مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bilimxumar

بىلىمخۇمار: نىيەت بار يەردە، ئامالمۇ بار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107189
يازما سانى: 547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1908
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 155 سائەت
تىزىم: 2014-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 02:59:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىلاردىن ىخۇش بولدۇم ،رەخمەت سىزگە بىلمخۇمار ئەپەندى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5434
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1327 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 04:47:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kapitan2 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-19 02:32 PM
قارىغىنە يازغان نىمەڭگە.
ئەقلىڭنىڭ يىتىلمىگەن كەمتۈك ...

ھەي قانخور كاپىتان، ھەر بىر ئىنكاسىمنى قەستەن چىقىپلا تۇرىسەن. پوق قوڭاڭ نەگە بارسا شۇ يەرنى بولغايدۇ.

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئاتۇش ...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16888
يازما سانى: 589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9272
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 890 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 05:20:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامېرىكىنى ئامېرىكا قىلىۋاتقان دەل مۇشۇنداق روھقا ئىگە كىشىلەر
تېما ئىگىسىگە رەھمەت !

1 - ئىلىملىك بولماي تۇرۇپ ماختانما ...
2 - ئۆزۈڭدە بىر چېلەك سۇ بولغاندا ، ئاندىن كىشىگە بىر چىنە سۇ بېرەلەيسەن ... !
3- ئۆزۈڭدىن ھالقى ، بۈيۈكلۈككە يەت ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2366
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 553 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 05:39:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ىيزىلغان ،  بىز  پۇل بەرمىسە ئۇنداق يەرگە ھەرگىز چىقمايمىز  

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 05:53:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111234
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 437
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 102 سائەت
تىزىم: 2014-11-26
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 06:22:27 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا چەكتېڭىز ، ئ‍ەمما بىزگە ھەقىقى ئ‍ىنىرگىيە ئ‍اتا قىلىۋاتىسىز ،  ئ‍اللاھ رەھمەت قىلسۇن ئامىن …

باشقىلارنى ئۆزگەرتىشتىن ئ‍اۋال ئۆزۈڭنى ئۆزگەرت

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7588
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7701 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-19 07:05:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىرىشقان تاپار دېگەن ئىدىيۇممۇ بو ئىشقا ماس كەلگىدەك. بىر ئىشقا ئاتلانغان ئىكەنمىز، چوقۇم بارلىق ھوجۇدىمىز بىلەن  ئەستايىدىل قىلساق ،قىلغان ئەجرىمىز بىكارغا كەتمەيدىغانلىقىنى تېخىمۇ چۇڭقۇر  ھېس قىلدىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-19 07:05 PM  


ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن بەندى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1423
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12884
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 11520 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 09:38:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدى بىلەن تېما ئىگىسگە رەھمەت، لېكىن ئاۋۇ «قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە» دېگىنى ئىدىيوم ئەمەس بەلكى ماقال-تەمسىل. تېخىمۇ ئىنچىكىلىگەندە ئۇ ماقال. قۇسۇر تاپقىنىم ئەمەس جۇمۇ، تىللىماڭلار. كەسپىي كېسەل

دۇنيادا ھەممىدىن ھايات قىممەت،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت.
ۋە لېكىن كېچىمەن ھەر ئىككىسىدىن،
ئەركىنلىك، ئازاتلىق ئۈچۈنلا پەقەت.
                                          فېتوفى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91880
يازما سانى: 1453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8600
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 857 سائەت
تىزىم: 2013-2-18
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 01:19:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




  ئۇ ئىككى ئەبلەخنىڭ يىشى مەن بىلەن تەڭتۇشتەك قىلىدۇ. قىلغان ئىشلىرىغا قاراپ ئىلىقسز قالغان سىرىق ساقاللىرى بىلەن كۆزۈمگە بىر خىل قەيسەر ۋە جەسۇر قەدىمى ئۇرۈش قەھرىمانلىرىغا ئوخشاش كۆرۈنۈپ كەتتى .

