مەن سىزنى مۇنبەردە ئىزچىل پەزىلىتى ياخشى ئادەم دەپ پەرەز قىلىمەن . ئادەمنىڭ ئىڭىدا ناھايتى تەبئىيلا ياخشى ئادەملەرگە غەلبە ۋە ئۇتۇق قازىنىشىنى خالاپ قالدىكەن. مەن مۇشۇ نۇقتىدىن سىزگە تەكىلپ بىرىپ سالدىم . ھازىر سىز تالانتىڭىزنى چىقرىپ لەيھەنى يوللاپ قويسىز . باشقىلار سىزنىڭ ماركىغا قاراپ تۇرۇپ كىتىپ سىز ئىشلەتكەن ر ھەرىپنىڭ پاچىقىنى ياكى شەكلىنى ئازىراق ئۆزگەرتىپ . ئىچىگە كىتتىڭ-كىتىڭ بىر نەرسىنى چاپلاپلا ماركا دەپ يوللايدۇ . باھالىغۇچىلار مۇنداق قارسا شۇلارنىڭ ماركىسى ئايشەم جودانىڭ كۆينىكىدەك لەپپەڭشىپ تۇرغان . بۇنىسى ھەيۋەت ۋە كۆركەم تۇرامدۇ نىمە دەپ دەل مۇكاپاتقا شۇ تاللىنىپ قىلىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ . بۇ خىل مۇكاپاتمۇ بىر خىل ئۇرۇش جىڭىگە ئوخشايدۇ . كىم ھۇ دەپ ھۇررا تولاپ كەلسە قارشى تەرەپ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەلگەن ئادەمنىڭ قولىدىكى نەرسىنىڭ قانداق قورال ئىكەنلىگىنى بىلۋىلىپ شۇ خىل قورالدىن ئىشىپ چۈشكىدەك نەرسىنى يىنىدىن چىقىردۇ ناۋادا بولمسا كىيىنكى قىتىمدا ياساپ چىقىدۇ . مەن دىمەكچى تالانتىڭىز باركەن ھازىرچە زايە قىلماي تۇرۇپ ئىچىڭىزدە بىلىڭ دە ! مۇكاپات ۋاقتى يىقىنلىشاي دەپ قالغاندا يوللاڭ .
ئادەمنىڭ پىسخىكىسى ئاجايىپ نەرسە بىر نەرسە ھەر قانچە يىتەرسىز بولسىمۇ بىراق يىڭىلىق بولسىلا كۆزگە تولىمۇ نەپىس ۋە يىقىشلىق بىلىنىدۇ . مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئۇنىڭغا بولغان يىقىشلىق ۋە نەپىس گۈزەللىك بۇرۇنقىدەك بولماي قالىدۇ . كىيىنچە بۇنىڭدىنمۇ يىتەرسىز بولۇپ قالغان بىراق ئۆزى يىڭلىق بولسا بۇ نەرسە كۆزگە ئاۋۇ بۇرۇنقى يىتەرسىزلىگى ئازىراق بولغان نەرسىدىن كۆپ نەپىس ۋە كۆپ يىقىشلىق كۆرۈنىدۇ .....ھازىر يوللاپ قويسا شۇ شىركەت خادىملىرنىڭ كۆزىگە بىر ئاي . ئىككى ئاي ئۆتكىچە نەپىسلىگى ھازىرقىدەك يىقىشى تەتۇرگە قاراپ مىڭىشى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ .
ئىنكاسىمنىڭ بىشىدىلا ئىيتقىنىمدەك بۇ قىتىملىق مۇكاپاتنىڭ سىزگە چىقىشنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈت قىلىمەن . ياخشى نىمەتلەر سىزگە ئوخشاش ياخشى بىلىم ئىگىللىرىگە نىسىپ بولغاي !