babur-7 يوللىغان ۋاقتى 2015-1-30 05:33 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم توغرا دەيسىز ، ئەر ...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام: ئەرلەرنىڭ كىندىكىنىڭ ئاستى بىلەن تىزىنىڭ ئۇستى تەرىپى ئەۋرەت ھېساپلىندۇ،شۇڭا ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۇ يەرلىرىمىزنى پىيىپ يۆگەپ تۇرمىقىمىز زۆرۇر.
بىز ئەرەبلەرنىڭ بەدخەجلىكىنى پەقەت ئاخبارات ۋاستىللىرى ئارقىلىق كۆردۇق ياكى ئاڭلىدۇق ئەمما ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگىنىمىز يوق. اللە ھىكمەتلىك قۇرئان كەرىمدە ‹ سىلەرگە بىر پاسىق كىشى بىر خەۋەرنى ئىلىپ كەلسە،سىلەر كىيىن پۇشايمان قىلىپ قالماسلىقىڭلار ئۇچۇن ئۇ خەۋەرنى ( راست ياكى يالغانلىقىنى) ئىنىقلاپ كۆرۇڭلار › دىگەن.دىمەك ئۇ خەۋەرلەرنىڭ مەنبەسى بىزگە قاراڭغۇ شۇنداقلا ئۇ خەۋەرلەنى ئىنىقلاشقا بىزگە ئىمكانىيەت يار بەرمەيدۇ، شۇڭا جۇڭگۇچىلىقتا ئۇنداق خەۋەرلەرگە بىر نېمە دەپ بولمايدۇ.
بەلكىم ئەرەبلەر ئىچىدە بەد خەجلىرىمۇ باردۇ ئەمما مەرد ھاتەمدەك ئەرەبلەرمۇ يوق ئەمەس، اللە خالىسا ھەج تاۋاپقا اللە سىزگە يول بىرىپ قالسا بارغاندا كۆرىسىز قانداقلىقىنى.شۇڭا كۆز بىلەن كۆرمىگەن ئىشلارغا بەك ئىشىنىپ كەتمىگەن تۇزۇك.
ھاراق كەشلەر،ھاراق كەشلەرنىڭ سورىنىغا بارسا ھەممە ئادەم ھاراقكەشتەك،پاھىشىۋازلار پاھىشخانىغا بارسا ھەممە ئادەم پاھىشىۋازدەك كۆرۇندۇ،ناماز خانلار مەسچىتكە بارسا ھەممە ئادەم بەش ناماز، ياخشى ئادەمدەك كۆرۇندۇ.شۇنىڭغا ئوخشىغان ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ئۆز خىللىرىنىڭ يىنىغا بىرىپ نېمىنى كۆرسە شۇنى خەۋەردەپ كۆتۇرۇپ كىلىدىغان خەخ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا UMEDVAR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-1 05:14 AM