مۇشۇ ھوللىۋد نىڭ كىنو-فىلىملىرىدا دائىم ئۆسكىلەڭ ساقىلى ئىلىنمىغان چاچلىرى ئۆسۈك ئەر پىرسۇناژ ۋە يۈزىگە گىرىم قىلمايدىغان قاشلىرى قىنىق ۋە قويۇق كىيىملىرى ۋەتىۋەرەك ئايال پىرسۇناژلازنىڭ  ئىچ مىجەز . قەيسەر . قورقۇمسىز . زىيادە تەۋەككۇلچىلىق روللارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلەنگەن كۆرنۈشلەرنى تولا كۆرۈپ كۆزۈمگە ساقىلىنى ھەر كۈنى ئەتتىگەن-كەچتە ئىككى ۋاق قىرىپ  ، كۆينەكنى شىمنىڭ ئىچىگە  تىقىپ قويۇپ . قەلىمى يەرگە چۈشۈپ كەتسە تەننازلارچە ئالاھىيدە قىلىق چىقىرىپ  ئىڭىشىپ ئىلىپ يۇقۇپ قالغان توپا-چاڭلارنى ئەدەپ بىلەن يىنىك فۇلەپ يانجۇققا سالدىغان  ياڭيۇ يۈز ئەرلەر بىلەن كوچىدا كىتىۋىتىپ ماڭدامدا بىر توختاپ . كوچىدا توختىپ قويغان پاكىزراق ماشىننىڭ يۈزىدىن قايىتقان ئەكسىگە  ۋە داس-چەينەك ساتىدىغانلاردىن داس-چەينەك ئالغان بولۇپ داس-چەينەككە چۈشكەن  سۈرىتىگە قاراپ ئۆيدە يۈزىگە قىلغان گىرمنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرنى ئوڭشىۋىلىپ باھادا كىلىشەلمىگەن بولۇپ كىتىدىغان قىز-ئاياللار  بارغۇ  كۆزۈمگە قىزىل چىراق كوچىسىدا خىزمەت قىلدىغان غەيرى ئەرلەر بىلەن قاۋاقخاندا خىزمەت قىلدىغان ئاياللاردەك كۆرۈنىدۇ بولۇپ قالدى .  


   بۇ ئىككى ياشنىڭ قىلغان ئىشىغا قاراپ ئۆزۈمنىڭ 15 ~17 ياش ۋاقىتلىرىمدا  ئەھلى مەھەلدىكىلەرنىڭ ۋە ئانامنىڭ ئەخمەق بولما  قىلالمايسەن . ۋاي بۇ مەھەللىمىزدىن چىققان تۈنجى ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يەيدىغان بالا بولدى . كەتمەن چىپىشتا سەندەك ئىغىزىدىن سۈت تىمىپ تۇردىغان بالىدىن ئوننى ياندايدىغان ئەر خەقلەرمۇ قىلالمايدۇ بىر ئىشنى دەپ توسسىمۇ ئۇنماي . ئانامدىن بىر مۇنچە ( قارغىشنى ) ئىلىش بەدىلىگە مەكتەپتىن بىر ياز قىچىپ جۇڭغار ئويمانلىقىدا  35~40 سىلىتسىيە گىرادۇسلۇق ئىسىقتا ئىشلەپ تاپقان ئون نەچچە مىڭ يۈۋەنگە .پۇلنىڭ كۆزىگە ياغاچ تىقتىڭ . ھىچكىم ئالمىغان يەرنى سەن ئالامسەن دىسە كاجلىق قىلىپ ئۇنماي ئىلىپ پەن-تېخنكا بىلەن باشقۇردىغان يۇقۇرى ئىقتىسادى ئۈنۈملۈك ئالاھىيدە يەر قىلىمەن دەپ سېتىۋالغان ئىدىم .  ئۇ ۋاقىتتا ئۇ سېتىۋالغان يەر يۈزى سۇ ئورنىدىن ئالدى بىرمىتىر كەينى 50 سانتىمىتىر ئىگىز بولۇپ ئەينى ۋاقىتىدا بۇ يەر سۇ ئورنىدىن كۆپ تۆۋەن بولۇپ مەدىنىيەت ئىنقىلابىدە دولقۇن قىلىمىز دەپ بارلىق كىرەكسىز توپىلارنى شۇ يەر ئىقتىسادى ئۈنۈمى تۆۋەن تۇپرىغى ياخشى ئەمەس دىگەن قاراش بىلەن تۆكۈشتىن ھاسىل بولغان ئىشكەن . نىمە ئۈچۈندۇر شۇ ۋاقىتتا توپا تۆكۈشتىن ئىلگىرى شۇ يەرگە تىكىپ قويغان ئاكاتسىيە . ئۈجمە . ئاچچىق ئۈرۈك ...دىگەندەك نەرسىلەر يەر ئاستى سۈيى يىلتىزىغا يىقىنمىكىن تاڭ يوغىناپ غولى ئالدىنىڭ ئىككى ئادەمنىڭ غۇلىچى يەتمەيدىغان ئەڭ كىچىگىمۇ سىمىزرەك ئادەمنىڭ بىلىدەك بولۇپ كەتكەن چاتقانلىققا ئايلىنىپ تاشلىنىپ . يەرلەرنى ھۆددىگە بىرىش سىياسىتى سەۋەپلىك بۇ يەرنىڭ يىنىدىكى مۇنبەت يەرگە بۇ يەرنى بىكارلىق قوشۇپ بىرىپتىكەن ، ئالاي دىسەم  توساتتىنلام يەر ئىگىسى يۇقۇرى باھا قويۇپ تۇرۋالدى .  ئالماي دىسەم تۆۋە كىچە-كۈندۈز شۇ يەرلەرلا كىرپلىۋالدى . نەچچە ئاي تالىشىپ يۈرۈپ ئاخىرى ئالدىم، يۈزىدىكى دەل-دەرەخلەرنى چىقىراي دەپ توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى ئىزدىسەم ئۇ ئاي ئۇ كۈنلەردە بۇ ماشىنلار مارالبىشى . ئاقسۇ ...قاتارلىق رايۇنلاردا قاتتىق بوز يەر ئىچىپ پۇلنى تاغارلاپ تىىپىشقا كەتگەنلىگى ئۈچۈن مىنىڭ بىر نەچچە سائەتلىك ئىشىمغا كەلمىدى . ھازىرقىدەك ئورەك كولاش ماشىنىسى دىگەن شىنجاڭدا ئەتىۋار بولۇپ پەقەت خەۋەرلەردە ئىسلاھات ئىلىپ بىرىۋاتقان تەرەقىيات رايۇنلىرىدا مۇشۇنداق ماشىنلارنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئاندا-ساندا كۆرۈپ قالاتتۇق . باشقىلارغا كولىتاي دەپ ئەمگەكچى بازىرغا كۈنلەپ كىىرپ ئادەم ئىزدىسەم . باشقىلارنىڭ پۇت-قولىنى ئۇرۇپ سۈندۈرۇپ بىرىدىغانغا ئادەم چىقسا چىقتى بىراق كۆتەك كولايدىغانغا ئادام چىقمىدى . پۇل تىپىشتا ھەر قانداق قىينچىلىقتىن قورۇقماي دادىل يۈزلىنىشكە قەسەم قىلىغان ئاز ساندىكى كىشىلەر چىققانمۇ بولىدىيۈ بىراق ئىشنى كۆرگىلى چىقىپ غولى ھەر-ھەر چوڭ  تۇرغان ھەر خىل دەرەخلەرنى كۆرۈپ ئىرادىسى بوششۇپ ، ۋاي دىۋىنىڭ بىلىدەك بۇنداق دەرەخنى يىقىتىپ كوتىگىنى كولاپ بولغىلى بولمايدۇ . سزنى خۇدا ئۇرۇپتۇ ئۇكام ! بۇ يەرنى يەر قىلىمەن دىمەي ئەڭ ياخشىسى مەھەللىنىڭ باللىرىغا مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئوينايدىغانغا   تاشلاپ بىرىڭ دەپ  ھىچكىم ئۇنمىدى .
  قانداق قىلىمەن ؟ ئاخىرى ئۆزۈم قىلىشنى قارار قىلىپ . زادى قانداق ئۇسۇلدا  بۇ دەرەخلەرن يىقىتىپ كۆتىگىنى چىقارغىلى بولىدۇ دىگەن خىيالدا نەچچە كۈن ئويلىنىش ئارقىلىق  ئاخىرى دەرەخنى تۈۋىدىن كەسمەي . كۆتىگىنى چۆرىدەپ كولاپ پەقەت كولاشقا مۈمكىن بولمىغان يىلتىزلار قالغاندا  دەرەخنىڭ يۇقۇرى ئۇچىغا ئارقان چىگىپ ئالدى-كەينىگە لىڭىشتسام غايەت زور دەرخ شاخلىرنىڭ غولنى لىڭىشتىش تەسىرىدىن خىيالىمدا دەرەخ چوقۇم يەرگە يىقىلاتتى . بىراق بۇ نەزىرىيە جەھەتتىن توغرا بولۇپ ئەمەلىيەتتە شۇنداق بولامدۇ بولمامدۇ شۇ ۋاقتتىكى ئەقلىمدە بىلمەيىتتىم . شۇنىڭ بىلەن بىر سىناپ بىقىش ئىستىگى بولدى. ناۋادا قالماشمىسا شۇ پىتى تاشلاپ قويۇپ نەچچە يىللىق توختام تۈزۈپ ئىشقا كەتكەن توپا ئىىتىرىش ماشىنلىرى ئىككى-ئۈچ يىلدىن كىيىن بىكار بولۇپ كەلسە شۇلارغا يىقىلدۈرامەن دىگەن يەرگە كىلىپ سىناق قىلىش ئۈچۈن تۈنجى بولۇپ بىر تۈپ دەرەخنىڭ كۆتىگىنى چۆرىدەپ كولاپ ئۈستىگە ئارقان سىلىپ تارتسام . خۇددى ھازىر يىقىلىدىغاندەك قىلىپ قويۇپ كەچ بولاي دىگەندە كۆتىكىنى قومۇرغان غاراسلاپ يىقىلدى. ئىشقىلىپ قىلغان ئەرجىم بىكار كەتمىدى. ئەتىسى بىرنى يىقىتتىم . مۇشۇنداق بىر نەچچىنى يىقىتىش جەرياندا ئارقان قانچە ئۇزۇن بولسا كۈچۈم شۈنچىكى ئاز كىتىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتتىم .شۇنىڭ بىلەن ئارقاننى تېخىمۇ ئۇزارتتىم . ئىش تېخىمۇ ئاسانلاشتى .  ئۇ ۋاقتىت دەل ئەتىياز پەسلى بولۇپ پات-پات شامال-بوران چىقىپ تۇراتتى. توساتتىن كاللامغا توختا جىنىمنى قىيناپ نىمە قىلىمەن . يەنە بىرە ئايدىن كىيىن قاتتىق بوران چىقىدىغان پەسىل تۇرسا شۇ بوراندا يىقتىشنىڭ ئامالىنى قىلمايمەنمۇ دەپ ئويلاپ . ھەممىنى تەييار قىلۋىلىش ئۈچۈن ھەر كۈنى سەھەردە چىقىپ كەچكىچە ئۈچ-تۆت غولى يوغان دەرخنىڭ كۆتىكىنى چۆرىدەپ كولاپ تەييار قىلۋالدىم . قاتتىق بوران چىقىدىغان كۈلەر يىتىپ كەلگۈچە ئاساسەن ئەڭ چوڭلىرنى كولاپ تەييار قىلىپ ئۇششاقراق كۆتەكلىك دەرەختىن 70 نەچچە تۈپ دەرەخ قالدى. قاتتىق بوران چىقىدىغان كۈنلەرمۇ كەلدى . پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ دەرەخنىڭ ئۈستىدىن ئارقان بىلەن باغلاپ ئارقاننى  بوران كەلگەن يۆلىنىشىكە قاراپ بىر نەچچىنى تارتسام بوراننىڭ كۈچى بىلەن قاراسلاپ يىقلىۋەردى  پاھ !!!  كارامەت !  بوران چىقمىغان كۈنى ئارام ئالدىم بوران چىققان كۈنى دەرەخ يىقىتىم .شۇنداق قىلىپ ھەپتە ئىچىدە يەر يۈزىدىكى ئەڭ چوڭ دەرەخلەرنى يەرگە كۆتىگى بىلەن يىقىتىپ بولدۇم. ھىلىقى 70 نەچچە كىچىكرەك كۆتەكنى ھەر كۈنى ئۈچتىن-تۆتتىن كولاپ ئىككى ئايدا كولاپ بولغان بولدۇم . ئۆتكۈر پالتىدىن ئىككىنى ياسىىتپ بىرسى گال بولسا بىرنى ئىشلىىتپ دىگەندەك ئادەم كۆتۈرەلىگۈدەك ھالدا دەرەخلەرنى چاناپ شاخلىرنى بىر يانغا بىسىپ يىنىكلەنگەن كۆتەكلەرنى چوڭ تىراكتۇرغا سۆرىتىپ بىر يانغا بىسىپ قويدۇم .  ئەمدىكى مەسىلە يەرنى ئولتۇرغۇۇزپ سۇ چىقىرىش ئىشى قالغان ئىدى. بىشىم قىتىپ تۇرسام بارلىق ئائىلە ئۆلچەملىك قوتان سىلىش سىياسىتى چىقتى . قوتان چوقۇم ئەنجان تامدا سىلىنىش كىرەكلىگىنى بۇنداق بولغاندا قوتان يازدا سالقىن قىشتا ئىللىق بولارمىش. قوتان سىلىشقا توپا لازىم بولىدۇ ئەلۋەتتە !  شەھەر ئەتراپىدا نەدە بىكار توپا ؟ دەيسىز .  ئۆز مەھەللىمىزدىكى ۋە قوشنا مەھەلدىكى كىشىلەرگە  توپا قەھەتچىلىگى بولدى. ئۇسۇشتا قىينالمىساڭلار بىزنىڭ يەرنىڭ توپىسنى ئىلىپ كىتىڭلار دىسەم . ئۇلار ماقۇل بولۇپ ھەر كۈنى تىراكتور-تىراكتۇرلارغا چۈمىلىدەك ئولىشىپ بىر قاچىلغىلى تۇرۇپتى . ۋاي ئادەم كۈچىمۇ يامان نىمىكەن. بىر ئاينىڭ ئىچىدە ئون نەچچە مو يەرنىڭ توپىسنى توشۇپ يەرنىڭ يۈزىنى سۇ ئورنىدىن 50 سانتىمىتىر چوڭقۇرلۇقتا ئۆيۇپ توشۇپ بوپتۇ.  قارسام توختىماي قازىدىغان چىراي. بولدى جىنىم ئاكىلار ! ماڭىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر يەرنىڭ توپىسى قالسۇن ئەمدى بولار دىسەم جىنىم ئۇكام يەنە  ئون توچەي ئۇسۇۋالاي. بەش توچەي ئۇسۋالاي دەپ كولاۋىرىپ  يەر شارىنىڭ مەركىزىگە ئاپىرۋاتىدىغان چىراي . قىزىل يۈزلۈك ئادەم ياق دىگىلى بولمايدىكەن . ئەتىسى سەھەردە ئۆستەڭنىڭ سۈيىنى باشلاپ كىلىپ لىققىدە سۇ قويۋاتسام . توپا ئۇسقىلى كەلگەنلەر ئەپسۇسلىنىپ قايتىپ كىتىشتى . يەرنىڭ نەملىگى كىلىشكەندە. ئاغدۈرۈپ پىننە كۆرچۈرۇپ تازا ئاينىغاندا يەنە بىر قىتىم ئاغدۈرۈپ كىلەر يىلنىسى تېلېۋۇزۇردا ھە دەپ بادامنى ماختاپ بەرسە. مەن گاچا شا بولۇپ 200 تۈپكە يقىن ئالە سورتلۇق بادامنى تىكپتىمەن. ۋاي ئاللاھ  ئۈچ يىلدىن كىيىن بادامنىڭ چېچىگى ئىچىلسا ئۇ يەر بەئەينى باغچا بولىدۇ . بىراق يىل ئاخىرسىدا  بىر خالتىمۇ بادام چىقمايدۇ . دورا چاچ دىدى چاچتىم. ھەسەل ھەرسىدە چاڭلاشتۇر دىدى بۇنىمۇ قىلىپ باقتىم . شاخلىرنى چاتاپ تۇر دىدى ئۇنىمۇ قىلدىم. ...ئىشقىلىپ بادامغا ئۆزۈمنى چاناپ قىنىمنى بەرمىدىم قالدى ئاڭلىغان كۆرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىنى قىلىپ باقتىم . پەن-تېخنىكا كىتاپلىرىدىكى كۆرسەتمىلەرنىمۇ قىلىپ باقتىم . ئاچچىغىمدا ئۇ كىتاپنى بادامنىڭ غولىغا چاپلاپ ئۈستىدىن ئون سانتا مىق بىلەن مىقلاپلىۋەتتىم .  ئەسلىدە  ئۇ يەر تىەىدىن بادامغا ماس كەلمەيدىكەن . ئەمدى قانداق قىلىش كىرەك . ئىچىم ئاچچىق تۇرسام بەلىكم قاغىنىڭ ئاغىزىدن چۈشۈپ قالغان ياكى كۆمۈپ قويغان ياڭاقتىن  ئۇنۇپ قالغان بىر تۈپ ياڭاق بار ئىدى . نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئانچە ئىرەنشىمەپتىمەن . بىر كۈنى كۆزۈپ چۈشۈپ قاپتۇ دىققەت قىلسام كىچىك تۇرۇپلا بەش-ئالتە ياڭاق تۇردۇ. توختا بۇ يەر ياڭاققا ماس كىلدىغان چىراي ھۆكۈمەت نىمە دىسە كەينىدىن مەھ مەدەك ئىز بىىسپ مىڭىۋەرمەي ئۆز ئالدىمغا بىر ئىش تۇتۇپ باقاي دىگەن خىيال بىلەن   كىلەر يىلى 150 تۈپ ياڭاق تىكىپ كىلەرقى يىلنىسى ھەممسىنى ياخشى سورتقا ئۇللاتقۇزۋەتتىم . ئويلىمىغان يەردىن شۇ ئۇللىغان يىلى پۇرچاقتەك -پۇرچاقتەك ياڭاق چۈشۈپتۇ. نوتىغا كۈچ كەلمىسۇن دەپ ھەممىنى ئۈزۋەتتىم . كىلەر يىلنىسى ئالدى 50~40 دىن كەينى 30~20 دانىدىن بولۇپ -بولۇپ مانا مەھسۇلاتى يىلدىن-يىلغا تازا ئىشىپ بىرۋاتىدۇ .

...ھەر قىتىم شۇ باغقا چىقسام .باغنىڭ ئۇ يان بىشىدىكى بىر مو دائىردىكى يەرگە بىسىپ قويغان پىلدەك-پىلدەك كۆتەك. دەرەخنىڭ غوللىرغا كۆزۈم چۈشسسە. مۇشۇ ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئۆزۈمنىڭ قىلغانلىقا ئۆزۈممۇ ئىشەنمەيمەن . شۇ ۋاقىتتا قوللۇرۇمنىڭ ئالقىنى قاناپ بىلەكلىرىم تاس قالغان سەزمەس بولۇپ قالغىلى . كىچىللىرى ياتسام بەدەنلىرىم غۇرۇچلاپ ئاغىرىپ ئەتىسى ئۆلدىغان ئوخشايمەن دەپ ئويلاپمۇ قالاتتىم بىراق ئەتىسى تاڭ ئاتسا  يەنە شۇ ئارزۇ-ئىستەكنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزۈممۇ سەزمەي ئىشنى قولۇمغا ئالاتتىم . ھەتتا شۇ ۋاقىتتا رەھمەتلىك دادامغا غايىبانە كايىغان . خاپا بولغان يەرلىرىم بولغان . ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتۈپتۇ . ئالدىنقى يىلى شۇ كۆتەك .غوللار بىسىلغان يەرگە گۆش كەپتىرى ياكى توشقان باقىدىغان بىر فرما قۇراي دەپ توك . تۇربا ...دىگەندەك نەرسىلەرنى تارتىپ قوياي دەپ ئويلاشسام . يەر يۈزىدىكى بىسپ قويغان كۆتەكلەر پۇتلاشتى. ئانام بالام ھىلىمۇ بىر نەرسىلەر ئۇزۇن يىل تۇرۇپ كەتتى. يا ستۋىتەيلى. يا زاۋۇتتا ئوتۇن قىلدۈرۈپ قالاپ تۈگىتەيلى دەپ تۇرۋالدى. ماقۇل بوپ زاۋۇتقا ئاپارسام  سائەتلىك ھەق ھىساپلايمەنمۇ ياكى كۈنلۈكمۇ ۋە ياكى پۇتۇن دىيشىمىزمۇ دەيدۇ. مەن تىخى كۈنلۈك بولسا بىكار ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ بىر مۈنچە ھەق ئالىدۇ بۇنىڭدىن كۆرە سائەتلىك دىيشەيلى دىسەم ئىنىم شەرەتلەيدۇ . قىشغا بارسام ئاكا . سائەتلىك دىيىشسەك سائىتىگە 80 نەچچە يۈۋەندىن ھەق ئالسا  مىڭ يۈۋەندىن ئىشىپ كىتىدۇ ئۇنىڭدىن پۇتۇن دىيشىڭ دەيدۇ . ئويلىسام ئىنىمنىڭ گىپمۇ توغرا ! شۇنداق قىلىپ ھەممىگە نەچچە پۇل بىرمەن دىسەم 600 يۈۋەن بىرىڭ دەيدۇ. باھا تالىشىپ  مەن ئارلاشمايدىغان ئۆزى ئادام ياللاپ ئوتۇن چىقىدىغانلارنى ئوتۇن قىلىپ شال چىقىدىغانلارنى شال قىلىپ بىرىشكە بەش يۈۋەنگە دىيىشتۇق .   بىراق ئىشنى باشلاپ بىر كۈن تىلپمۇ ئىش يىرىم بولماپتۇ . كەچتە تېلېفۇن قىپتۇ . بەك ئاز دىيشىپ قويۇپتىمەن ھەممۇ بىر-ئىككى ئادەم ياللاپ بىرىڭ دەپ.  مەن ئويلىشىپ باقاي دەپ تېلېفۇننى تاقاپلا قەشقەرگە بىرىپ نەچچە كۈن قۇلىقىمنى يوپۇرۇپ  ھەپتە بولغاندا كەلسەم ئۇستامنىڭ قاپىقىغا قارىغىلى بولمايدۇ . جىدى ئىش چىقىپ قىلىپ قەشقەردسە بولۇپ قالدىم ماۋۇ سىللىگە كۆڭلۈم دەپ قەشقەردىن ئىلۋالغان نەچچە كىلو ئانارنى تۇتقۇزۇپ قويسام چىرايى بىر ئاز سۈزۈلگەن بولدى. دىيشىچە مەن تېلېفۇننى ئىتىۋالغاندىن كىيىن تىلماسلىق قارارىغا كەپتۇ. بىراق ھەممە كۆتەك ۋە دەرەخنىڭ غوللىرى زاۋۇتنىڭ ئەتىراپىغا بىسىلىپ زاۋۇتنىڭ ئالدىنى توراپ تۇرغاچقا مائارىپ ئىدارسىدىن ھەر قايسى مەكپتەپلەرنىڭ ئۈستەل-ئورۇندۇقلىرنى ياساشقا ئىشلىتىدىغان ياغاچلارنى تىلىشقا ئامال بولمىغاچقا مائارىپتىن كىلدىغان ئون نەچچە مىڭ يۈۋەن پايدىنى قولدىن چىقارغۇسى كەلمەي . ئامالسىز مىنى غايىپقا تىللاپ قاىشاپ تۇرۇپ تىلىۋىتىپتۇ.  يۈزۈم خىلى قىلىن بولغاچقا بۇنداق گەپلەرنى كۆڭلۈمگە ئىلىپ كەتمىدىم . شۇنداق قىلىپ ئوتاننى ئوتان تۈرىگە شالنى شال تۈرىگە ئايرىسام  چىرايلىق شالدىن يۈز نەچچە دانە شال چىقىپتىكەن . ئىنىمنڭى ئۆيسىنىڭ ئاستىغا ئىشلىتەر دىسەم گاچا ئىنىم سۈنئىي چاقچۇق باسىمەن دەپ كىرەك قىلماپتىكەن . باغدا  ئارام ئالدىغانغا بوچاڭ قىلارمەن دەپ تاشلاپ قويدۇم .

....ئانام ئوتاننىڭ تامىقى تاتلىق بولىدۇ .چىيى مىزلىك بولىدۇ دەپ  كۆمۈرنى تاشلاپ ئوتاندا تاماق قىلىشنى باشلىۋاپتۇ .  ھەر قىتىم ئوتقا قارسىام . شۇ ئوتانلارنىڭ جىسمى بولغان كۆتەكلەرنى كولىغان ۋاقتىمدىكى قەيسەرلىك ۋە ئىرادە ئىسىمگە كىلىدۇ.    غۇچچىدە ئىچىلغان قىپقىزىل گۈللەر بىلەن شاخلىرنى كۆتۈرلمەي قالغان ياڭاقنى كۆرگەن ئەھلى مەھىلدىكەر ۋە ئانامنىڭ ماڭا بولغان قارشىمۇ ئاسمان-زىمىن ئۆزگەردى .  مەن ئۇچۇن باغنىڭ كىرىمى بەربىر . ئاساسلىق ئويلىغىنىم يىشىمنىڭ شۇنداق كىچىكلىگە باقماي. بىر ئون نەچچە يىل جىن-ئالۋاستىلارنىڭ ئۇۋىسنى گۈزەل بىر يەرگە ئايلاندۇرۇشۇمنىڭ ئۆزى مەن ئۈچۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ گۈزەل ئەسلىمە بولۇپ قالدى .


  نىيەت بار يەردە ئامال بولىدۇ .  

رەھمەت بىلىمخۇمار ئاكا.  مىنىڭ ئىزچىل ئىشىنىدىغىم . ئادەمدە بىرلىك ئىرادە ۋە سېستىملىق ئەقىل-ئىدراك بولسىلا سەھرايى كەبىر ۋە تەكىتماكان چۆلىنىمۇ بوي سۇندۇرغىلى بولىدۇ .
  
  مەن چوڭ بىلدىغان ۋە چىرايى كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرنىدىغان بىر پىرسۇناژ بار. ئۇ بولسىمۇ رامبو . رامبۇنىڭ كۈلمەس چىرايى . نەرسىلەرگە بىزارلىق تۇيغۇسى بىلەن قارايدىغان بۈكۈتتەك كۆزى ۋە بىر ئىشقا ئىرادە قىلسا دېڭىز دولقۇندەك ئۆزىنى شۇ ئىشقا ئۇردىغانلىقى ..... مىنى ئەڭ جەلىپ قىلىدۇ.  

    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-20 02:11 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105253
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2014-3-24
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 07:14:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدە نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق سىناپ باقاي دەيدىغان ئىدىيە كەمچىلدۇ ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش