zaghun يوللىغان ۋاقتى 2015-1-20 07:58 PM
كورلىنى ئوراپ تۇرىدىغان تاغنىڭ نامى نىمە؟كورلىنىڭ ئاس ...
كورلىغا قاراشلىق 8 ناھىيە ئىككى شەھەر بار....4ناھيەسى جەنۇپتا...چەرچەن،چاقىلىق،بۈگۈر،لوپنۇر....
4ناھىيەسى كورلىنىڭ شىمالىدا يەنى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ئېتىكىگە جايلاشقان قاراشەھەر ئويمانلىقىنى مەركەز قىلىپ جايلاشقان....
ئۇلار قاراشەھەر،باغراش ،خوشۇت،خېجىڭ قاتارلىقلار....قەدىمدە بۇ تۆت ناھىيە قاراشەھەر دەپلە ئاتىلىپ كەلگەن ئازاتلىقتىن كېيىن... قاراشەھەر ئويمانلىقىغا جايلاشقان بۇ ماكان قاراشەھەر بىلەن خوشۇت ناھىيەسى دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ ئاتىلىپ كەلگەن............
70-يىللارنىڭ بېشىدا ...قاراشەھەرنى پارچىلاپ قاراشەھەر ۋە خېجىڭ ناھىيەسى قىلىپ...ئۆزگەرتتى...
خوشۇتنى پارچىلاپ خوشۇت ناھىيەسى بىلەن باغراش كۆلىنىڭ نامىنى قوللىنىپ...باغراش ناھىيەسى دەپ ئۆزگەرتكەن....ئاھاسلىق كىرىمى كۆپ ھەر ناھىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدىلىكى بار....
مەسىلەن
چاقىلىق: چىلان بىلەن دۆلتىمىزگە ھەمدە چەتئەللەرگە داڭلىق...يەر كۆلىمى پۈتۈن جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ناھىيە...
بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ يەر كۆلىمىمۇ بەك چوڭ...دىيارىمىز شىنجاڭنىڭ تەخمىنەن 3دىن 1 قىسمىنى ئىگەللەيدۇ...
چاقىلىقنىڭ يەر كۆلىمى...شىنجاڭدىكى ئاساسەن ھەربىر ئوبلاست ۋە ۋىلايەتنىڭ يەر كۆلىمىدىن چوڭ...ئورنى كورلا شەھرىنىڭ شەرقى جەنۇبىغا پىچان ناھيەسىنىڭ(تۇرپان چىچان) جەنۇبىغا قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ غەربى شىمالىغا شىزاڭ نىڭ شىمالىغا تەكلىماكان باغرىغا جايلاشقان...ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى چىلان..
چەرچەن ناھىيەسنى دۆلتىمىزدىكى يەر كۆلىمى 2-چوڭ ناھىيە...تەكلىماكان باغرىغا جايلاشقان يەنى خوتەن ۋىلايتىنىڭ نىيە ناھىيىسىگە يېقىن...
بۈگۈر ناھيەسى كۇچا ناھيەسى يېنىغا جايلاشقان...بۈگۈرنىڭ ئۈرۈكى داڭلىق...
كىرىم مەنبەسى ئۈرۈك ..پاختا... ھەمدە تارىم نىفىتلىكىدىكى مۇھىم ئورۇن...
لوپنۇر ناھىياسى كورلىنىڭ جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان...ئۆزگىچە مەدىنيەتكە ئىگە....
قاراشەھەر ناھىيەسىنىڭ نوپۇسى خۇيزۇلارنى ئاساس قىلغان خۇيزۇ ئاپتۇنۇم ناھىيەسى...
جەنۇب ۋە شىمالنى باغلاپ تۇردىغان ئۆتۈشمە يول.... كىرىم مەنبەسى باقمىچىلىق، تېرىلغۇسى بولسا كۆپخىل بولۇپ قىزىل مۇچ، شوخلەك، قىزىلچا دېگەندەك....
خېجىڭ ناھىيەسى قاراشەھەرنىڭ شىمالىغا جايلاشقان...شىمالدا غۇلجىنىڭ كۆنەس ناھىيەسى غەربى جەنۇپتا ئاقسۇنىڭ كۇچاناھىيەسى...شىمالدا ئۈرۈمچى سانجى قاتارلىق جايلار بىلەن چىگىرلىندۇ...
كان بايلىقى مول...تۆمۈر كان ھەم ئالتۇن كان دېگەندەك...
بۇ يەردە موڭغۇللار بىرقەدەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپمۇ باينبۇلاق دېگەن يەرلەردە....بۇ يەرنىڭ مەنزىرسى بەك گۈزەل...
خوشۇت ناھىيەسى شەرىقتە تۇرپاننىڭ توقسۇن ناھيەسى بىلەن چىگىرلىندۇ...باغراش كۆلىنى باغرىغا بېسىپ تۇرغان قۇرۇقلۇقنىڭ يېرىمىنى ئېگەللەيدۇ....
باغراش ناھىيەسى.... باغراشنىڭ بېلىقى بىلەن زور بولغان قۇمۇش بايلىقى ھەم ساياھەتچىلىكى بىلەن داڭلىق... تېرىلغۇسى ئوخشاشلا مۇچ، شوخلەك دېگەندەكلەر...
ئىككى شەھەر...كورلا بىلەن باشئەگىم شەھرى...
كورلا دۆلتىمىزدىكى ئەڭ پاكىز ئەڭ گۈزەل شەھەرلەرنىڭ بىرى... ھەمدە شىنجاڭدا ئۈرۈمچىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ شەھەر....