مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: suzuk-ay

سۇسلىشۋاتقان نازاكەت ۋە خۇنۈكلىشىۋاتقان جاسارەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 112242
يازما سانى: 1018
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1767
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 322 سائەت
تىزىم: 2015-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 07:52:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىلارنى  ھە  دېسە  ئەيىبلىمەي ، قىزلىرى ئەمدىلا تۇلۇقسىزنى  پۈتتۈرەي دەۋاتسا ، ئەرگە بېرىشنىڭ كويىدا يۈرۈيدىغان دادىلاردىن ، بىقۇۋۇل ئانىلاردىن كۆرۈڭ ، مىللەت تۈزەلسۇن دەيدىكەنمىز ،قىزلارنىڭ ئائىلە ئەخلاق تەربىيسى ياخشى ئىشلىنىشى كېرەك …

بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىق - مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە سەل قارىغانلىقتۇر . بالىلار خۇددى ئېتىزغا ئوخشايدۇ ، سىز قانچە پەرۋىش قىلسىڭىز ، ئۇ سىزگە كۈتكىنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ھوسۇل بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1652
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14961
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 11:17:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ تېمىدا دىيلگەندەك بىرقىسىم ھاياسىزلار بۇرۇنمۇ بارتى ،ناۋات   سۈيىگە 10يىل چىلاپ قويسىمۇ تەمى چىقمايدىغان ئىنتايىن ئاز بىرقىسم لاۋزا گۇيلار ھېلقى بىركۈن گىرىمسىز قالىدىغان بولسا ئادەمنىڭ چۈشىگە كىرىپ قالغۇدەك مۇردا چىراي ،ئۆلۈك  كۆز «مۇھەببەت »لىرنى ئىنەك موزىينى يالىغاندەك يالاپ تېخىمۇ رەڭسىز قىلۋېتىدىغان بىھايا كۆرۈنۈشلەرنى قىزلار ياتاق بىنالىرىنىڭ  ئالدى -ئارقىدىكى قارياغاچلارنىڭ تۈۋىدە بىزمۇ ئانچە- مۇنچە كۆرۈپ قالىتۇق   ، لېكىن بۇ  ئازسانلىق ئورانگۇتانلارنى  كۆرۈپلا ئالىي مەكتەپ دىگەن ھايۋاناتلار باغچىسىكەن  دەپ تەتۈر تەشۋىق قىلمايلى قېرىنداشلار ! مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە گۈللنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا  بىزنىڭ ھازىر قولىمىزدىن كېلىدىغان ئەڭ چوڭ ئىمكانىيەت دەل  ياشلىرمىزنى  ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش ئارقىلىق تۈركۈملەپ ئىقتىساسلىقلارغا ئېرىششتۇر !
80-،90-يىللاردا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەردىن ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيتى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلۋاتقان ئوت يۈرەك مىللەتپەرۋەرئالىم -پەيلاسوپلار،يازغۇچى -ئەدىپلەرچىققان .
90-يىللارنىڭ ئاخىرى يېڭى ئەسرنىڭ باشلىرىدا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوغلان -قىزلىرمىز كەسپنىلا ياخشى ئۆگىنىپ قالماستىن چەت تىللارنى ئۆگىنىشتىمۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن  تىرشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ئارمانلارئۈچۈن ئوكيانلاردىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ ئاتىلار -ئاغىلارنىڭ ئورنىنى بېسىپ مىللەت تەرەققىيات ھارۋسىنى ئالغا چاپتۇرۇشقا تەييارلىنىپ بولدى . پېقىرمۇ شۇ چاغلاردىكى   زامانداش سىتۇدىنىتلارنىڭ     زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن ئېتقاد ۋە  گۈزەل ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ مۇناسىۋېتىنى تولىمۇ ياخشى ھەل قىلغانلىقىغا شاھىت بولدۇم .
يېقىنقى نەچچەيىل  مابەينىدە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ياشلاركومپىيۇتىر ،خەنزۇ تىلى ۋە چەت تىللارنى ئۆگىنىش ، ئەمەلىي قوللنىشتا ئالدىنقىلاردىن   ئېشىپ كېتىۋاتقانلقى بىزنىڭمۇ قايتىدىن ئىلھاملىنىپ مۇشۇ جەھەتلەردىكى يېتەرسىزلىكلىرمىزنى تولۇقلاشقا تۈرۈتكە بولىۋاتىدۇ .بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىمۇ ئىتقاد -ئەخلاق ،جاسارەتتە ئالدىنقىلارنى بېسىپ چۈشسە چۈشىدىكى ھەرگىز   قىلشمايدۇ .
ئەمدى گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك ،ئالىي مەكتەپتە مۇھەبەتلىشش مەسسلىى يېقىنقى يىللاردىلا پەيدا بولغان ئىش ئەمەس  ،جەمئىيەتتىمۇ بالاغەت يېشدىن ئۆتكەن ياشلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسىنىڭ  ئالىي مەكتەپكە بارمىسىمۇ  ئىنساندا فىزولوگىيلىك -پىىسخكىلىق ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلى   تەبئىي پەيدا بولىدىغان مۇھەببەت ۋە  يات جىنىسقا ئىنتىلىش تۇيغۇسىنىڭ تەسىرىدىن ، ئالىي مەكتەپلەردىكى تەڭتۇشلىردىنمۇ ئاشۇرۇپ  مۇھەببەتلشدىغانلقىنى كۆرۈپ تۇرۋاتىمىز ،ياشلاردىكى مۇھەببەتكە مەستانە بولۇش ،ئۇنى كىشلىك ھاياتنىڭ بىردىنبىر مەناسى قىلۋېلشتەك تەنتەكلەرچە خاتا خاھشنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشقىلا باغېلىۋىلىش ئەمىليەتكە ئۇيغۇن ئەمەس .
مېنىڭچە   ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇھەببەتلىشىشىگە تۇتقان پوزىتسىيەلەر ئىچىدە  ئەينى چاغدا ئالىي مەكتەپتىكى ئۇستازلىرمىزنىڭ  سۆزى ئەڭ ياخشى جاۋاب بولالايدۇ :«سىلەر ھەممىڭلار قورامىغا يەتكەن ،ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان مەزگىلدە تۇرۋاتىسىلەر شۇڭا  ئالىي مەكتەپتە مۇھەببەتلىششىڭلارنى بىز چەكلىيەلمەيمىز ھەم تەشەببۇسمۇ قىلمايمىز .لېكىن شۇنى ئۇنتۇپ قالماڭلار ،مۇھەببەت ئىنسان ھاياتىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولسا ،ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ئىنسانلىق قىممتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بولسا بىزنىڭ ياشىشمىزنىڭ مەقسىتى ۋە مەناسى !ھالبۇكى ئىنسان ئىلىم -مەرىپەت بىلەن ئۆزىنى كۈچلەندۈرگەندىلا تاكامۇللۇققا يېتەلەيدۇ ،شۇڭا سىلەرنىڭ  نۇرغۇن قۇرداشلىرىڭلار ئېرىشەلمىگەن ،كەلگۈىسى جەمئىيەتنىڭ سەرخىللىرى بولۇش ئۈچۈن ئېنىرگىيە توپلايدىغان ئالىي مەكتەپ دەۋرىدىن ئىبارەت بۇ بۇ قىممەتلىك بەش يىلڭلارنى  بۈگۈن بولمىسا ئەتىگە ،بۇيىل بولمىسا كىلەر يىلغا كېچىكتۈرۈشكە بولىدىغان مۇھەببەت  شادلىقلىرى ئۈچۈن ئىسراپ قىلۋەتمەسلىكڭلارنى تەۋسىيە قىلىپ قويۇش بۇرچىمىز بار !»
شۇنداق قىلىپ  بەش يىل  كىتاب بىلەن مۇھەببەتلەشكەنلەرمۇ ،قانچە قىز -قانچە يىگىت بىلەن يۈرگىنىنى ئۆزىمۇ ئېنىق  بىلمەيدىغانلارمۇ چوڭ -كىچلكى ،شەكلى،رەڭگى، ئىچىگە يېزىلغان گۇۋاھلىق سۆزى ۋە تامغىلار قىلچە پەرقلەنمەيدىغان دىپلۇم ئېلىپ قايتتىىيۇ ،بىراق جەمئىيەتتە ئېرىشكەن ئورنى ،ھۆرمىتى ،تاپاۋىتى ،قىسمىتى   ھەركىمنىڭ كۆرسەتكەن تىرشچانلقى  ،تۆككەن تەرى ،تۆلىگەن بەدەللىرىگە يارىشا   تولىمۇ پەرقلىق بولدى  .  
ئاشۇ كىتاب ئاشنالىرىمۇ خۇتۇنسىز -ئەرسز قالمدى ،شۇ مۇھەببەت پىرلىرى ئىچىدىن  بىزنىڭ بالىلار مەكتەپ يېشىغا يەتكۈچە خوتۇن ئېلىپ  بولالماي ،ئەرگە تېگەلمەي يۈرگەنلەرمۇ ھەم چىقتى ..
شۇڭا ئىنى -سىڭللارغا قىلدىغان تەۋسىيەم شۇكى : ئالىي مەكتەپتە مۇھەببەتلەشمىسەم كېيىن ئالدىغانغا قىز تېگىدىغان يىگىت قالمامدىكى دەپ ئەنسىرىمەڭلار ،جاھاندىكى ئانىلار سىلەر ئۈچۈن توختىماي تۇغۇپ بىېرىۋاتىدۇ ئۇلارنى ...شۇڭا سزنى قۇلقىڭىزدىن تۇتۇپ كۇتۇبخانىغا باشلايدىغان ،كەچلىك مۇزاكىرىدە سىزبىلەن  2-3سائەت يانمۇ -يان بىېسىپ  ئولتۇرۇپ  ئۆگىنىش قىلالايدىغان يىگىت -قىزغا ئاشىق بوپ قالسىڭىز قىسىدىغان يەرلىرىڭىزنى قىسىپ ، قايناپ كەتكەن ھىسيات -سەزگۈلىرىڭىزنى كونتىرۇل  قىلىپ  تۇرۇپ  ھايا بىلەن مۇھەببەتلىششكە كۆزىڭىزيەتسە ئىختىيار ئۆزىڭىزدە !
لېكىن  يېقىن كەلگۈسىدە ئىقتىدارسىزلىق ، دىتسزلىق ، ئىشسزلىق ،ئۆي-ماكانسىزلىق ،شەرەپسزلىك.. بۇلارنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى بولغان خۇتۇنسىزلىق -ئەرسىزلىككە مۇپتىلا بولساممۇ  ئاتالمىش «سۆيگۈ -مۇھەببەت » ئۈچۈن ئەرزىيدۇ دەيدىغان قارارغا كەلگەن بولسىڭىز كۈندە مەكتەپ باغچىسىدىكى ئورۇندۇقتا سۆيگۈنىڭىز  بىلەن تولا تەكرارلاپ  تەمى قالمىغان  «شېرىن »زاڭ پاراڭلارنى قىلىشىپ ، موزايدەك يالىشىپ بىر-بىرىڭىزنىڭ خۇنۈك  تەلەتىنى شۆلگەي - تۈكۈرىكىڭىزدە يۇيۇپ ، ھەپتە ئاخرىدا ھېلقى مەنياۋبا -دىبالاردا گىلدىڭباشنىڭ كومۇلىچىنى يېۋىلىپ گىلدىڭلاپ - لەسىلدەپ ئۆتكۈزسىڭىزمۇ  ئەلۋەتتە سىزنىڭ« كىشىلىك ھوقۇقىڭىز» !    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-3 12:05 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Ay.sadap + 39 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 114677
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 62
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2015-2-25
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 09:44:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي  بۇ ئىشلارغا خۇدايىم ئىنساپ بەر مىسە بىكا چۈنكى شەيتاننىڭ مۇھاسىرسىدە قالغان بۇ ياشلىرمىزغا ئاللاھ ھىدايەت قىلسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش