توقماق يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 05:25 PM
بۇنىڭ توغرا جاۋاپ بولىشىمۇ ناتايىن.چۈنكى ئاي شارىنىڭ ...
يەر شارى ۋە ئاي شارىنىڭ قۇياش نۇرىدىن پايدىلىنىپ ئىسسىشىنىڭ ئىككى خىل ئاساسلىق شەكلى بار .
يەر شارى ۋە ئاي شارىنىڭ يەر يۈزىگە قۇياش نۇرى قانچە ئۇزاق چۈشسە شۇنچە كۆپ ئىسسىقلىق سۈمۈرىدۇ ۋە ساقلايدۇ . يەر شارىنىڭ ياز ۋاقىتتىكى قۇياشقا توغۇرلىنىش ۋاقتى ئۇزۇن بولغاچقا ياز پەسلى ئىسسىق بۇلىدۇ . يەنى يەنە بىر خىل ئىسسىش شەكلى ئاتمىسفىرا قاتلىمىنىڭ پارنىكلىق رولى يەر شارىنىڭ كېچىدىكى تارقاتقان ئىسسىقلىقنى تۇسۇش رولى بۇلىدۇ . يازدا يەر شارى كۈندۈزى ئۇزاق ۋاقىت ئىسسىقلىق قۇبۇل قىلىپ كېچىسى قىسقا ۋاقىت ئىسسىقلىق تارقاتقاچقا ، ھەم ئاتمىسفىرا ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىپ كىتىشىنى چەكلىگەچكە ئىسسىش ئاكتىپ ، سوۋۇش پاسسىپ بۇلۇپ يازسايىن ھاۋا ئىسسىپ بارىدۇ . ئاي شارىدا ئاتمىسفىرا بولمىغاچقا دالدا تەرەپ ئىسسىقلىق ساقلىيالماي نولدىن تۆۋەن راۋرۇس گىرادۇس تۆۋەنلەپ كىتىدۇ . قۇياشقا توغۇرلانغان تەرەپ بىۋاستە قۇياش نۇرى بىلەن ئۇچراشقاچقا تىمپۇراتۇرا تىز ئۆرلەيدۇ ھەم ناھايىتى قىزىپ كىتىدۇ .
سىزگە بىر چاقچاق قىلاي ؛ سىزگە ئوخشاش بىر تەتقىقاتچى ئۆزىنىڭ ھۈكۈمىگە ئىشەنچ قىلالمىسا ھىچكىم سىزنى قوللىمايدۇ .