izqel يوللىغان ۋاقتى 2015-2-7 05:57 PM
بىرىنجى رەسىمدىكى قىز ئوچۇق كىيىنىۋاپتۇ.ئورۇس ئىكەن..
...
ئېسىل پىكىر قىلدىڭلار بۇرادەر !!!
ئادەمنىڭ قەلبىنى ئاشقۇن مىللەتچىلىك ، شەخسىيەتچىلىك...قاتارلىق ناچار ئادەتلەر ئىگەللىۋالۋالسا بارغۇ . باشقا مىللەتنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرىدىن ئۆز مىللىتىنىڭ پوقى چىرايلىق ۋە تەملىك بىلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
تېمىدا قايسى دۆلەتلەرنىڭ كىلىنى چىرايلىق دىگەن سۆزنىڭ ئۆزىدىن ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ۋەكىللىق قىلىدىغان كىنىلچەكلەرنىڭ سۈرەتلرىگە قارىساقلا ، بىرەر قىزنىڭ ئوقۇش تارىخى . قولغا كەلتۈرگەن شان-شەرەپلىرى خاتىرلەنمەستىن پەقەت مىللىي كىيىم بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرىدىن پەقەت تاشقى قىياپەت جەھەتىن سىلىشتۇرما قىلىپ باھا بىرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلۋالغىلى بولىدۇ. بىز مۇشۇ ئامىلغا قاراپلا قايسى دۆلەت كىلىنچەكلىرىنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىگى ئۈستىدە ھۆكۈم قىلساقلا كۇپايە دەپ قارايمەن .
بۇ يەردە چىراي ئاساس بولماستىن بەلكى ئومۇمى بەدەننىڭ ھالىتىنى ئاساس قىلغاندەك تۇردۇ . تۇغما چىرايلىق تۇغۇلۇپ قىلىش باشقا ئىش. بىراق كۈندە چىنىقىش ئارقىلىق يارشىملىق قامەتكە ئىرىرىش بۇ باشقا ئىش. بىر بالىنى تۇغۇپ بىرىپلا بىر-ئىككى ئايغىچە ئىككى قات كۆرپىنىڭ ئۈستىدە يىتىۋىلىپ كۈندە كاللا-پاچاق غاجاپ ئۆتسە بەدەن قانداق بولماقچى ئەمدى . سۈت فرمىسنىڭ سىغىن كالىسىدەك . قولتۇق. بەل . قوساققا ماي تولۇپ سۇدا ھەپتە تۇرۇپ قالغان جەسەتتەك تۇلۇم بولىدۇ تۇلۇم . بۇ بىر-ئىككى ئايغىچە يىگىنى يىگەن ئەمەس تېخى . تۇغۇتتىن كىيىنكى پەرۋىش تۈگۈسە. 40 نەچچە كۈنلۈك چۈشەكتىن چۈشۈپلا راڭپىزا. لەڭپۇڭ . مالاتاڭ.....لارنى ئۇچۇرغانلا كوچىدا يەپلا ماڭىدىغان گەپ. نەچچە ئايدىن كىيىن قارىسا بەدەن شىددەت بىلەن زىلۋا ھالىتىدىن چىكىنىۋاتقان . شۇنىڭ بىلەن بەدەن قورۇيدىغان بابىي قونچاقنىڭ كىيمىنى ئەتتىگىنى يا بىسمىللا بىلەن بىر كىيۋالسا. كەچتە ئۇخلايدىغان ۋاقىتقۇچە بولدى ئەيھانناس بەدەن تەرلىگەندە چىققان تەر تەر تۆشۈكچىللىرىدىن چىقىپ كىتەي دىسە بەدەن قورۇيدىغان كىيىم سەۋەپلىك چىقىپ كىتەلمەي باشقا نەرسىگە ئۆزگىرىش ياساۋاتقان .
خەنلەرنىڭ ھەر كۈنى سەھەردە قىلىچ .يەلپۈگۈچ ...كۆتۈرۋىلىپ ئەتتىگىنى ۋە سەھەرلدە چىنقىشى . چەتئەللىكلەرنىڭ ھەر كۈنى سەھەرلەردە يۈگۈرۈش ۋە ھەر خىل چىنىقىش بىلەن شۇغۇللىنىش بۇلارغا ساغلام تەن بىشىغلاپ قالماستىنلام يارشىملىق قىياپەت بىشغىشلىغان . بىزلەرنىڭ باھانىمىز جىق . بىزلەردە ئەڭ كۆپ كۆرلىدىغان ناچار ئىش بەدىنىمىز بىر كىلو ئىشىپ بولغۇچە قوسقىمىز ئىككى كىلو ئىشىپ بولىدۇ . بىز مىللەتنىڭ كلىلىنچەكلىرىمۇ بوپ قالىدۇ . لىكىن چەتئەللىك كىلىنچەكلەرمۇ بولۇپ لىكىن بوپ قويدىكەن .
ئەسكى ئاغزىم يەنە ئىچىلدى . قوسقى يوغان كاداڭدىن بىرسىگە تىگىدۇ ھەقاچان بۇ گىپىم . شۇنىڭ بىلەن شۇ پور قوساقتىن تىل ئىشتىدىغان چىرايلا زادى مەن . ئاستا چۈشەي توردىن .