مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: yalqunrozi

يالقۇن روزى : ئەلۋىدا، قەھرىمانىمىز ئابدۇراخمان   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4825
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18510
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6077 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 03:24:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


مانا بۇ مەرھۇم باھادىر ئوغلانىمىز ئابدۇراھمان ئابلىكىمنىڭ ئۇستازى ئابلىكىم ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا يازغان يازمىسى:


   ناھايتتى رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىك ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن
   
       23-ئوغۇز يېرىم كېچىدە خۇددى قارا باسقاندەكلا  مۇسىبەت خەۋىرى يېتىپ كەلدى. يەنە بىر قېتىم ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنى چۈشىنىشكە ئاجىزلىقىمنى ھېس قىلدىم. ئاللاھ  بۇ قېتىم يەنە قانداق سىنىماقچىدۇ؟ بىزنىڭ تەغدىرىمىزگە قانداق تاللاش پۇرسىتى بەرگەندۇ؟


  ھېس-تۇيغۇم   بۇ ھەقىقەتنى ھازىرغىچە قوبۇل قىلالمايۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ.  ئۇستازنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئازابلىق چاغلىرىدا ئۇنىڭ يېنىدا بولالمىدىم،.. ئەڭ ئاخىرقى ئەسلىمەمدە يەنىلا ئۇنىڭ قەيسەر ، نۇرلۇق چىرايىلا بار…. ..   

      ئۇستاز! بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان پىلانلىرىمىز بار ئىدىغۇ ؟ سىز دەم ئېلىشقا چىققۇچە  بىز بىر جاھان  چېمپيونى كۆرمەكچى بولغانغۇ؟  كوماندىمىزنىڭ داۋالىنىش بىناسىنىڭ قۇرۇلۇشى تېخى پۈتمىدغۇ؟  كېلەر يىلى ئەتىيازدا ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كۆچەت ئەكىلىپ تىكمەكچىتىڭىزغۇ؟  مەشىق زالىغا ياساتقان  ھەيكەللەرنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئارافاتنىڭ تويىنى تېخى ئوينىمىدىققۇ؟ نەۋرىلىرىڭىزنى كۆرمىدىڭىزغۇ؟ مۇشۇ ھېيتتا سىزنى يېڭى تۇتقان ئۆيۈمگە چاقىرماقچى ئىدىمغۇ؟ مەن يېقىندا ھېس قىلغان  زىبىبۇللانىڭ بەزى يېتەرسىزلىكلىرى ۋە ئۇنى ھەل قىلىش توغرىسىدا سىزدىن سوراشقا تەييارلاپ قويغان مەسلىھەتلىرىم بار ئىدىغۇ؟ دۇنيا ۋەزىيتى توغرىسىدا سىز بىلەن پاراڭلىشىدىغانغا نۇرغۇن يېڭى تېمىلىرم بارتىغۇ ؟   سىز راستىنلا بۇ دۇنيادىن كەتتىڭىزمۇ؟؟؟؟؟
     ۋىنجۇدا يېرىم كېچىدە ئابدۇسەمى ئىشكنى چېكىپ يىغلىغان ھالدا مۇسبەت خەۋىرىنى ئېلىپ كىرگەندە مەن ئىشىنەلمىدىم. ۋۇجۇدۇمدا قانداقدۇر بىر نەرسىنىڭ ئىشىنشكە يول قويمايۋاتقانلىقىنى شۇ چاغدىن  ھازىرغىچە سېزىۋاتىمەن.لېكىن بۇ نەرسىنىڭ نىمىلكىنى بىلەلمىدىم. بەلكىم بۇ نەرسە يۇقۇرىدىكى ئورتاق بولغان گۈزەل ، شېرىن  ئازۇ تىلەكلىرىمىزدۇر. بەلكىم سىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كېسەل ئازابى تارتقان تۇرقىڭىزنى كۆرەلمەي، ئەسلىمەمدە پەقەت سىزنىڭ ئاشۇ جاسارەتلىك ، قەيسەر، جانلىق ئوبرازىڭىزلا قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىدىندۇر.  مەن شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسابىقىنى تاشلاپ قايتىپ كەلدىم.  يېغا-زارە  ئاۋازلىرى  تېخى پەسەيمىگەن بۇ مۇھىتقا كېلىپ ئۆزۈمگە بۇ رىئاللىقىنى قوبۇل قىلدۇرۇپ باقماقچى بولغاندىمەن. ئابدۇنەبى مېنى ئايرودرومدىن ئېلىپ سىزنىڭ
ئۆيىڭىزنىڭ ئالدىغا كەلگەندە سائەت ئونبىر يېرىملار بولغان ئىدى. ئابدۇنەبى ئەڭ ياخشىسى بۇ كېچىدە ئۆيدىكىلەرگە ئارام بېرىشىمنى تەۋسىيە قىلدى. توپراق بېشىغا چىقىپ قەبرىنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلساممۇ ، كېچىدە ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئەتە چۈشتىن بۇرۇن بىللە بارايلى دەپ مەسلەھەت بەردى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۆيگە قايتتىم. ئەتىسى سەھەر بامداتنى ئۆيدە ئوقۇپلا ماشىنا توسۇپ قەبرىستانلىققا چىقتىم. قەبرىستانلىققا چىققان ۋاقىتتا كۈن تېخىچىلا زۈلمەت قاراڭغۇ ئىدى.  ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانلار  رايونىدا سىزنى قاياقتىن ئىزدەپ تېپىشنى بىلەلمەي تەمتىلەپ يۈردۈم. بىر ئاز ۋاقىت ئۆتۈپ كۈن سۈزۈلۈشكە باشلىغان ۋاقىتتا بىرسى موتو بىلەن قەبرىسىتانلقنىڭ يولىغا كىرىپ كەلدى. مەن ئالدىمغا مېڭىپ ئۇنى كۈتۈۋالدىم ۋە توستۇم. بىر گۆركاركەن. مەن تۈنۈگۈن  پىشىندىن كېيىن  5-ياكى 6-رايونغا يەرلىگەن بىر مىيىتنىڭ ئۇچۇرىنى بىلىدىغان بىلمەيدىغانلىقىنى سورىدىم.  گۆركار : ھە ھېلىقى تەنھەركەتچىمۇ؟ ئالدىڭىزغا 500مىېتىرچە مېڭىپ سولغا ماڭسىڭىز ئوتتۇرىسىغا قويدىغۇ دەيمەن دەپ جاۋاب بەردى. ئالدىمغا 500مېتىرچە ماڭغاندىن كېىين تاختىدىكى نومۇرنىڭ  5 ياكى 6-رايون ئەمەسلىكى مەلۇم بولسىمۇ سولغا بۇرۇلۇپ ماڭدىم. قەبرىلەر ئىچىدە خۇددى ئۇخلاۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئارسىدا ، ئۇلارنى ئويغىتىپ قويماي دېگەندەك ئېھتىيات بىلەن يەڭگىل ماڭاتتىم. خېلى ئۇزۇن ئايلىنىپ يىراقلاپ  تۆۋەن رايونغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىمنى سەزدىم . يېقىن قەبرىلەر ئارىسىدىن ئاۋايلاپ ئۆتۈپ ، شوتىلارغا يامىشىپ دېگەندەك ئۈستۈنكى رايونغا يەنە قايتىپ چىقىتىم. قايتىدىن يۇقۇرىغا قاراپ ماڭدىم. بىر يول ئېغىزىغا كەلگەندە خادا تاشتىكى 5-رايون دېگەن خەتنى كۆرۈپ بۇ يولغا كىرىپ ماڭدىم.  پىيادىلەر يولىدا كېتىۋاتاتتىم. پىيادىلەر يولىنىڭ ئالدىنقى قسىمىدا  بىر توپا دۆۋىسىنى كۆردۈم. ئۇنىڭغا يېقىنلاپ كەلگىنىمدە ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىككى ئاق داكا بىلەن باغلانغان تاشنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ بۇنىڭ بىر يېڭى قەۋرە ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم ۋە يۈرىكىم جىغىلداشقا باشلىدى. بۇ قەۋرە پىيادىلەر يولىنىڭ ئۈستىدىلا  ۋە  تېخى ياسالمىغان بولغاچ  ناھايتتى تەنھا ھەم  بىچارە كۆرۈنەتتى . يان تەرەپتىلا شۈكۈر يالقۇننىڭ قەۋرىسى  شۇنداق ھەيۋەت تۇرغاندەك كۆرۈندى. بۇ يەردە بىر ئۆزگەرمەس ھەقىقەت بارلىقىنى بىلسەممۇ لېكىن يەنىلا قەبرىسىتانلىق ئىچىگە كىرىپ يەنە بىر لايىق    قەبرىنى تېپىپ باقماقچى بولدۇم . شۇنچە ئايلىنىپ يېڭى قەبرە تاپالماي يەنىلا ئاشۇ مىسكىن قەبىرنىڭ ئالدىغا يېىنىپ كېلىپ پەرھاتقا تېلېفون قىلدىم:5-رايون پىيادىلەر يولىدىكى، شۈكۈر يالقۇننىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدىكى قەۋرە شۇمۇ؟ ………………………..    شۇ ئىكەن.  پىيادىلەر يولىدىكى بۇ بىر دۆۋە توپىنىڭ ئاستىدا مېنىڭ ئاشۇ ئۈمىدلىرىگە تېخى يەتمىگەن، يۈرەك ئىزھارىمنى  تېخى ئاڭلاپ باقمىغان، كېلىنلىرىنىڭ تامىقىنى تېتىيالمىغان ، تورلاردا تارقاپ يۈرگەن ئۇيغۇرلاردىكى مەشھۈر شەخسىلەر توپلىمنىڭ ئىچىگە تېخى  رەسىمى چىقمىغان بۈيۈك   ئەركەك ئۇستازىمنىڭ ياتقانلىقىغا يەنە قانداق ئىشىنەي…….  بىلگەن سۈرۈلىرىمنى قىرائەت قىلدىم. دۇئالىرىمنى تالاۋەت قىلدىم. ئورنۇمدىن تۇرۇپ قەبرىگە قارىدىم. يەنە ئولتۇرۇپ قەبرىنى سىلىدىم.   قوللۇرۇم يەنىلا مۇزدەك توپىنىلا سېزەتتى.  نىمە ئۈچۈن كىتەلمەيۋاتقانلىقىم توغرىسىدىمۇ ئويلىشىۋاتاتتىم. بىر چاغدا قۇياش تاغنىڭ كەينىدىن كۆتۈرۈلۈپ ئىللىق نۇرىنى بۇ يالاڭ قەۋرىگە ياقتى. بىر ئاينىڭ ئالدىدىلا مەن بىلەن چوڭ پىلانغا شېرىك بولۇپ ئولتۇرغان ئارسلاندەك  ئۇستازىمنى قۇياشنىڭ ھەمرالىقىغا تاشلاپ كېتىشكە قىيالىغان بولدۇممۇ؟
قانداقلا بولمىسۇن مەن قەبرىستانلقىتىن ئۇماچتەك كۆڭلۈم بىلەن  قايتىپ چىقىپ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ ئۇستازنىڭ ئۆيىگە كەلدىم.       ئامانگۈل ھەدەم، ئارافات، ئادىلە، ئەركىن ئاكام  ۋە چوڭ ئانامنىڭ   تاش يۈرەكنى ئېزىپ تالقان قىلىۋەتكۈدەك يېغىلىرىنى باغرىمغا بېسىپ نېرۋىلىرىم تېخىمۇ گاللىشىشقا باشلىدى. سىلەرنىڭ  بۇنداق نالە قىلىشىڭلار  مېنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈنمۇ؟  مېنىڭ ۋاپارىمنى، پەخرىمنى، روھى ئالاقەمنى ،   كەلگۈسۈمنى توپىغا كۆمىۋەتمەكچىمۇ؟  ئۇلۇغ ئاللاھ گۇناھلىرىمنى كەچۈرگەيسەن! بەندىلىرىڭ ئاجىزكەن! بىلىپ-بىلمەي كۇپىرلىق قىلىپ قويۇشىمىزدىن ساقلىغايسەن!!!!  بىزگە ۋاقىت ئۆتكەنسېرى مۇسىبەت تۇيغۇمىز ئېغىرلاپ بارىدىغان ئۇستازىمنىڭ  بۇ ۋاپاتىنى قوبۇل قىلالايدىغان   غەيرەت-شىجائەت، سەۋرى-تاقەت ئاتا قىلغايسەن! ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇستازىمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتىن قىلغايسەن!


ئەسكەرتىش:


مەنبەدىكى ئەۋەل-ئاخىردىكى بايانلار قىسقارتىلىپ،مەرھۇم ئابدۇرەھمان ئابلىكىمنىڭ ئۇستازى ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان يازمىسىلا بېرىلدى.مەنبە:


http://bbs.izdinix.com/thread-62005-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-22 04:41 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Ay.sadap + 39 ئاخىرەتلىكى خەيىرلىك .
sardor0908 + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 49   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4825
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18510
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6077 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 04:18:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




        تېما يوللىغۇچى ئىلاۋىسى:ئاسىيا بوكس چىمپىيۇنى،پەخىرلىك ئوغلانىمىز ئابدۇراھمان ئابلىكىم مىلادىيە 2015-يىل 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدە (لاڭتيەن 2-قورۇسىدا) ئالەمدىن ئۆتكەن.شۇ مۇناسىۋەت ھەرقايسى توربىكەتلەردە بەس-بەستە تورداشلارنىڭ مەرھۇمغا بولغان ھەرخىل شەكىلدىكى يازمىلىرى ئۈزۈلدۈرمەي بېرىلىۋاتىدۇ،شۇنداقلا يەنە مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئايرىم مۇنبەرلەردە ‹‹ئاكىللېس››نامىدا مۇلاھىزە خاراكتىرلىك خىلى نۇرغۇن يازمىلارنى يېزىپ قالدۇرغانلىقىنى دېيىشىۋاتىدۇ ...
      

http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=25543&extra=&page=1

مەرھۇمنىڭ يازغان تېمىلىرىنى بىلىدىغانلار بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغىمۇ توپلىسا بىر ياخشى ئىش بولاتتى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-22 04:25 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92401
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 72
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2013-2-27
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 04:37:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ياتقان يىرىنى جەننەت قىىلغاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4825
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18510
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6077 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 04:53:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەرھۇم پەلۋىنىمىزنىڭ جىنازا نامىزى







http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=62005#lastpost


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-22 05:31 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4825
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18510
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6077 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 04:57:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوغلانىمىز مەرھۇم ئابدۇراخمان ئابلىكىمنىڭ تەرجىمھالى



بۇ مەرھۇم ئابلەتكامنىڭ يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى يەنە بىر يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن تۈگەپ كەتكەن ئوغلانىمىزنىڭ مۇسىبەت خەۋىرى بولدى.



ھەي نېمە دەيمىز، مەرھۇم ئوغلانىمىزنى كىچىكىمدە گېزىت – ژورناللار ۋە تېلېۋىزورلاردىن بىلگەن ئىدىم. ئۇ چاغلاردا ئابدۇشۈكۈر ۋە ئابدۇراخمان ئابلىكىملارنىڭ تەسىرىدە مەكتەپلەردە ئوغۇللار ئارا بوكىس پەلىيى سېتىۋېلىپ مەشىق قىلىش مودا بولغان ئىدى. مانا شۇ بىزلەرگە ئوت ياققان ئوغلانىمىزنى ئۇزىتىپ قويدۇق. ئۇنىڭ تەرجىمھالىنى توردىن ئىزدەپ يوللاپ قوياي دېگەن نىيەتتە ئىزدەپ شۇنى بايقىدىمكى، ئۇ ھايات ۋاقتىدا يېزىلغان تەرجىمھالىنى تېپىش تەسراقكەن. ھازىر يېزىلغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مۇسىبەت خەۋىرىدىن كېيىن يوللانغان تېمىلاركەن. ئويلاپ قالدىم، ئەجىبا بىرى ئارىمىزدىن كەتمىسە ئۇنى ئەسلىمەمدۇق؟! ئارتۇق گەپ قىلىشنى خالىمىدىم.


تولۇقى بۇ يەردە:


http://bbs.izdinix.com/thread-61998-1-1.html


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-22 04:59 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1004
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2775
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 681 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 05:07:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4825
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18510
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6077 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 06:00:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كورلا ئايشەم سادىر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109491
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1148
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 284 سائەت
تىزىم: 2014-8-26
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 06:22:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوللغىنىڭىزغا رەھمەت، ھەي ياش ئىكەن ئەمەسمۇ؟

مەن دۇنيادىكى  ھەممە ئادەمنىڭ خوشال _ خورام ئۈتۈشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.چۈنكى ئادەم دۇنياغا بىرلا قېتىم كىلىدۇ.بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ۋاقتىمىزنى ئىسىراپ قىلماي،ئۇرۇنسىز ئىشلارغا ئارلاشماي،ئازغانلارنى ئېيىپلىمەي ئۇلارنى يىتەكلەپ،بىلىم ئېىلىش،پەلىسەپە ئۆگۈنۈش، كۈندە بى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105253
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2014-3-24
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 06:56:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەخىرلىك ئوغلانىمىزنىڭ ئۈستازىنىڭ ئۆلۈمىگە يازغان يازمىسىنى ئوقۇپ كۆڭلۇم شۇنچىلىك يىرىم بولۇپ،ئىشخانىدىلا ئۆزەمنى تۇتالماي يىغلاپ سالدىم . بۇ ئەزمەت پالۋانىمىزنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن ،مۇشۇنداق ئەزمەتلەر بىرەر 100 يىل ياشىسا بولمامدۇ دەيمەن ..................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4825
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18510
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6077 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-22 07:39:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



21-ئەسىرگە پەقەت 24 كۈن قالغان--2001-يىل 12-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىدى. شىنجاڭ
ئۇنۋېرستىتۇتى ئۇنۋېرسال بىناسىنىڭ 516-زالىغا ستۇدېنتلار سائەت 4تىلا كېلىۋالدى.بوش ئورۇن يوق،بەزىلەر ئۆرە،زالغا كىرەلمىگەنلەر ھەتتا كارىدۇردا تىقما-تىقماق...
<<كەلدى!>>دېگەن بىر بەختىيار ساداغا دېڭىز شاۋقۇنلىرىدەك قىيقاس-سۈرەنلەر،چاۋاك-ئالقىشلار قوشۇلۇپ كەتتى.زالغا كىرىۋاتقانلار بوكس باتۇرلىرىمىز: دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك بوكس تېرېنىرى--ئابلىكىم ئابدۇرېشىت،بوكس پادىشاھى --ئابدۇشۇكۇر ئابدۇمىجىت،ئاسىيا چىمپىيونى،ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرىگە ۋاكالىتە بوكس تۈرىدە ئولىمپىك دەرۋازىسىنى تۇنجى قېتىم ئاچقان--ئابدۇراخمان ئابلىكىم،60 كىلوگراملىقلار چىمپىيونى --ئەكرەم ئىسھاقلار ئىدى. ئەزىمەتلەر-ستۇدېنتلار ئۆزئارا ئىززەت-ئىكرام بىلدۈرۈپ، چاۋاكلار ئىچىدە ئۇزۇنغىچە ئۆرە تۇرۇشتى.كەيپىياتقا قاراپ:<<ئادەملەر ھۆكۈمدار،پۇلدارلىرى بىلەن ئەمەس،قەھرىمان-باتۇرلىرى،ئىجادكار ئالىملىرى،ئەدىبلىرى بىلەن پەخىرلىنىدۇ.>>دېگەن ھېكمەتنى ئىختىيارسىز يادلىدىم.
  ئاۋۋال ئابلىكىم ئابدۇرىشىت سۆز قىلدى.ئۇ:<<بوكستا تەر چىقسا ھېساپ ئەمەس،قان چىقسا ھېساپ!>> دېدى.ئاندىن ئابدۇشۇكۇر سۆز قىلدى.ئۇ سۇئالغا:<<مەن يىقىلغان جايىمدىن دەس تۇرۇپ،ئالتۇن مېدال ئالغان>>  دەپ مەردانە جاۋاپ بەردى. ئاخىرىدا ئابدۇراخمان سۆز قىلدى.ئۇ:<<باتۇر بولماقچى ئىدىم>>دېدى. ياشلار ياقتۇرىدىغان سپورتچىلار شاپكىسىنى كۆزىگىچە باسۇرۇپ كىيگەن ئابدۇراخماننى سەھنىدە كۆرۈپ،خىيالىم 19-سېنتەبىرگە كەتتى.شۇ كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە        
بېرىپلا كومپيۇتېرنى ئېچىپ،سېدنېيدىن خەت ئىزلىدىم.ئەسكەرتىپ قوياي:ئابدۇراخماننىڭ سېدنېي ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا بارىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ،بەزى سەۋەپلەر بىلەن بىللە بارالماي،بېيجىڭدا قالغان تېرېنىرى ئابلىكىم ئارقىلىق سېدنېيدا ئولتۇراقلاشقان سىڭلىمنىڭ ئادرېسىنى،تېلىفون نومۇرىنى تىيەنجىندىن يولغا چىقىش ئالدىدىكى ئابدۇراخمانغا يەتكۈزۈپ بەرگەن ئىدىم.ئۇ يەردىكى ۋەتەنداشلارمۇ ئابدۇراخماندىن پەخىرلەنسۇن،ئۇنى كۈتۈۋالسۇن،ئەتىۋارلسۇن دېگەن ئۈمىدتە. ئۇھ!خەت بار ئىكەن.شۇ چاغدا مەن خەتنى گۇيا بىرنەپەستە دېگۇدەك ئوقۇۋەتتىم:<<...ئابدۇراخماننىڭ ئولىمپىك كەنتىدىن بەرگەن تېلىفونىنى ئېلىپ،ئائىلىمىز بىلەن بەك خوشال بولدۇق.بالىلىرىم بىلەن گۈلدەستىلەرنى ئېلىپ،ئۇنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرگىلى باردىم.ئۇنىڭ بىلەن پولشالىق ماھىر پاكازېتىك(ئۇنىڭ نەتىجىسى ياۋروپادا 2-ئورۇندا ئىكەن)مەيدانغا چۈشتى.ئابدۇراخمان دەسلەپتە شىردەك ئېتىلىپ كەينى-كەينىدىن مۇشت ئاتتى.بىز گۈللىرىمىزنى پۇلاڭلىتىپ تازا ۋارقىرىدۇق...ئابدۇراخمانغا مەدەت تىلىگەن ئۇيغۇرچە ئاۋازىمىز ئەزەلدىن مۇنداق يېقىملىق تىل ساداسىنى ئاڭلىمىغان ھەشەمەتلىك مەيداندا ياڭراپ كەتتى...ئابدۇراخمان كىچك نومۇر پەرقى بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى.بىزھەتتا رېپېرىنىڭ ئادىل بولمىغىنىدىن رەنجىدۇق.ئەمما يەنىلا ھوشىمىزنى يىغىپ قەھرىمانىمىزنىڭ ئالدىغا يۈگرۈدۈق،ئۇنىڭغا گۈل تۇتتۇق.ئابدۇراخماننىڭ مۇشۇنداق دۇنياۋىي يىغىلىشتا ئۇيغۇر نامى بىلەن مەيدانغا چۈشكەنلىكىنىڭ ئۆزى بىزگە چوڭ مۇكاپات بولدى.ئۇ يەنەبىزگە ۋەتەن ھىدىنى ئېلىپ كەلدى ئەمەسمۇ؟!...ئابدۇراخماننى ئۆيۇمنڭ تۆرىگە ئولتۇرغۇزۇپ كۈتۈۋالدىم... ئۇ ھەقىقى پالۋان سۇپەت يىگىت ئىكەن.ھايالىق كۆكۈش كۆزلىرى،ناھايىتى كەم،ئەمما ئالتۇندەك ۋەزىنلىك سۆزلىرى بىلەن خۇددى پەرىشتىنىڭ ئۆزى ئىكەن.بۇ  ۋەتەنداش پەرىشتىمىزنى بىزگە تونۇشتۇرۇپ قويغۇنۇڭغا رەخمەت!...>> خىيالىمنى يىغىپ،سەھنىدىكى ئابدۇراخمانغا قارىدىم:ئاران 6يىللىق بوكس تەنتەربىيىسى تارىخى بىلەن يۇرتىمىزدىن چىققان بۇ يىگىتنىڭ 100يىللىق بوكس تەنتەربىيە تارىخى بار ياۋروپالىق بىلەن خەلقئارا مەيداندا ئېلىشقانلىقىنىڭ ئۆزىلا ئالتۇن مېدالغا تېگىشكۈسىز روھ     ئەمەسمۇ؟!دېگەنلەر كۆڭلۈمدىن  كەچتى.ئابدۇراخمان ستۇدېنتلارنىڭ سۇئاللىرىغا كۆمۈلۈپ قالدى:                                             
--سىز نىمىشقا بوكسنى تاللىدىڭىز؟                                                                                                                                                                          --باتۇر بولاي دېگەنىدىم.مەن يەنە ئويلۇنۇپ قالدىم:ھازىر بىلىم،يېڭى پەن-تېخنىكا،تەنتەربىيە-سەنئەت شۇ شەخسنى،ئۇنىڭ مىللىتىنى،ۋەتىنىنى دۇنياغا تونۇتۇشنىڭ ۋا-    سىتىسى بولۇپ قالدى.مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا،26قېتىملىق ئولىمپېكنىڭ بوكس تۈرىدە ئۇيغۇر بولماسلىقتەك تارىخنى ئابدۇراخمان ئۆتمۈشكە ئايلاندۇردى،<<باتۇر بولغۇ- سى بار>>يىگىت قەسىمىنى ئورۇندىدى... شۇچاغ ئارقامدىكى يىگىتلەرنىڭ سۆھبىتى قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالدى:
--<<شاھزاد>> ئۆمىكى شەھىرىمىزدە ئويۇن قويغاندا بەزى قىزلىرىمىز ناخشىچى رەشىد ئەپەندىنى سەھنىدە سۆيۈپ تەبرىكلىگەنىدى،مانا بۇ يىگىتنى سۆيۈپلا ئەمەس،بېشىمىز دا كۆتۈرۈپ تەبرىكلىسەك ئەرزىيدۇ--دە! ئاپتور يىگىتنىڭ قارىشىغا كۆڭلىدىن قوشۇلدى:ياپون مىللىتى پۇتبول تۈرىدە ئاسىيادىن چىقىش ئۈچۈن قانچە يىللارۋاقىت،قانچە ئون مىللىياردپۇللار خەجلىمىدىمۇ؟
داۋراڭسىزلا ئاسىيا ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇزىمىزنى سۆيگەن گۇناھ ئەمەس--ئەلۋەتتە!  ئۇ سەھنىدىن چۈشكەندىن كېيىن سورىدىم:        
---ئولىمپېك كەنتىدە قانداقراق تۇردىڭىز؟   
--باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن پىكىر-تەجرىبە ئالماشتۇردۇم.(ئابدۇراخمان شۇ چاغلاردىلا ئېنگلىزچىنى ئۈگۈنۈۋاتقان ئىدى)بىركۈنى بىر تەنھەرىكەتچى ئالدىمغا كەلدى،سالاملاشتۇق.ئۇ مەندىن:
---سىز ئۇيغۇرمۇ؟--دەپ سورىدى.
--قانداق بىلدىڭىز؟--خوشاللىقىمنى يوشۇرمىدىم.قايتۇرۇپ سوئال سورىدىم.
--مەن ئۇيغۇرلارنى بىلىمەن.چىرايىڭىزدىن تەخمىن قىلدىم.ئىسىم كارتۇچكىڭىزنى ئوقۇپ جەزىملەشتۈردۈم،--دېدى.ئەتراپتىكىلەرگە <<ئۇيغۇر،ئۇيغۇر>>دەپ تونۇشتۇردى.
--بوكستىن باشقا قىزىقىشىڭىز بارمۇ؟----
پەلسەپە،پىسخولوگىيە پەنلىرىگە قىزىقىمەن.شۇ پەنلەرنى ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگۈنۈۋاتىمەن.بىلىم ئاشۇرغۇم،سېستېمىلىق ئۈگۈنۈش پىلانىم بار. گېتار چېلىپمۇ قويىمەن.ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاشنى ياخشى كۆرۈمەن.
سۆھبىتىمىزگە قىزىقىپ تۇرۇۋاتقان ستۇدېنتلار يوپۇرۇلۇپ بىزنى ئورۇۋالدى.ئۇلار تەنتەربىيىچىلەر ئارىسىدا پەلسەپە،پىسخولوگىيە ئۆگۈنۈدىغان كىشىنى ماڭا ئوخشاشلا تۇنجى
قېتىم ئۇچراتقان بولسا كېرەك.يەنە تېخى ئاشۇ پولاتتەك قاتقان قوللار نازۇك تارىلار ئۈستىدە سېھىرلىك سادالار ياڭرىتار،دەپ ئويلاشمۇ ماڭا مۆجىزىدەك تۇيۇلدى.بىزدە   
جىسمانىي قۇۋۋەت ۋە ئەقلىي قۇۋۋەتتە ئۆزىنى تەڭ تەرەققى قىلدۇرۇۋاتقانلاردىن قانچىلىك باردۇر؟تېخىمۇ كۆپرەك ياشلار ئابدۇراخماننىڭ يولىدا ماڭغان بولسا --ھە!
ستۇدېنتلار خاتىرە دەپتەرلىرىنى بەس-بەستە سۇنۇپ،ئابدۇراخماندىن ئىمزا قويۇپ بېرىشنى ئۆتۈندى. ئابدۇراخمان بىرىنچى خاتىرىگە:  
--<<ئۇيغۇر بوكس ماھىرى--ئابدۇراخمان ئابلىكىم>> دەپ يازدى....

مەنبە--<<غېرىپ شىۋاقلار>> شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003-يىل نەشىرى  67-بەت
<<پالۋانلار ئېيتىدۇ:يىقىلغان جايىمىزدىن دەس تۇرالايمىز>>دىن قىسقارتىپ ئېلىندى.


http://bbs.bagdax.cn/thread-28025-1-1.html


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش