555rikabatqi يوللىغان ۋاقتى 2015-1-31 06:08 PM
بۇ «كاتتايلاق» دىگەن گەپ نەدىن كىرگەن گەپتۇ ماڭىغۇ «كا ...
مەيلى نامى«كالتە»بولسۇن،مەيلى«كاتتايلاق»ماڭا ،
ئوي - خىيالىمدا پايانسىز كاتتابىر يايلاق ماڭاا.
قانچە راھەت تاڭ سەھەر چۇ - چۇلىغان تۇرغاي كەبى،
ئۈن سېلىپ كەڭلىكلىرىدە پەي - قانات يايماق ماڭا .
بۇ دىيارنىڭ ئەھلى خۇش ئاۋاز،چېۋەر ،ئىشچان يەنە،
كە تېپىلغاي ئېزدىسەم بۇنداق ئېسىل ئايماق ماڭا.
گەرچە زەي ،شورلۇق زىمىنى،سۇلىرى تۇزلۇق لىكىن ،
شۇنچە لەززەتلىك تېتۇر نان،سۈت ،قىتىق، قايماق ماڭا.
قاتلىما،جۆۋەندە، نارىن چۆپلىرىنى بىر دىمەڭ ،
سويمىسى شېرىن -شىكەردەك ،بولسىمۇ مايماق ماڭا.
كۈي - غەزەلچى ھەم چېلىشچى پالۋانلار يۇرتى بۇ ،
بۇندا مېھنەتلىك ،بۇندا سەنئەتلىك ھايات قايناق ماڭا .
ئۆتسە «گۈلئايىم»نى توۋلاپ نەۋقىران ئەركەكلىرى ،
ئاڭلىنار كىم ناخشىسى شۇنداق لېۋەن ،ياڭراق ماڭا .
يارى ئۆستەڭ بويىدا مۇڭداشسا «خالىدەم»بىلەن ،
سۆيگۈ گۈلشەنى بىلىنگەي شۇ چىمەن قىرغاق ماڭا.
«باغدا باققان پاقلىنىم»نىڭ ئامرىقى مىڭ -مىڭچە بار،
مەنمۇ ئامراق «روزىلەم»گە ،«قوزىلەم» ئامراق ماڭا.
قاغا جىگدە تۈۋىدە ساقلايدۇ «گۈلمەرەم» تىخى،
نازلىنىپ قاش ئوينىتامدۇ بولمىسا مۇشتاق ماڭا ؟
(ئابلەت ئىسمايىل ئوغلان)