babur-7 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 11:18 PM
بۇ مىيىت ئۇزتىشى ھەقىقى ئىسلام بۇيىچە ئىلىپ بىرلىپتۇ ...
بىز ئانا تىلىمىز بولغان ئۇيغۇر تىلىنى ئەرەبلەرگە قارىغاندا بەك ئوبدان چۇشەنگەنگە ئوخشاش، قۇرئان ۋە ھەدىس ئەرەبچە چۇشكەن بولغاچقا ئەرەبلەر ئىسلامنى بىزگە قارىغاندا تىخىمۇ بەك چۇشىنەلەيدۇ.
سىز سۆزلىگەن ھەدىسنىڭ تولۇقى مۇنداق: پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇسـتافا سەللەللاھۇئەلەيھىۋەسسەللەم: ئەرلەردەك ياسىنىۋالغان ئاياللارغا،ئاياللاردەك ياسىنىۋالغان ئەرلەرگە لەنەت قىلغان.
بۇ ھەدىستىن يىراق چەت يۇرتتىكى بىزلەر خەۋەر تاپقان يەردە، مۇقەددەس ئىسلام چۇشكەن،شۇنداقلا پۇتۇن يەرشارىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبى تەلپۇنۇپ تۇرغان سەئۇدى ئەرەبىستان مۇسۇلمانلىرى خەۋەر تاپماسمۇ؟
ئەرەبلەرنىڭ ئۇزۇن كىيىم كىيشى ھەرگىزمۇ ئاياللارنى دورىۋالغانلىق ئەمەس.
ئەگەر ئەرەب ئاياللىرىمۇ ئەرەب ئەرلىرىدەك كىيىنگەن بولسا ئۇ چاغدا ئەرەب ئەرلىرى ئاياللارغا ئوخشاش كىينىپتۇ ياكى ئەرەب ئاياللىرى ئەرەب ئەرلىرىدەك كىيىنىپتۇ دىسەك بولاتتى.
سىزگە مۇنداق چۇشەندۇرەي، بەدەنلىرگە چىڭ يىپىشىپ تۇردىغان كالتە كۆسەي كىيىملەرنى كىيىپ يۇرىيدىغان چىرايلىق قىزلارغا بۇرىتى خەت تارتقان ( بىر قىسىم ) يىگىتلىرىمىز شەھۋەت كۆزلىرى بىلەن تىكىلگەنگە ئوخشاش،ئەرلەرمۇ ئاشۇنداق چىڭ يىپىشىپ تۇردىغان كىيىملەرنى كەيسە ( بىر قىسىم ) ئاياللارمۇ ئەرلەرگە قارىماسما؟!