مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: مۇڭيار

قىمارۋاز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105405
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2472
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 272 سائەت
تىزىم: 2014-3-28
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 04:50:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇغۇم تەرتىپ ۋە شىئىر قائىدىسىگە دىققەت قىلغايسىز.
قىمارۋاز

كىچە-كۈندۈز ھۇشى يوق،شۇقىماردا قىمارۋاز،
ئويلايدۇ ئۇقىمارنى سەھەر-تاڭدا قىمارۋاز،
قىمار ئۈچۈن چىرايى،نەچچە ياڭزا قىمارۋاز،
ئانىنىمۇ ئويلانماي  تىكتى دوغاقىمارۋاز.

چۈشۈرمەستىن قۇلىدىن قارتابىلەن ئۇشۇقنى،
تىپىرلايدۇ توختىماي نېرى قۇيۇپ ئۇيقۇنى،
شىرىك ئىزلەپ چىڭدايدۇ،شەھەر-مەھەلە،كوچىنى،
قىمارئۈچۈن ئاداشقان ساھىل،سەۋدا قىمارۋاز.

كىرىشسەگەرقىمارغا ئايرىمايدۇ كىچە-تۈن،
بىلىنمەيدۇ ئاچلىقى ۋازكىچىدۇ قۇرساقتىن،
ئۇيقۇسىراپ قىپقىزىل قان تامچىيدۇ چاناقتىن،
قىمارئۈچۈن ھالسىراپ بولدى موردا قىمارۋاز.

ئوينايدۇ ھەم قىمارنى ئۇدۇل كەلگەن يەردىلا،
سورۇن تاللاپ يۈرمەيدۇ ھېچقاچاندا زادىلا،
ئۇتسام دەيدۇ كىشىنىڭ پۇلىنى تىزلا-گاچچىدا،
قىمار ئۈچۈن جېنىنى قىلدى پىدا قىمارۋاز.

ئوينىدى ھەم قىمارنى چۆل -جەزىرە،دەشتىدە،
ئوينىدى ھەم ئەسكى ئۆي-ئۆرەكلەرنىڭ تەكتىدە،
گاھ تەرلىدى گاھ تۇڭۇپ،قىش- باھارنىڭ  پەسلىدە،
قىمار ئۈچۈن قاقاسلىق باياۋاندا قىمارۋاز.

چىقماق بولسا سەپەرگە كۆرسە قىماريالتايدى،
قىلماق بولغان ئىشىدىن شۇھامانلا توختالدى،
بارماق بولغان جايىغا بارالماستىن ۋاق قالدى،
قىمار ئۈچۈن ئاۋارە،يېرىم يولدا قىمارۋاز.

ئۇتۇۋالسا قىماردا كۈلدى راساقاقاقلاپ،
ئۇتتۇرۋەتسە كايىدى ئېغىزبۇزۇپ ۋالاقلاپ،
بىرەلمەستىن قەرىزنى يىدى تاياق ۋاراسلاپ،
قىمار ئۈچۈن يۈزلىرى كۈندە يارا قىمارۋاز.

سۈيلەپ كەلسە قەرىزنى مۇكۇۋالدى ئۇقاچتى،
بولسا ئەگەر ئېلىشى ئارام بەرمەي چاپلاشتى،
ھەتتايېقىن دوسقىمۇ رەھىم قىلماي ياتلاشتى،
قىمار ئۈچۈن مۇتىھەم جاھىل تەرسا قىمارۋاز.

ئوينىمىغان كۈنلىرى تولغاندى ئۇ،زارلىنىپ،
ئۇنىمىسا زورلىدى باشقىلارنى قاقشىتىپ،
كىچىلىرى تام ئۇردى،ئۆگزىلەرگە تاش ئېتىپ،
قىمار ئۈچۈن ھەرقاچان قىلدى غەۋغا قىمارۋاز.

بىلمىگەنگە ئۇز زورلاپ قىزىقتۇرۇپ ئۈگەتتى،
باي بۇلۇشنڭ يۇلى دەپ،ھۈنەر قىلىپ كۆرسەتتى،
كىرىپ قالغان كەينىگە پايدا ئالماي تۈگەشتى،
قىمار ئۈچۈن يول-يولغا قازدى ئۇرا قىمارۋاز.

ئارام تاپماي كىچىسى ياتالمىدى تولغىنىپ،
ھىيلە ئويلاپ ئىزدىنىپ،يېڭى ھۈنەر قوغلىشىپ،
كەسپى ئۈچۈن ئىزدىنىپ،كىشىگە ھۆل قىش قۇيۇپ،
قىمار ئۈچۈن نەيرەڭگە تولدى كاللا قىمارۋاز.

قاراملىشىپ تىكتى ئۇ قول ئىلكىدە بارىنى،
تىكتى ھەتتا ئات-ئىشەك،توخۇ-قوينى،كالىنى،
تىكتى ھەتتا زىمىنى،ئۆلتۇراق ئۆي -جايىنى،
قىمار ئۈچۈن ھەممىدىن بولدى جۇدا قىمارۋاز.

تەن ئالمىدى زادىلا  قالمىدى ھەم قاتاردىن،
بولدى ھەتتا قاراقچى،كچىسى يول تۇساردىن،
قۇلۇپ چېقىپ،تام تىشىپ ھەم ئۇغۇرلاپ قاچاردىن،
قىمار ئۈچۈن توقماقنى ئالدى قولغا قىمارۋاز.

ئاڭلىمىدى كىشىلەر قىلسا ئەگەر نەسىھەت،
مەنكى قىمار شاھى دەپ داۋراڭ سالدى ھەسسىلەپ،
باپلىسام دەپ كىم  ئۈچۈن ئىكەڭ سىلاپ،دىدى -خەپ،
قىمار ئۈچۈن نىيتى بولدى قارا قىمارۋاز.




قىلچە يۈزى قالمىدى،پەقەتلا ئەل-ئاۋامدا،
دىدى تېخى يۈرەك بارئۆمىدمۇ ھەم ئاكاڭدا،
ئۈگەنگەن خۇي تۈزەلگەن يىلىتىزىدىن قاچاندا،
قىمار ئۈچۈن شىجائەت،ئاقار قاندا قىمارۋاز.



قىمار بەرگەن ئاپەتتىن  قاقشىدى ئاتا-ئانا،
قىيامەتكە بارىڭنى قىلمىغىن دەپ سەن قارا،
ساۋاق ئالماي قىماردىن،توۋا قىلىش ئورنىغا،
قىمار ئۈچۈن دىدى مىڭ ئۇلۇغ خۇدا قىمارۋاز

مۇھەببەت ئەڭ ئازاپلىق لەززەتتۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 1031
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 36984
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5739 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 05:23:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇتتۇردۇم


(بىر قىمارۋازنىڭ بايانى)


خۇمار بولۇپ قىمارغا بىساتىمنى ئۇتتۇردۇم،

ئۇتارمەن دەپ تەلمۈردۈم،تامايىمنى ئۇتتۇردۇم،

ئۆز يۇرتۇمدىن كېتەي مەن ماكانىمنى ئۇتتۇردۇم،

چوڭ سۆزلەشكە نە ھەددىم،زۇۋانىمنى ئۇتتۇردۇم.





ئۇتقان چاغدا پاتمايتتىم بۇ جاھانغا تاراقلاپ،

تۈنتەڭلەردە سانايتتىم ئۇتقان پۇلنى شاراقلاپ،

بۈگۈن كەتتىم قىماردا قىممىتىمدىن يىراقلاپ،

قەسەم قىلدىم نەچچە رەت تەكرارىمنى ئۇتتۇردۇم.






تاراملىدى كۆز يېشىم بۈگۈن بولدۇم قاق سەنەم،

رەنجىپ كەتتى مىنىڭدىن ئۇرۇق-تۇققان،مەھەللەم،

قاپساپ مېنى تەنھالىق بىھۇش قىلدى دەرت-ئەلەم،

ئەسلى دۇرۇس ئادەملىك ئىسپاتىمنى ئۇتتۇردۇم.






قىلسا دوستلار نەسىھەت كەلمىدىم ھېچ ئەيۋەشكە،

ئەمدى مانا ئولتۇردۇم ئىككى پۇل يوق خەشلەشكە،

قىلمىشىمدىن ئاچچىقلاپ دادام كەتتى كەلمەسكە،

دىمەك تاغدەك يۆلەنچۈك قاناتىمنى ئۇتتۇردۇم.






ئانام ئاندىن رەنجىدى ئەيىب ئەتتى تۇققانلار،

تەنبىھ قىلدى يالۋۇردى بۇ ئىشىمنى ئۇققانلار،

چىرلاپ تېنىچ قويمايدۇ ئۇتتۇرغانلار-ئۇتقانلار،

خاتىرجەملىك يوق ئەمدى ئارامىمنى ئۇتتۇردۇم.






قاغىش تەككۈر قىمارغا نىچۈن مۇنچە چاپلاشتىم؟

تۇرمۇشتىكى ھالاكەت سۈڭگۈچىگە قاپلاشتىم،

ئۆز يۇرتۇمدىن-قەۋمىمدىن يېتىرقىدىم-ياتلاشتىم،

چۇڭقۇر پاتتىم گۇناھقا ساۋابىمنى ئۇتتۇردۇم.






توختاتمىدى قىمارۋاز كۈندە كىلىپ ئۆيۈمگە،

قەرزىدارلىق يامانكەن باراۋەركەن ئۆلۈمگە،

ئىنسان زاتى نىچۈنكى سەت كۆرۈندى كۆزۈمگە،

يولدا ماڭدىم موزايدەك سالامىمنى ئۇتتۇردۇم.





ھەممە ئىللەت بىر كەلدى قەرزى مىندى پاتاڭغا،

خوتۇن كىلىپ ئېسىلدى بىر نەچچە رەت ياقامغا،

‹‹پۇلنى بەر››دەپ بىر لۈكچەك پىچاق تىقتى يوتامغا،

ئارزۇ-ئۈمۈد،ئىشەنچىم،ھاياتىمنى ئۇتتۇردۇم.


            *******

مەنبە: ئۆز قەلىمىم( ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي)


باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77223
يازما سانى: 632
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 11:17:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

كىملەر بىلەن يۈرىدۇ دېسە ، باغلىرىدا تەنھاكەن دەپ قوي!


   ☆  ★  ☆ ★ ☆ ★ ☆  ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆ ★ ☆

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32154
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3364 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-16 11:54:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىمارۋازنىڭ قەسەمنامىسى
                           سۆز ئوينى

            قەدىرلىك قېرىنداشلار ،قىممەتلىك قەلبداشلار ، قېرىندىشىمىز قاسىم قارى، قىمارقەسىردىكى قارا قورساق قىمارۋازلارغا قوشۇلۇپ ، قاملاشمىغان قىلىقلارنى قىلىپ ،قەرىز قانىلىغا قاپسىلىپ قالدى . قىمار قايناملىردىكى قولداشلىرىدىن قاۋۇلقارام ، قادىر قاسساپ ، قەمەر قەلەندەر قاتارلىق قىمارۋازلار ، قاسىم قىماۋازنى قەرىز قالدۇقلىرىنى قايتۇرۇشقا قىستىدى. قاتىللىق قۇراللىرىنى قاسىم قىمارۋازنىڭ قورسىقىغا قاداپ؛قەرىزنى قايتۇرساڭ قايتۇردىڭ ،قايتۇرمىساڭ قارنىڭنى قېزىپ قان قۇستۇرۇپ ، قورسىقىڭنى قوچۇپ قەرىز قالدۇقلىرىدىن قىلچىلىكمۇ قالدۇرماي قايتۇرۋالمىز.
       قىمارۋازلارنىڭ قولىدا قاتىللىق قلىچلىرى قاغىنىڭ قاناتلىرىدەك قاڭقىيتى ، قاسىم قىماۋاز  قاتىللق قۇراللىرىدىن قورقۇپ قاش-قاپاقلىرى، قىمىرلاپ ،قىياپىتى قارداپقولتۇقلىرى قىچىشىپ ، قۇرۇتتەك قورۇلۇپ ، قوڭغازدەك قىمىرلاپ، قاغىدەك قاقىلداپ ، قاڭشالىردا قان قالمىدى. قاسىم قىماۋاز قانداق قىلسا قىلىپ قەرىز قالدۇقلىرىنىقالدۇرماي قايتۇرۇپ قېرىنداشلىرنىڭ قاتارىغا قوشلىشقا قەسەم قىلدى.قەرىزنى قايتۇرمىسا قانۇن قارار قىلىدۇ ، قانۇننڭ قائىدىلىرىنى قوبۇل قىلمىسا قاماققا قامايدۇ ، قېرىنداشلىرى قاتارغا قوشمايدۇ،قەدىمقى قەلئەدە قوندۇرماي قوغلايدۇ ، قاغايدۇ.
       قاسىم قىماۋاز قىلغان قىلمىشلىرىدىن قايغۇردى، قاقشىدى. قاسىم قىماۋازنىڭ قەدەملىرى قىسقارغان ،قولى قۇرۇق،قەرىزنى قايتۇرمىسا قىمارۋازلار قاتىللىق قىلىدۇ. قەرىزنى قايتۇرۇشقا قەلەمدە قالدۇرغان قابۇسنامىلەر قىمارۋازلانىڭ قولىدا،قىماۋازلار  قانداق قىلسا قۇلايلىق.
  قاسىم قىماۋاز قەرىزنى قالدۇرماي قايتۇرۇش قاينىمىدا ،قايتا قايتا قايمىقىپ قەرىزنى قالدۇرماي قايتۇرۇشنى قارار قىلىپ ،قىزىل قەلبىدىن قەسەم  قىلدى.
                     
                                    قەسەمنامە

         قەرىز  قالدۇقىرىغا :قوتاندىكى قوي- قوتازلارنى ، قەپەزدىكى قاغا - قۇزغۇن قۇشلارنى ، قورۇقتكى قوغۇن - قاپاق قوناقلارنى، قاز اندىكى قايناۋاتقان قايماق، قورۇما - قۇيماقلارنى قوزىقتىكى قەدىمىقى  قالپاقلارنى قالدۇرماي قەرزىگە قايتۇرۇپ قەرزىدىن قۇتۇلۇپ، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىمنىڭ قاتارىغا قوشۇلىمەن.قىيامەت قايىنغىچە قىماردەك قاملاشمىغان قىلىقنى قىلمايمەن.قانۇنىنڭ قائدىلىرىنى قوبۇل قىلمەن. قالغان قەدەملىرىمدە قەدىرلىك قامۇس قالدۇرۇپ قېرىنداشلىرىمنى قايىل قىلمەن.........
    قەسەمنامىنى  قوش قولامدىكى قىممەتلىك قىزىل قەلەمدە قالدۇرۇپ، قېرىنداشلىرىمنى قارتىپ قويوپ،قولامنى قەلبىمدىكى قاندا قىزارتىپ،قوشقوللاپ قول قويدۇم،قەرزنى قايتۇراممىسام قانۇننىڭ قارارىنى قوبۇل قىلىمەن.
                                         
                              مەخەت ئابدۇرېھىم.
     
      


قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 113912
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 73
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2015-2-3
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-17 08:08:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2015-2-16 11:54 PM
قىمارۋازنىڭ قەسەمنامىسى
                           سۆز ئوينى

بۇ سۆز ئويۇنى بەك پەيزى چىقىپتۇ

بىر غېرىپ كۆڭلىنى قىلالىساڭ شاد، ئۆتۈپ كېتەر چۆلنى قىلغاندىن ئاۋات!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99613
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 95
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2013-11-15
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-18 12:35:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
موشۇ قىمارۋازلارنىڭ كۈنى بىردەم ئۇتۇپ بىىردەم ئۇتتۇرۇپ  دەككە دۈككىدە ئۈتىدۇ دىسە،مىنىڭ بىر نەچچە خىزمەتدىشىم قىمار ئويناپلا كۈن ئۆتكۈزىدۇ،ئۇتتۇرغاندا مىڭلاپ ئۇتتۇردۇ،ئۇتتۇرۋېتىپ ئوغۇل بالمەن  چىدايمەن دەپ قويۇشلىرچۇ.بىرە يۈزنى ئۇتۇپ قويسا ئۇنىڭچە ئادەم يوق ،ھەي ئىسىت ئۆتكەن كۈنلىرى بۇ خەخنىڭ!!!!

ھېچنىمە دىگۈم يوق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش