|
|
|
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇسىلەر. بۈگۈن روزىلەم دىگەن ناخشىنى ئاڭلاۋىتىپ ئۇ ناخشىنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى ۋە ئىجادچىسى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم .ئىجادچىسى ئابلىمىت قۇربان بولۇپ ھىلىھەم كاتتايلاق يىزا چوخچىدا ياشاپ كەلمەكتە . كىشىلەر تەرىپىدىن "ئابلىمىت غەزەل" دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.ئۇنىڭ بىرقىتىم بۇ ناخشىنى 60 يىل ئىيتتىم ،ئومرۈم بولسا يەنە 60 يىل ئىيتىمەن دىگىنى ھىلىھەم ئىسىمدە .بۈگۈن شۇ ناخشىنىڭ ھەممە كۇپلىتلىرىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنماقچىمەن.
روزىلەم روزىلەم ئوبدان بالا ، شاتىۋاردا كۆڭلىكى. بىر-بىرىگە تەلپۈنەر ئىككىمىزنىڭ يۈرۈكى. ئاللا،ئاللا روزىلەم، قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.
يول بويىدىكى ھويلا ئادەم چۈشكەن دەڭ ئىكەن. روزىلەمنى ماڭا بەرسە، بويى بويىغا تەڭ ئىكەن. ئاللا،ئاللا روزىلەم، قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.
چاپىنىمنىڭ يىڭىنى ، تاپالمىدىم،ساپالمىدىن. روزىلەم يادىمغا يەتسە، تولغىنىپ ياتالمىدىم، ئاللا،ئاللا روزىلەم، قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.
كۆرسەم سىنى ھەر قىتىم، يۈرەككە ئوت كىتىدۇ. مىنىڭ دەردىم، روزىلەم، ساڭا قاچان يىتىدۇ. ئاللا،ئاللا روزىلەم، قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.
"ھويلامدىكى ئۈجمىنىڭ بىر شىخى راۋاپ بولدى. روزىلەمنىڭ دەردىدە يۈرۈكۈم كاۋاپ بولدى. ئاللا،ئاللا روزىلەم، قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.
يۇقىرىسى شامالخانا، يار بۇرنۇمغا پۇرايدۇ. روزىلەمخان قىز بالا چىلگە قوغۇن پۇرايدۇ. ئاللا،ئاللا روزىلەم، قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.
"يار،ئۆيۈڭگە بارغاندا، سۇ ئەكەلدىڭ چەينەكتە. مەن قولۇمنى تەڭلىسەم، قۇيۇۋەتتىڭو جەينەككە. ئاللا،ئاللا روزىلەم، قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.
ئەمدى ئەتىياز بولدى، كەمبىغەللەر نىمە يە؟ تاجىخان ئاچام بىرەي دىدى، ھۈسەن موللام نېمە دەر؟ ئاللا،ئاللا روزىلەم، قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.
"تۆگە ياتتى ئورنىدا، قوڭغۇرىقى بوينىدا. ئۆلۈپ كەتسەم ئارمان يوق، روزىلەمنىڭ قوينىدا. ئاللا،ئاللا روزىلەم، قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.
كۈزدە ئۈزگەن قوناقنىڭ بوڭگىسى راۋاپ بولدى. روزىلەمنىڭ دەردىدە، يۈرىكىم كاۋاپ بولدى. ئاللا،ئاللا روزىلەم، قوينىڭ بالىسى قوزىلەم.
|
|
|
|
|
|