|
|
|
|
سىمسىز تورنىڭ سىگنالى ئاجىز؟ ئىچىملىك قۇتىسىدىن پايدىلىنىپ ئاددى WiFi سىگنال كۈچەيتكۈچ ياسىۋېلىڭ!
ئىشىنىمەنكى، ھازىر يانفون، لەپتوپ قاتارلىقلارنىڭ ئائىلىلەردە ئومۇملىشىغا ئەگىشىپ، ھەممە ئۆيدە سىمسىز روتېر ئارقىلىق تورغا چىقىش ئومۇمۇملىشىپ كەتتى، ئىشقىلىپ ھازىر wifi ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەر خېلىلا كۆپ، iPhone دەيمىز، PSP دەيمىز، ۋە ياكى باشقا Android تاختا كومپيۇتېرلىرى دېگەندەك…ئەمما بەزىدە ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى، ئۆيدىكى WiFi سىگنالى تازا ياخشى بولمايدىغان ئەھۋالغا دۇچ كېلىمىز، ئۇنداقتا بىز تۆۋەندىكى ئۇسۇل ئارقىلىق ئاددى بىر دانە WiFi سىگنال كۈچەيتكۈچ ياسىۋالايلى! زادى رولى بولامدۇ يوق، سىناپ باققاندىلا بىلىمىز… بىرىنچى باسقۇچ، بىر دانە ئىشلىتىلىپ بولۇنغان كولا ياكى پىۋا قۇتىسى تاپىمىز ۋە پاكىز يۇيىمىز
ئېغىز قىسمىدىكى ھالقىنى ئاجرىتىپ ئالىمىز
پىچاقتەك تىغلىق ئەسۋاپلار ئارقىلىق قۇتىنىڭ ئاستى قىسمىنى يۇمىلاق شەكىلدە كېسىۋالىمىز، قۇتىنىڭ ئاستى قىسمى پۈتۈنلەي ئېلىۋېتىلىدۇ
يەنە شۇ پىچاق بىلەن قۇتىنىڭ ئۈستى قىسمىنى يۇمىلاق شەكىلدە كېسىۋالىمىز(دىققەت: پۈتۈنلەي كېسىۋېتىشكە بولمايدۇ، رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئاق سىزىق بار ئورۇننى كەسمەيمىز، شۇنىڭدەك ئاق سىزىق چوقۇم قۇتا ئاغزىغا يېقىن جايدا بولۇشى كېرەك)
ئاق سىزىق قويۇلغان جاينىڭ قارشى تەرىپىدىن گورزېنتال ھالەتتە بىر دانە قىزىل سىزىق سىزىۋالىمىز ۋە بۇ سىزىقنى بويلاپ كېسىمىز
تاشقى قاپنى ئاچىمىز ۋە ئاق سىزىق قويۇلغان جايدىكى قۇتا ئاغزىدىن روتېرنىڭ ئانتېناتىسىنى چىقىرىۋالىمىز، تاشقى قاپنى مۇۋاپىق شەكىلدە ئېگىپ قويساق بولىدۇ
سىگنال كۈچەيتكۈچنى ياساش تامام!WiFi
مەنبە؛تورخۇمارتورى
|
|
|
|
|
|