frdawis يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 03:12 PM
ئەسسلامۇ- ئەلەيكۇم ،بىلگىجان ئەمسە بۇ ۋۇجۇتقا كەلمەكچ ...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئوبدان سوئال سوراپسىز. ئۈچ ئاتا-ئانىلىق بوۋاق دېگەن تاراتقۇلار قويۇۋالغان ئىسىم بولۇپ، تېگىدىن ئېلىپ ئيېتقاندا بۇنداق تۇغۇلغان بالىنىڭ نورمال تۇغۇلغان بالىدىن پەرقى بەكمۇ ئاز بولىدۇ، يەنى ساغلام تۇخۇم سىتوپلازمىسى تەقدىم قىلغان ئايال پەقەت 0.1% ئېرسىي ماتىرىيالنى بالىغا قالدۇرىدىغان بولغاچقا، بالىنىڭ ئەسلى ئاتا-ئانىلىرىلا ھەقىقىي ئاتا-ئانىسى بولىدۇ. ئىككىنچى ئايال بىلەن ئاساسەن مۇناسىۋىتى بەكلا كىچىك دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا ئۆز ئانىسىنىڭ قورسىقىغا كۆچۈرۈلىدىغان بولغاچقا 2-ئايال بالىنى ھەتتا مەڭگۈ كۆرمەسلىكى مۇمكىن. ھەتتا ئۆز ئانىسىمۇ ساغلام تۇخۇم تەقدىم قىلغۇچى ئايالنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەسلىكى مۇمكىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-5 11:39 AM