مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: YuqunAdam

ئ‍ايالىمغا يېزىلغان خەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4463
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84782
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9961 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 04:50:31 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئ‍ېشەكلەر ئ‍ۆزىنى ئ‍ادەم سانارمىش
ساتىرا
ممەد شۈكران

ئ‍ۆزىنىڭ بويىنى پەش قىلىپ گاھى،
سانارمىش ئ‍ۆزىنى ھايۋان ئ‍ىلاھى،
قۇلىقى بېشىغا زەپمۇ ياراشقان،
تولىمۇ ئ‍ۇزئ‍ىىمىش ئ‍ۇنىڭ چىرايى.

ھايۋانلار ئىتائەت قىلمىقى زۆرۈر،
ئ‍ېشەكلەر تۇيقىدا ئ‍اينى ئ‍الارمىش.
ئ‍اگاھ بول كائ‍ىىنات، ئاگاھ بول ھەممە،
ئ‍ېشەكلەر ئ‍ۆزىنى ئادەم سانارمىش.

تىكلىنىپ قالسا گەر ئ‍ۆمىلىمەيدىكەن،
ساماننى ياراتماي ئ‍اش-تۇز يەيدىكەن.
قۇيرىقى بىزلەردىن پەرقلىق قىلغاچقا،
ئ‍ەمدى ئ‍ۇ بىزلەرگە ئ‍ۆملە دەيدىكەن.

ئ‍ېشەكلەر ئ‍ۆزىنى شاھ دەپ ئ‍اتاپتۇ،
شىر، يولۋاس يوق يەردە ئ‍ۇنىڭ گېپى راس.
بىز ئ‍ىنسان ئ‍ەقلىمىز بۇلغانمىغاندا،
يە دېسە بىلمەيلا پوق يەيتۇق تاماس.  

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108389
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 369
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2014-7-12
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 05:23:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شائىركەنسىزغۇ؟ قەلمىڭىزگە داغ يەتمىسۇن.

تىرىك دىسەم تىرىكلىكتىن مەنا يوق، ئۆلەي دىسەم ئۆلمىكىمگە باھانە يوق. كۈندە خىيال، كۈندە تەشۋىش كۈندە غەم. دەردىم ئېيىتسام دەرتكە دەرمان دانا يوق.

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4463
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84782
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9961 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 05:41:49 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mehriya يوللىغان ۋاقتى  2015-1-23 04:45 PM
ھارمىغايسىز ، بىرىنچى شېئىرىڭىزنىڭ خەت شەكلىنى تەھرىر ...

ئ‍ەسلى تەھرىرلەگلىك ئ‍ىدى، يانفۇنۇمدا يوللىغان بولغاچقا ئ‍ىنكاسلاردا نۇرمال، نېمىشقىكىن تېما يوللىسام ئ‍ۆزگۈرۈپ كىتىدۇ. باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئ‍ىتبارسىز قارىغانلىقىمىدۇ بىزدەك ئ‍اددىي قەلەمكەشلەرگە، ھېچ بىلەلمىدىم

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4463
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84782
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9961 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 05:44:27 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئ‍ايالىمغا خەت
شۈكران

قاخشاپ ئ‍ۆينى مازار قىلىدىڭ ئ‍ايالىم،
ئ‍ېلىپ كەلسەم بىر دەرجە چوڭ كالاشنى.
كىتىپ قالسام ئ‍ۈن-تىنسىزلا دۇنيادىن،
ئ‍ىسسىق يېشىڭ تۆكىسەن ئ‍ەسلەپ قاياشنى.
ئ‍ۈچ بالىنىڭ يۈزى ئ‍الدىڭ پۈكلەنسەم،
ئ‍ېشىۋالدىڭ بىلمەي كۆڭۈل ئ‍اياشنى.
ئ‍اتا-ئ‍انا ھۆرمىتىگە ئ‍ېرىسەم،
بۆزەك تاپتىڭ مەندەك ئ‍ىسىل ياۋاشنى.
كۆزلىرىڭگە باقتىم مەزلۇم كىشى دەپ،
توختاتمىدىڭ بىر كۈن ئ‍ادەم تالاشنى.
مۇھاببەتتە كۆكلەيدىغۇ بۇ دۇنيا،
كالىمۇ جېنىدا بىلەر موزاي يالاشنى.
يىلتىزىنى سۈرۈشتۈردىڭ تىرىكىپ،
بىلمەي قالسا بالاڭ ساناق ساناشنى.
ئ‍ۈگەتكۈلۈك بىلمىگەننى بىلدۈرۈپ،
كىممۇ قويدى ساڭا كۆڭۈل چاناشنى.
كۈنلەمچىلىك پەزىلەتتەك چاپلىنىپ،
قېرىغانچە توختاتمىدىڭ ماراشنى.
نەشتىرىڭنى سانجىپ ھۇشۇم يوقاتتىڭ،
ئ‍ەيب بىلمەي ئ‍ەرگە تىكىلىپ قاراشنى.
كېتىپ قالسام قاخشاتقىنىڭ ھار كىلىپ،
ئ‍ۇنتۇپ قالىسەن بەلكىم چاچنى تاراشنى.
قازىنىڭ ماي، گۆش پولودىن زىرىكسەڭ،
ئ‍ۈگىنىسەن ئ‍ەمدى لىگەن يالاشنى.
ئ‍ەرسىز تۇرمۇش قىيناپ تېخى ھالىڭ يوق،
سۆرەپ كىيىسەن تۆت دەرجە چوڭ كالاشنى.
سېغىنىپ قالار مەنسىتمىگەن كۆزلىرىك،
مەندەك تاقىر، قورۇق باسقان، چاۋاشنى…

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4463
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84782
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9961 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 05:50:06 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سېنىڭ كېچەڭ
نۇر مۇھەممەد شۈكران

بۇ كېچە بەك سوغاق خانەڭدە يۇرۇق،
باغلاردا گۈل-چېچەك ئ‍ۈششۈپ قالغاندەك.
بىر قۇشنىڭ قانىتىدا مۇزلىسا جاھان،
يۈرىكىدە ھاياتلىق ياشنايدۇ ھامان.

سەن مېنى تېنىڭدىن يوق قىلالمايسەن،
دەرەخنىڭ قوۋزىقى بىر ئىللىق ماكان.
قانىدىم ئ‍ىچىڭگە تۆكۈلۈپ ئۇزاق،
سەن ماڭا ئ‍وخچىغان تېگى يوق بۇلاق.

دەردىڭا، كېچەڭدە بىر تۈنەپ چىقتىم،
يۇلتۇزسىز ئ‍اسمىنىڭ سۈپسۈزۈك ئ‍ىدى.
چۈشۈمنى بويلىسام دەريادەك ئ‍ازاپ،
ئ‍ازاپلار يېتىپتۇ ئ‍اھ مېنى غاجاپ.  

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4463
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84782
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9961 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 05:55:16 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆزلىرىڭ كۆزۈمگە پىچىرلار ئۈنسىز
(شۈكران شېئىرى)

يۇلتۇزلار كۆز قىسقان ئايدىڭ كېچە ئۇ,
چىكەتكە چىر-چىرلاپ ئىزدەر جۈپتىنى.
قۇلىقىنى يوپۇرغان دەرەخ تۈۋىدە,
سىلىنجا قىلغانتىڭ ئۇزۇن يوپكىنى.

قولۇڭدا ئوينىغان يىشىل تۆت قۇلاق,
دىگەنمۇ يۈزۈڭنى رومالغا يوشۇر.
شۇ ئايغا تىكىلگەن جۈپ ئوت كۆزۈڭنىڭ,
كىرپىكى يۈرەككە سۆزلەيتتى گۇڭگۇر.

بوينۇڭغا تەمشەلگەن قولۇڭنى غايىپ,
مىڭ كۈنلۈك يىراققا ئىتتىرمىدىمۇ?
ئېسىمدە سىغىنغان دەردى پىراقلار,
ئۇھسىنىش ئىچىمگە تىندۇرمىدىمۇ?

قايرىلىپ قارىغان چېغىڭدا خۇشخۇي,
كۆزلىرىڭ كۆزۈمگە سۆزلىگەن ئۈنسىز.
چىگىلگەن رىشتىمىز ئىدى شۇ مەھەل,
بېغىمدا ھوقۇش بار ئاھ جېنىم سەنسىز.

ئىچىمەن كېچەڭنى ھەربىر قەدەھتە,
نىمانچە يىقىشلىق مەي بولغان يۈزۈڭ.
تال چىۋىق بېلىڭگە يۆلۈنۈپ تۇرۇپ,
ئىچىمگە ئاقاتتى مىڭ پاتمان سۆزۈڭ.

ھىچكىمسىز قالدىغۇ باغلىرىم قۇرۇپ,
قۇزغۇنلار ھەر شاخقا قۇرۇپتۇ ئۇۋا.
خىيالىم سېنىڭدە قالدى ئەي جانان,
ئىشقىڭغا ئ‍ېىسىلىپ قالدىما توۋا… بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   YuqunAdam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-23 05:56 PM  


تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4463
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84782
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9961 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 06:01:57 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دادام ئۇ
      (شۈكران شېئىرى)

تاغلاردىن ھەيۋەتلىك ئۇ مىنىڭ دادام,
بىر شەھەر ئەڭگۈشتەر تەڭ ئەمەس ئاڭا.
يەتتە قىز تارىختا قەھرىمان بولسۇن,
دادامدەك ھىچ كىشى تىتىماس ماڭا.

باغلاردا مىۋىلەر قىزىرىپ پىشار,
دىمەك ئۇ ئەجىردە دادام ھەققى بار.
تاڭلارداچىللىغان خوراز پوكىنىدا,
دىمەك ئۇ دادامنىڭ بارماق ئىزى بار.


دادامنىڭ قولىدا قاپارتما تولا,
ئەركەك ئۇ كەتمەننى چىڭ تۇتۇپ چاپقان.
ماكچايسا بەللىرى قىرىدى دىمە,
يىللارنى قىرىتار,تاۋلانغان پىشقان.

دادامدىن كېچىشنى ئويلاپ باقمىدىم,
دادام ئۇ مىنىمۇ ئۇزىتار بەلكىم.
ئۇنىڭسىز قالمىقىم يىرىم يوقۇتۇش,
ئۇنىڭسىز مەن قانداق بولىمەن ئەركىن.

بىر چوڭ تاغ غۇلايدۇ ئۇ كېتىپ قالسا,
باغلارمۇ گىياھسىز ,قۇرۇيدۇ ھەممە.
بىر يۈرەك سوقۇشتىن ۋاز كەچمەك بولۇپ,
ئۆزىنى تاشلايدۇ سولۇشۇپ ھەمدە.  

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4463
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84782
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9961 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 06:04:10 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەن بېرىش  
(شۈكران شېئىرى)

ئانا سىزگە ئوخشاتتى ھەممە,
لىكىن سىزدەك تاشلاپ كەتمىدىم.
جاپايىڭىز ئېغىرتى ھەجەپ,
سىزدەك بىررەت تاماق ئەتمىدىم.

مەن يىراققا كەتكەندە ئەجەپ,
چاقىرىپ مىنى كەلتۈرەلىگەن.
سېغىنغانداسىزنى جان ئانا,
توۋلاپ پەقەت كەلتۈرەلمىدىم.

پۈتۈلگەنمۇ يۈركىڭىز تاشتىن?
چۈشلىرىمدە تونىماي كىتىسىز.
شۇنداقتىمۇ يوقلاپ بارىمەن,
كۈتۋىلىشقا نىمە تاماق ئېتىسىز?

ئېلىپ كەتتى شۇم ئەجەل يانداپ,
ئەتراپىمدىن نەچچە ئادەمنى.
ئۇلار شۇنداق جەم بولدى قاراڭ,
يوقلىمىدى مىنىڭ خانەمنى.

ئۇيقۇ قاچتى پۈتۈن بىر كىچە,
سېغىنىپ سىزنى كۆيۈمچان ئانا.
ئالدىڭىزغا بارماقچى بولسام,
مىنى ئوبدان كۈتەمسىز يانا?  

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4463
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84782
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9961 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-23 06:06:20 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانام كەلمەي قۇربان ھىيت كەپتۇ
(شۈكران شېئىرى)

يىللاپ سىزنى ساقلىسام ئانا,
سىز كەلمەستىن قۇربان ھىيت كەپتۇ.
بەش بالامنىڭ غېمىنى يىسەم,
كىملەر مىنىڭ غېمىمنى يەپتۇ.

يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتكەن قۇش,
نەچچە ئۇچۇپ كەلدىغۇ يانا.
خىيالىمدا ئەگىپ يۈرگىچە,
رىئاللىقتا كىلىڭچۇ ئانا.

دادام سۇلدى ئەركانلار ئارا,
ئون قىرىنداش يولىڭىزدا قالدۇق.
نەۋرىلىرىڭىز جاۋاپسىز كەلدى,
بىز ئالدىدا كىكەچلەپ چاندۇق.

ھىچكىم سىزگە تەڭ ئەمەس ئىكەن,
قايتىپ كىلىڭ خانىڭىزغا ئانا.
ئايلىنايلى ئون بالا بولۇپ,
قايتا يۈرەك پارىڭىزغا يانا.

بىر غىرىپقا ئايلاندىم بۈگۈن,
ھىچكىم ماڭا تەسەللىي ئەمەس.
سىغىنىشتا كۆزدە ئاچچىق ياش,
ئۆلدى ھەممە كۈلكەيۇ-ھەۋەس.

بىر تورغايمۇ ئىگىز پەس ئۇچۇپ,
تۇخۇم باسقان ئۇۋىغا قايتىپتۇ.
لەغمەن يىمەك بولۇپ جان دادام,
قايتا يانا ئۇننى تارتىپتۇ.

بىز ئىشىكتە ساقلايمىز ئانا,
بۇدا ھىيتتىن بالدۇر كىلەمسىز?
ھەممە بەخىت سىزلا ئىكەنسىز,
پىشانىمىزگە يىنىك سۆيەمسىز?  

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!

تۈلكىلەرگە قارا

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 4463
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84782
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9961 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 09:48:25 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆزىڭدە كۆردۈم ئ‍ۆزۈمنى
شۈكران

ھەسىرىتا دەردلىرىڭ دەردىمدە ياماق،
كىرپىكلەر لىپىلداپ ئ‍ېرىتتى كۆزۈمنى.
ئ‍ىچىمدە ئ‍اشىقلار ۋىسال ئ‍ىزدىشەر،
دەرىخا كۆزىڭدە كۆردىم ئ‍ۆزۈمنى.

بىر ئ‍ەرنى باغرىڭدا ئ‍ۆلۈپتۇ دېسە،
قەبرەمدە يۈكىنىپ ئ‍ولتۇرغان سەن بول.
دەردىمدە بىر ئ‍ايال ساراڭ بولسا گەر،
قولۇڭغا سوزىلار ئ‍ەڭ قەدىمقى قول.

يولۇمدا ئ‍ۇچرايدۇ ئ‍ەڭ سۆيۈملۈك يار،
سەن ھايات يولۇمدا ئ‍ېچىلغان چىچەك.
بېغىڭغا بىرئ‍ەركەك  كىرسە مەردانە،
چىقامسەن ئ‍الدىمغا ئ‍اچقانچە ئ‍ىتەك.

ئ‍امرىقىم بۇ بىزنىڭ جەننىتىمىزدۇەر،
كۆزۈمدە كۈلگەنچە تۇرغانسەن  بەلكىم.
تىرىكمەن دىمىدىم سېنىڭسىز ھەرگىز،
شۇ قېتىم مەن بىلەن ئ‍ۆلگەنسەن بەلكىم.

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش