ ئۇنداق ناچار تىپلارغا ياتمايدىغانلىقىڭىزنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ،.سىز ئۇلارنىڭ ھەممىنى بىراقلا توسۇپ ،تۈزۈتۈپ بۇلالمايسىز،قىسقارتىپلا دەي،ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا تاشلىغاندا،بىر قۇشقاچ ئېغىزىدا بىرتېمىم سۇنى ئېلىپ كىلىپ،شۇنى ئوتنىڭ ئۈستىگە چاچقان،ئۇ قۇشقاچتىن ھەي قۇشقاچ سىنىڭ شۇنچىلىك بىر تېمىم سۈيۈڭ ئوتنى ئۆچۈرەلەرمۇ دەپ سورىغاندا،ئۇقۇشقاچ جاۋابەن:توغرا ،مىنىڭ چاچقان بىر تېمىم سۈيۈمگە ئوت ئۆچۈپ قالمايدۇ،ئەمما مەن ئۆزۈمنىڭ قۇربىتى يەتكەن،ئۆزۈم قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى،مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلدىم دەپ جاۋاپ بەرگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ ئاكا-سىڭىللىرى،ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىز،دوس-بۇرادەرلىرىڭىز،شۇنداقلا ساۋاقداشلىرىڭىز ئارىسىدىكى شۇنداق خاتا يولغا مېڭىۋاتقانلارنى،سەمىمىي،ئاقىلانىلىك بىلەن توسىشىڭىزنى،ھەم شۇلارغا ئۆز ئەمەلىيتىڭىز بىلەن تەسىر كۆرسىتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. مانا مۇشۇلار سىز قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار.