تۈگىمەس ناخشا
تىيىپجان ئېلىيۇف
ھەر ئاخشىمى ناخشا ئېيتىمەن
شۇ كوچىنى ئەگىپ كېتەلمەي.
بىر پەللىنى كۆزلەپ ماڭىمەن،
ئاۋارە مەن تېخى يېتەلمەي.
بۈگۈن ئاخشام ئۆتكەنتىم يەنە
ناخشام بىلەن دېرىزە قېقىپ.
قەيەردىندۇر ئىشىك غىچىرلاپ،
كايىپ كەتتى بىر بوۋاي چىقىپ:
جاقىرايسەن ھەر كۈنى شۇنداق،
ساراڭمۇ سەن ئوڭشالمايدىغان؟
يا ئادەمگە ئۇيقۇ بەرمەيسەن،
قانداق ناخشا بۇ تۈگىمەيدىغان؟
كايىما بوۋا ، سەنمۇ بىر چاغدا
ياش ئىدىڭغۇ ئۇخلىمايدىغان،
سەنمۇ ئېيتىپ تۈگىتەلمىگەن،
شۇنداق ناخشا بۇ، تۈگىمەيدىغان!
1956 - يىل . ئاۋغۇست
http://yexilaral.com/portal.php