قىمارۋاز
ئەركەك ئىدىڭ ئىلگىرى تەرقى تۇرقۇڭ قاملاشقان،
قىلغان ئىشىڭ بەك رەتلىك بىر-بىرى ھەم ماسلاشقان.
ئۇتىۋالدىڭ نەچچە رەت سېنى كىملەر ئازدۇرغان،
يىتىلدىڭ بوپ ئاخىرى ئۇچىغا چىققان قىمارۋاز.
باشلىدىڭسەن قىمارنى ھەركۈنلۈكى سەھەردە،
پۇللىرىڭنى كۈل قىلىپ سورۇپ بولدۇڭ ھەر يەردە.
پۇت قوللىرىڭ پۇلاڭلاپ مېڭىپ يۈردۈڭ قەيەردە،
يۇرت-جەمەتنىڭ ئالدىدا رەسۋا بولغان قىمارۋاز.
ئويناۋىرىپ زادىلا قىزارمىغان يۈزۈڭمۇ،
يۇرت-قەۋمنىڭ ئالدىدا ئۇيالمىدىڭ ئۆزۈڭمۇ.
ئۇتتۇرىۋىرىپ ھەركۈنى قەرز بولدى يۈزمىڭمۇ،
بارلىقىنى قەرزگە تۇتۇپ بەرگەن قىمارۋاز.
ئاجىز-ئۇرۇق يىتىمنىڭ توپا چېچىپ ئېشىغا،
مىڭ يالۋۇرسا ئايالىڭ كالتەك قويۇپ بېشىغا.
داداڭ بىلەن ئاناڭنىڭ پىچاق تىرەپ گېلىغا،
تاپقان تەرگەن پۇلىنى بۇلاپ قاچقان قىمارۋاز.
ئاتى «قىلما» تۇرسىمۇ شۇنچە ئامراق قىمارغا،
پەند-نەسىھەت زادىلا كىرمەيدىغۇ قۇلقۇڭغا
ئۆي جاي ساتقان پۇلۇڭغا سەكرەپ چىقىپ تەۋكاغا،
مال-دۇنيا دەپ ئاسمانغا پىچاق ئاتقان قىمارۋاز.
مەنبە:مۇڭيار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇڭيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-15 05:43 PM