مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: YuqunAdam

ئ‍ايالىمغا يېزىلغان خەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4463
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84782
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9961 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 04:30:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئ‍وت
شۈكران

ئ‍وت
ھەي ئ‍وت
سەن ئۆزۈڭ تۇتىشالمايسەن   
تۇتىشىۋالساڭ ھېچكىمگە بويسۇنمايسەن

ئ‍وت
ھەي ئ‍وت
سەن ھەممىنى كۆيدۈرىسەن
ھەتتا ئ‍ۆزۈڭنىمۇ ئ‍اياپ قويمايسەن
ئ‍ۆزۈڭ ئ‍ۈچۈن ئ‍ەمەس
باشقىلارغا كۈل بولۇپ بىرىسەن
قەدرىڭ كۆيگەندە
كۈلۈڭ توزار ھەريان
بىز ھەممىنى ئ‍ۇنتۇغۇچى

ئ‍وت
ھەي ئ‍وت
گۇلخان سەندىن قالغان
بىلىمىز ھەممىنى
لىكىن،  سېنىڭ كۆيگىنىڭ يالغان

ئ‍وت
ھەي ئ‍وت
كوچىلارمىز كۆيسۇن دەپ
پۈۋلەيمىز ئ‍ۆچسۇن دەپ  

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4463
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84782
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9961 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 04:31:54 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ پەرىشتەم
نۇر مۇھەممەد شۈكران

سەن بىر ئ‍اسمان مېنىڭ پەرىشتەم،
ئ‍اپئ‍اق قاردا ئ‍ازغان ساياقمەن.
سېنىڭ بىلەن ئ‍ىزلىرىم قاردا،
ئ‍اھ، سېنىڭسىز يالغۇز ئ‍اياقمەن.

غېرىپڭمەن گۇگۇم، سەھەردە،
تۇمانلاردىن كۆرۈپ مەن خىجىل.
سۆيەلمەيمەن تەنھالىقىمدا،
پەرىشتىدەك سوقۇلغان سىپىل.

نىشانىم سەن ماڭغىنىم ماڭغان،
كۆزلىرىڭدە قالىدۇ ئ‍ىزىم.
مەن باغرىڭدا ماڭغاندەك گۇيا،
ئ‍اق قەلبىڭدە بولدىمۇ سىزىم؟

ئ‍اي ئ‍ىكەنسەن

ئ‍اي ئ‍ىكەنسەن كۆكسۈمگە قونغان،
جۇدۇنلارنى كېزىپ ئ‍ۆتكۈچى.
كېچىنىڭ سەن دۇشمىنى بولساڭ،
مەن تەپتىڭدە ئ‍ىرىپ كەتكۈچى.

سەن مېنىڭكى كىچىك ۋەتىنىم،
لەكمىڭ سىرىم، ئ‍اھىم سېنىڭدە،
باھار باشلاپ كېىلەرسەن ماڭا،
شۇ ۋەجمۇ نۇر بار يۈزىڭدە.

تېمتاس يېتىپ تىڭشايمەن سىنى،
بۇلۇت ئ‍اينىڭ قىسسىدۇر بىز.
مەن تۇيۇقسىز تۆكۈلۈپ كېتىمەن،
ئ‍ۇ چاغ سىزمۇ يوقاپ كېتەرسىز.  

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4463
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84782
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9961 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 04:32:53 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشايمەن 
نۇر مۇھەممەد شۈكران 
دۇلدۇلدەك  تىزەكلەپ ياتقاندىن كۆرە، 
تۇلپاردەك بەيگىدە چېپىپ ياشايمەن. 
پۈكلىنىپ دۇردۇندىن كەيگىچە توننى،
ئ‍ەقلىمنى، پەسلىمنى سېتىپ ياشايمەن. 
مەككارلىق تونىدا بىر نان يىگۈچە، 
ھالال تەر ئ‍اققۇزۇپ تېپىپ ياشايمەن.
ۋىجداننى، غورۇرنى ساتىدۇ مەلئ‍ۇن، 
ئ‍وۋچىمەن تۈلكىنى ئ‍ېتىپ ياشايمەن. 
سۆڭەكنىڭ دەستىدە قاۋاپ ياتقاندىن، 
مىھنەتنىڭ سېسىغا پېتىپ ياشايمەن. 
تاماگەر، ئ‍ىنساپسىز، پەس خۇي بولغىچە، 
شۈكىرنىڭ قوينىدا يېتىپ ياشايمەن.
يولۋاستەك ئ‍ولجىنى كۈتۈپ ياتقاندىن،
مۈشۈكتەك بىر چاشقان تۇتۇپ ياشايمەن، 
يىگەندىن مىھنەتسىز بىر بوردا ناننى،
تاقەتتە بەلغەمنى يۇتۇپ ياشايمەن. 
پۈۋلەككە شەھەرگە مىراب بولغاندىن، 
تاجىسىز مەشرەپتەك كۈلۈپ ياشايمەن. 
خۇشامەت دەستىدىن يالغان كۈلگەندىن، 
ھەقنى دەپ قاپاقنى تۈرۈپ ياشايمەن. 
قاچقۇچە توشقاندەك ھاياتنى قوغداپ، 
نىئ‍مەتنىڭ ھوزۇرى سۈرۈپ ياشايمەن. 
سۆگەتتەك پۈكلىنىپ يۈزگە كىرگۈچە،
ئ‍اناردەك مىۋىلەپ بىر يىل ياشايمەن.
ئ‍ارقىدىن تىغ سالار نامەرد بولغىچە، 
ئ‍الدىدىن  يىغلىتىپ  كۈلۈپ ياشايمەن.
زوقلانماي پۇراقسىز، ھوزۇرسىز گۈلگە، 
دەرد داۋا ياپراقنى سۆيۈپ ياشايمەن.
ھەسەتنىڭ ئ‍ۇرىغى چاچقۇچە ئ‍ەلگە،
ئەڭ نازۇك گىياھتەك سۇلۇپ ياشايمەن. 
تەغدىرىم كاج ئ‍ەمما رەنجىشسىز جاھان،
سەبرىچان ھاياتقا تولۇپ ياشايمەن.  

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4463
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84782
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9961 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 04:34:27 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئ‍اخشام ئ‍ۇخلاشقا يەتمەس قۇربىتىم
نۇر مۇھەممەد شۈكران

ھەسىرەتلىك كۈيلىرىڭ كەچتى دىلىمنى،
بۇ ئ‍اخشام ئ‍ۇخلاشقا يەتمەس قۇربىتىم.
تەقدىرنىڭ كۆزىدە ئ‍وينىما ئ‍ۇسۇل،
ئ‍ىككىمىز ئ‍ارىسى ھاڭدۇر ئامرىقىم.

شەيتىنىم ئ‍ۆزىڭدىن ھالقىپ ئ‍ۆت دېدى،
ئېيتقىنا سۆيگىلەر كەتمەمدۇ ئ‍ۇچۇپ.
باھارغا ئ‍ارلىشىپ كېتەر زىمىستان،
ئ‍ەلۋەكتەك سۈيىڭگە قالار مۇز تۇتۇپ.

ئ‍ىشقىڭدا ھالسىراپ نىمجاندۇر كۆڭلۈم،
ۋېسالنىڭ شەربىتى بۇزۇلۇپ قاپتۇ.
دەردىڭگە دار ياساپ ئ‍ېسىلىپ باقاي،
ياخشىلار  ياماننى كۆرمەسكە ساپتۇ.  

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

مەن سايرامدىن كە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11348
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 2646 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 04:35:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز. باشقۇرغۇچىلار تەھرىرلەپ قويساڭلار بوپتىكەن.

مەن سايرام قىرغاقلىرىدا تۇغۇلۇپ  ، سايرام قىرغاقلىرىدا چوڭ بولدۇم...روھىمدا تەكلىماكاندىكى توغراق روھى بار. شۇڭا سايرامدا كۈلسەم خوتەندە ئاڭلىنىدۇ... چۈنكى مەن شىنجاڭلىق يىگىتمەن. مەن مۇشۇ زىمىنغا چېچىلغان بىر تال ئۇرۇق.

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4463
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84782
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9961 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 04:35:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويۇنچۇق ئ‍ەر
رۇبائ‍ىيلار  
شۈكران  

كۆزلەرنىڭ كۆزىدە كۆرگەندە ئ‍ايال،
دەل ئ‍ۆزى پەسىللىك مايمۇن ئ‍ىھتىمال
ئ‍ۆزىنى چۈمكىگەن بىلەن مەجنۇنتال،
تال چىۋىق چېچىنى ئ‍وينايدۇ شامال.

گۈللەرنىڭ پۇرىقى گۈللەر پايىنىدا،
ئ‍ۈزمەك تەس ئ‍ۇ ھامان تىكەن قوينىدا
ئ‍ۈزۈشكە قىيالماي  پۇرايسىز ئ‍‍اۋال،
قوغدىلار ھەر ۋاقىت پىنھان ھويلىدا.
  …
ئ‍اياللار قولىدا ئ‍ويۇنچۇقتۇر ئ‍ەر،
ئ‍ەقىلسىز قولىدا مىستىن تۆۋەن زەر.
ۋايىغا يىتىدۇ تىلىسەك زۇۋال،
يىلاننىڭ ئ‍ېغىزىدىن چىقىدۇ زەھەر.

تال چىۋىق، رېزىنكە بولۇر راگاتكا،
بىر ئ‍اددىي نەرسىمۇ خەتەر ھاياتقا.  
ئ‍وقلارنىڭ ئ‍ۇچىنى يالايدۇ زەھەر،
بەزىدە يىقىلىپ چۈشىسەن چاۋاككا.

ئ‍اياللار يىغا بىلەن ئ‍ۇنۇتار ھەممىنى،
دېمەك ئ‍ۇ ياش بىلەن تۆكەر دەردىنى،
ئەرلەرگە قىيادۇر ھەرقانداق ئ‍ۆتەڭ،
يېشىڭدىن ئ‍ەلا بىل ھايات قەدرىنى.

پەخەس بول تۇيۇقسىز چىقىدۇ قۇيۇن،
شەيتاننىڭ ھىيلىسى تاماشا، ئ‍ويۇن،
ئ‍الدانساڭ ھاياتنىڭ مەئ‍ىىشىتىگە،
بىر ئ‍ايال يىتەرلىك كېسىلەر بويۇن.

ئ‍ېشەكنى ئ‍ۇرساڭ گەر يىرتىلماس تېرە،
ئ‍ىچىدىن گۆشلىرى بولىدۇ زېدە،
ئ‍ۈستىدىن قىرقىساڭ ئ‍ۆسكىنى بىلەن،
كۆتىكىنى كولىساڭ قۇرىيدۇ بىدە.

ئ‍ايال ئ‍ۇ  بەك نازۇك چېىنىدۇر يېڭى،
ئ‍ۆڭىمەس نەچچە ئ‍اش ئ‍ىچسەڭمۇ رېڭى،
ئ‍ىشەنمە ئ‍ۆمۈرلۈك قاياشىڭ ئ‍ەمەس،
چېقىلسا قولۇڭدا قالىدۇ تىڭى.

ئ‍اياللار مەي باغلاپ قىزارغان ئ‍الما،  
يىيىشكە ئ‍الدىراپ ئ‍ېچىڭنى سالما،
بىر تامچى يېشىنى بىلسەڭدىڭ دېڭىز،
سەن سۇغا چۈشۈپلا ئ‍ىرىگەن چالما.

بۇقۇلداپ ئ‍ۈنلەيدۇ دەمدەر كۇۋۇكتا،
ئ‍وخشاشلا نالىڭىز قالىدۇ زۇۋۇكتا،
نەسىھەت خۇي بىلەن دۈشمەندۇر ئەبەت ،
تۆگىنىڭ مېڭىشى سالغان چۇلوكتا.

ئ‍ايالنى  ئوخشۇتۇپ ئ‍ۆتىمىز گۈلگە،
شېخىدا بىر قېتىم كۆرىپلا  كۈلكە،
جاڭگاللاياسايمىز دۆڭلۈك،يۇلغۇنلۇق،
تىنىمسىز كولايدۇ ئ‍ۆزگەرگەن تۈلكە.

چىماقمۇ ئ‍ۇرمايدۇ يىقىلىپ قوپىمىز،
ئ‍ېغىزلار ھەسەلدە بەلغەم يۇتمىز،
لاچىندەك ئ‍ۇچۇپمۇ يەنە چۈشىمىز،
قىسىقلىق قاپقانغا بىر تال پۇتىمىز.  

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4463
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84782
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9961 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 04:37:03 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىگىتلەر
شۈكران
----
ھەر چاچقا باغلاندى  مەردان يىگىتلەر،
كىرپىكلەر ئ‍وق بولۇپ تەگگەن يىگىتلەر،
كۈلكىگە غورۇرنى ئ‍ەگگەن يىگىتلەر،
نىكاھلىق ئ‍ايالغا تەگگەن يىگىتلەر.
  ----
بوسۇغا ئ‍اتلىدى ئ‍ايال شۇ بىرى،
قارلىغاچ توزىدى ئ‍ۆيلەردىن نېرى،
چېقىلدى شۇ سەۋەب ھاياتلىق تېمى،
قاشاسىز دەريادا ئ‍اقتى  يىگىتلەر.
------
لەگلەكلەر يىپىدىن ئ‍ايرىلدى بۇ دەم،
غېرىپتىن يىراقلاپ كەتتى ئ‍اھ سەنەم،
مىھىرسىز كۆزلەردە قاينىدى ئ‍ەلەم،
ۋىجداننى ئ‍ايالغا ساتتى  يىگىتلەر.
--------
بىناۋا بۇلبۇلمۇ، ئ‍وت باغرىدا قان،  
قۇشلارمۇ باغسىراپ يۈرمەكتە قايان،
ئ‍ەرسىرىدى بۇ دۇنيا ھەممىگە ئ‍ايان،
تۈلكىنى ئ‍ۆي ياساپ باقتى  يىگىتلەر.
---------
توزىدى مىڭ گۈللەر چاچالماي پۇراق،
ئ‍اۋۇدى شەيتاننىڭ دوستلىرى بىراق،
چۈچىشتى ئ‍ەركەكلەر بولۇپ پاتپاراق،
نىشانسىز مىڭ پاي ئ‍وق ئاتتى يىگىتلەر.
----------
رەڭلەندى بۇ دۇنيا رەڭگىنى بۇزۇپ،
قاشاغا ئ‍ارتىلدى گۈللەر سۇزۇلۇپ،
پەسىللەر ئ‍الماشتى ئ‍اسمان بۇزۇلۇپ،
كۆنەكتىن چىقالماي ياتتى يىگىتلەر.  

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4463
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84782
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9961 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 04:40:12 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارنىڭ ئ‍ىچىدە سۈكۈتتە قەشقەر
نۇر مۇھەممەد شۈكران

لىباسلىنىپ ئ‍اق پەرەنجىدە،
قار ئ‍استىدا ياتىدۇ قەشقەر.
تاڭ بىلەن تەڭ روھلانمىقى بار،
كۆككە قارىتىپ ئ‍اتىدۇ شەمشەر.

شۇ تاپ سۈكۈت ئ‍ىچىدە قەشقەر،
ماڭلىيىغا قوندۇرۇپ پىپەك.
خۇرازلىرى چىللىغان چاغدا،
قار ئ‍ۈستىدە ئ‍ېچىلىدۇ چېچەك.

قوياشقا قول ئ‍ۇزاتقان قەشقەر،
كۆئ‍ىىنلوننى يۈرمەيدۇ بوياپ.
يىلان باغرى ياتقان تۈمەننىڭ،
يۇتمىقى بار قېنىنى شوراپ.

كەتكەن قۇشنىڭ كەلمىكى باردۇر،
ئ‍امەت قايتىپ كېلىدۇ ھامان.
باھار بىلەن قۇچاقلىشىپ ھەم،
يۇزلىنىدۇ قوياشقا تامان.  

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4463
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84782
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9961 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 04:42:26 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇشاللىقتا يېرىلار  يۈرەك
نۇر مۇھەممەد شۈكران

تىمتاس ئىدى ئ‍ەسلىدە ئ‍اسمان،
غىدىقلاندى قار چۈشكەن رەۋىش.
قار بوۋاينى ياسىمىغان بولساق،
ئ‍اڭلىماستۇق ھېچقانداق تىۋىش.

دۇنيا ئ‍ەسلى ھېچكىمسىز ئ‍ىدى،
ھېچىكىم بىلەن ياشىمايتى ھېچكىم.
تۇيۇقسىز سەن تۆرىلىپ قالىسەن،
شۇنىڭ بىلەن سۆيىلىسەن بەلكىم.

دەئ‍ۋاتچىسى  بولۇر ئ‍ىنساننىڭ،
چۈلۈكلىنەر تۆگىمۇ بىر كۈن.
كارۋان بولۇر تۈگىگە مىنگەندە ،
سەپەرلەردە مەۋجۇت قارا تۈن.

غەلبە ھامان نىشاندا ياتۇر،
بۇ يول داۋان، ئ‍ەگرى ھەم ئ‍ورەك.
غەيرەت بىلەن شىجائ‍ەت بولسا،
خۇشاللىقتا  يېرىلار يۈرەك.  

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1071
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 04:45:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز ، بىرىنچى شېئىرىڭىزنىڭ خەت شەكلىنى تەھرىرلەپ قويسا بولغۇدەك .

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش