flood يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 11:51 AM
ۋاي توۋا نىمىشلا بوپ كېتىۋاتىدۇ ئەجەپ چۈشەن ...
تۆۋە شۈنچە تەپسىلى يىزىلغان تۇرسىمۇ چۈشەنمىگىنىڭىز قىزىقتە سىزنىڭ بۇرادەر !
مۇنداق گەپ ئىكەن مىسال ئالسام شۇنداق ئوڭاي چۈشىنىسىز بەلىكم
مىنىڭ ئوتتەك پەرزىنىت كۆرگۈم بار. بىراق مىنىڭ پەرزەنىت ھاسىل قىلىش گىنىم ساغلام بولمىغاچقا پەرزەنىت كۆرسەم پەرزەنتىم جىسمانىي جەھەتتىن ياكى ئەقلى ئىقتىدار جەھەتتىن مىيپ ياكى مەجرو تۇغۇلۇپ قىلىش نىسپتى يۇقىرى . بۇ ئۆزۈمنى تەكشۈرتۈش جارياندا تېببى ئىلىمدا ئىسپاتلاندى دەيلى . شۇنىڭ ئۈچۈن تىببى ئالىملار ماڭا ساغلام بىر پەرزەنتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئايالىم كۆڭلىگە ياققان بىرەر نوچى ساغلام ئەرنىڭ ئۇرۇق تەركىبىدىكى، ئۇرۇق ھاسىل قىلىدىغان گېن تەركىبىدىكى ساغلام مىكرۇ ھۈجەيرىلەر ئىچىدىن ، مىنىڭ ساغلام بولمىغان ئۇرۇق ھاسىل قىلىدىغان گېن تەركىبىدىكى ساغلام بولمىغان مىكرو ھۈجەيرىلەرنىڭ ئورنىغا كۆچۈرۈپ مۇۋاپىقيەتلىك بولغاندىن كىيىن بۇ ئىككى يەنى مىنىڭ ۋە باشقا بىر ئەرنىڭ ئۇرىقىدىن بىرىكتۈرلگەن جان-جىگەر ئاداش ئۇرۇقنى ، ئايالىمنىڭ ئۇرۇق قوبۇل قىلىش مىھمانخانىسغا سالىدۇ . ئايالىم پۈتۈن مىھرى بىلەن بۇ ئۇرۇقنىڭ زىيان-زەخمەتكە ئۇچۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىپ ئاي-كۈنى توشقاندا ئۈچ ئاتا-ئانىلىق بوۋاقتىن بىرنى تۇغۇپ بىرىدۇ ۋە ياكى ئايالىمنىڭ ئۇرقىدا مەسىلە بولسا باشقا بىر ئايالنىڭ ساغلام ئۇرقىدىن كىرەكلىك يەرلىرىنى ئايالىمنىڭ ساغلام بولمىغان ئۇرىقىنىڭ ئورنىغا كۆچۈرۈپ بۇ ئۇرۇقنى پىروبىركىدا مۇئەييەن ۋاقىت يىتىلدۈرگەندىن كىيىن بۇ ئۇرقنى ئايالىمنىڭ قوسقىغا يۆتكەپ شۇ يەردە ئاي-كۈنى توشقۇچە ئوينىغىلى قويۇپ . بوۋاق ئەمدى بۇ قوساقتىن زىرىكتىم دىگەن ئوي بىلەن تۇغۇلىدىغان بوباقنى كۆرسىتىدۇ دىگەن گەپ . دىمەك مەن ئاخىرى قايسى خىل ۋاستىنى قوللىنىشتىن قەتئىي نەزەر بىر بالىغا ئىرىشىدىغان ئارزۇيۇمغا يەتتىم دىگەن گەپ . چۈشەندىڭىزمۇ ؟ ھە مۇشۇنداقراق چۈشەنسىڭىز بولىدۇ .
لىكىن بۇ بەك مۇرەككەپ ئۇزۇن بىر جەريان بولۇپ ، بۇ جەرياندا ھەل قىلىشقا توغرا كىلىدىغان زور قىيىنچىلىقلار بار ئىكەندۇق . بىراق بۇ قىيىنچىلىقلارنى مەن دىننىي ساھەدە يۈز بەرمەستىن بەلىكى تەتقىقات ئۇرۇنىدا تەتقىقات جەرياندا يۈز بىرشى مۈمكىن دەپ ئويلىغان . بىراق ئويلىمىغان يەردىن دۇنيادا بارلىق مەدىنىيەت ، بارلىق تەتقىقاتنى قوللايدىغان ياراملىق دەپ قارالغان ياۋرۇپالىق چەكلىمىسز مەدىنىيەتكە مايىل خىرىستيىانلار . كاتولىك پاپا ....دىن ئىبارەت دىننىي تەشكىلاتلار بىردەك قارشى چىقىپتۇ . بۇ ئىشتىنمۇ مىنىڭ كۆڭلۈممۇ شۈنچىلىك يىرىم ھازىر . ھىچنىمە توغرا كەلمەيدۇ كۆڭلۈمنىڭ بى سەرەمجانلىقىغا .
مەن دەيمەن ھازىر نەگە قارىسا تىرورلۇق .زوراۋانلىق خاھىشلىرى ماڭدامدا بىر يۇز بىرىپ ئىتقات بىلەن ئىتقات. سىياسى بىلەن سىياسى. كىشىلەر بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرسىدا ئاداۋەت. دۈشمەنلىك قانات يىتىپ مىھرى-مۇھاببەت . ھۆرمەت دىگەن نەرسىلەر دەپسەندە بولۇپ ، ھەممە كىشىلەرنىڭ قەلبى چەكسىز مىھرى-مۇھابەتكە . تىنىچ مۇھىيتقا. ئۆز-ئارا ھۆرمەتكە شۈنچىلىك تەشنا بولۋاتقان سىغىنىۋاتقان مۇشۇنداق بىر تەخرسىز پەيىتتە ،ئادەمنى شۈنچلىك خۇشال قىلىدىغان مۇشۇنداق . بىئىناق قوشنا-خۇلۇملار. يىقىن دوس-ئاغىنلارر-بىرىنىڭ ئۇرۇقىنى ئۆتكە يىرىم قىلىپ ئىشلىتىپ بىرلەشمە قەلىپداشلار بوۋىقى تۇغۇپ ئاۋۇتۇپ يەر شارىنى بارلىق ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان گۈزەل بىر ئىناق ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن بولسىمۇ مۇشۇ تېخنىكىنى قوش قوللاپ خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلسا نىمە بولار دەيمەن .
ئادەمدە ئەقىل بولمىسا مۇشۇنداق ياخشى تېخنىكىنىمۇ قىتىغا ئالماي قارشى چىقىش نورمال ئىش .
تۇزنى ئۆتنە يىرىم قىلىپ ئىشلىتىمىز. ياغنى ئۆتنە يىرىم قىلىپ ئىشلتىمىز . يىپ-يىڭنلەرنى ئۆتنە قىلىپ ئىشلتىمىز. پۇل پىچەكلەرنى ئۆتنە يىرىم قىلىپ ئىشلتىمىز. ئەمدى بىرە يىرىم گىرام ئىسپىرمىغا كەلگەندە كۆزى كىچىگلىك قىلىپ دەيمەن نىمانچە قارىش چىققاندۇ دەيمەن ئاۋۇ خىرىستيان . پاپا ، كاتولىك ...تەشكىلاتلىرى مۇشۇ ھەقتە بىلدىغانلار ئىككى ئىغىز بىر نىمە دەپ چۈشەنچە بەرمەسىلەر بالىلار !
مەن يۇقاردىكىدەك ئاددىيلا چۈشەندىم . قالغىنى بۇ تېخنىكا ئەتە-ئۆگۈن دىيارىمىزغا يىتىپ كىلىپ ھەر قايسى دوختۇرخانلاردا مەدىنىيەت سەۋيىسى يۇقۇرى. ھەر قانداق مەدىنىيەتنى ئىككلەنمەي قوبۇل قىلالايدىغان تونۇش-بىلىشلىرىم بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ر ت بوۋاققا ئىرىشكەندە شۇ بوۋاقنى كۆرسەم تېخىمۇ چوڭقۇرلىشى مۈمكىن ھازىر ئاڭقىرالىغىنىم مۈشۈنچىلىكلا .
ھەي بىلىمسىزلىك ! ھەي ساپاسىزلىق !
ئاخىردا مىللەتنىڭ پەخىرى ،ئوغلانى بولغان بىلگ بۇرادەرنىڭ تەتقىقاتىغا مۇۋاپىقىيەت تىلەش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ كىينكى ئىشلىرىنىڭمۇ نەتىجىلىك بولۇشىغا تىلەكتەشمەن !!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-4 04:07 PM