كاشكارى ئەپەندىم مىنىڭ ئىچىم بىر ئاز قوتۇر بولغاقچا ھەر قانداق بىر گەپنى يۈز قىلماي دەۋىردىكەنمەن توغرا چۈشنەرسىز .
رۇسلان شىركتى مەخسۇس ئېلىكتىرۇن كەسپىنى ئاساس قىلدىغان شىركەت ئوخشايدۇ قىسقىچە چۈشەندۈرلىشىگە قارىغاندا . ئاۋۇ لايىھەدىكى ر ھەرىپى رۇسلان دىگەن ئىسىمنىڭ باش ھەرىپى ر دىگەن ھەرىپنى رەسمىدىكى شەكىلدە لايىھە ياخشى چىققان بولسىمۇ بىراق بۇ خىل ماركا شۇ شىركەتنىڭ ۋېۋىسكىسى . تور تۇغ بەلگۈسى . خىزمەت كىيمى ، ئىشقا چىقىش كىنىشكىسى . ئىزنەك .....قاتارلىق شىركەتنىڭ خاسلىقىغا چىتىلدىغان ھەر بىر نەرسىگە ئىشلىتىلگەندە مۇنداق بىر قارىغان ئادەم شۇ خىل ماركا ياكى تۇغ ...بەلگۈسىدىن شۇ شىركەتنىڭ نىمە بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى . قانداق نام بىلەن ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلۋالغۇدەك ئۇسۇلدا لەيىھەلىگەن بولسىڭىز مەنچە ياخشى بولارمىكن دەپ ئويلايمەن. سىز بىر ئاز ئالدىراپ قالغاندەك قىلسىز. ئاۋال سىز سۈكۈت قىلىڭ باشقىلار ھە دەپ ئۆزلىرىنىڭ كارامىتنى ئىشقا سىلىپ لايىھەلىگەن ماركىللىرنى يوللاپ بولسۇن ئاندىن سىز ئالدىرماي ئولتۇرۇپ لايھەلەڭ . بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۇ مۇكاپات سىزگە تىگىل بولۇش نىسپتى يۇقۇرى بولىدۇ .
يىڭىلىق يارىتىمەن دىگەن ئادەم چوقۇم تۇغما ئېسىل قۇسۇرچى بولۇش كىرەك. قۇسۇرلۇق خاراكتىر نىسپى بولغان ئادەم ھەر قاچان باشقىلاردىن بىر قەدەم ئالدىدا بولىدۇ . قۇسۇرلۇق باشقىلار قىلغان ئىشنى ياراتماسلىق ئەمەس بەلىكى شۇ خىل نەرسىنى ماختاپ تۇرۇپ شۇ خىل نەرسىنىڭ يىتەرسز تەرەپلىرنى ئىنچىكە كۈزۈتۈپ بۇ خىل بوشلۇقنى تولۇقلاشقا ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر خىل ئادەتتۇر. ياخشى قۇسۇرچى بولالمىغان ئادەم يىڭلىق يارىتالمايدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uzum-tal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-24 10:28 PM