.tuz. يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 02:06 PM
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
قۇياشتىن ئىسسىقلىق چىقىدۇ دېسەك ، ...
يەر شارىنىڭ قىش پەسلىدە سوغۇق. ياز پەسلىدە ئىسىق بولۇشى . يەر شارىنىڭ قۇياشنى ئايلىنىش جەرياندا چەمبەر شەكىلدە ئايلانماستىن بەلىكى ئىلىپس شەكلىدە ئايلىندىغانلىقىدىن كىلىپ چىققان. يەر شارى قۇياشتىن ئەڭ يىراق ئوربىتا رايۇنىغا يىقىنلاپ كىلىشى بىلەن قۇياشنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارلىقى ئۇزۇرايدۇ بۇ ھالەتتە يەر شارى سوۋۇشقا باشلايدۇ. يەر شارى قۇياشنىڭ ئەتىراپىنى تولۇق بىر قىتىم ئايلىنىش جەرياندا يەر شارىنى قۇياشقا ئەڭ يىقىن بىر نۇقتىنى باش نۇقتا قىلىپ يەر شارى مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغا قاراپ سىلجىپ قۇياشنى تولۇق بىر ئايلىنىپ يەنە مۇشۇ نۇقتىغا كەلگۈچە يەر شارى قۇياشتىن ئىكىكى قىتىم ئەڭ يىراق بولغان ۋە ئىككى قىتىم ئەڭ يىقىن بولغان تارىخىنى باشتىن كەچۈردۇ. قۇياشقا ئەڭ يىقىن بولغان ۋاقتى دەل يەر شارىدا ياز پەسلى بولغان مەزگىلدۇر. ئەڭ يىراق ۋاقىت بولسا يەر شارىدا قىش بولغان پەسلىدۇر .
يۇقارقى باياننى ئوقۇغان ھەر قانداق ئادەم . بۇنداق بولسا نىمە ئۈچۈن قىش پەسلىدە بىر قىسىم دۆلەت رايۇنلار شۇنداق ئىسىق بولىدۇ ؟ دەپ سۇئال قويدۇ. بۇنىڭ جاۋابى شۈكى . قىش پەسلىدە ئىسىق بولىدىغان دۆلەت رايۇنلارنىڭ جايلاشقان ئورنىنى خەرىتىدىن كۆرسەك بۇ دۆلەت رايۇنلارنىڭ ئەتىراپىدا كەڭ كۆلەملىك كۆل ۋە دېڭىز-ئوكياننىڭ جايلاشقىننى كۆرۈمىز . سۇنڭ خۇسىيسىتىنى ھەممىمىز بىلىمىز . سۇ ئىسىقلىقنى ئاستا قوبۇل قىلىپ ئاستا قويۇپ بىرىدۇ . دېڭىز-ئوكيان ياز پەسلىدىكى سەككىز-ئون ئايغا يىقىن قۇياشتىن كەلگەن ئىسىقلىقنى زور دەرىجىدە سۈمۈرۋىلىپ يەر شارى قۇياشتىن ئەڭ يىراق رايۇنغا قاراپ سىلجىغان پەسىل يەنى 12~11 ئايلاردا يەر شارى ئاتمېسفۇراسىنىڭ تېمپۇراتۇرسى تۆۋەنلەپ دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ تېمپۇراتۇرسىدىن كۆپ تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ. ئىسىقلىق يۇقۇرى تېمپۇراتۇرلۇق جىسىمدىن تۆۋەن تىمپۇراتۇرلۇق جىسىمغا قاراپ يۆتكىلىدىغان بولغاچقا. دېڭىز-ئوكيانلار ياز پەسلىدە يەنى ئۈچۈنجى ئايدىنئون بىرىنجى ئايغىچە تەخمىنەن 10~8 ئايغا يىقىن قۇياشتىن سۈمۈرۋالغان ئىسىقلىقنى ئاتمىسفۇراغا قويۇپ بىرىدۇ . بۇ قويۇپ بىرىلگەن ئىسىقلىق شۇ دېڭىز-ئوكيان ئەتىراپىغا جايلاشقان دۆلەت ۋە رايۇنلارنىڭ تېمىپۇراتۇرسىنى بەلگىلىك دەرىجىدە يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ . مىسال دۆلىتمىزنىڭ جىڭجۇ . قۇمۇل. ئۈرۈمچى . ئاقسۇ ......دىگەندەك رايۇنلار دېڭىز-ئوكياندىن ناھايتى يىراق بولغاچقا قىش پەسلىدە قاتتىق سوغۇق بولىدۇ . بىراق گۇراڭدۇك ئۆلكىسنىڭ گۇۋاڭجۇ .... خەينداۋ ئۆلكىسى . سەئۇدىيە ئەرەبىستان . دۈبەي ......قاتارلىق دۆلەت ۋە رايۇنلاردا قىش پەسلىدە ئانچە سوغۇق بولۇپ كەتمەيدۇ . ھەتتا بۇ دۆلەت ۋە رايۇنلار قىش پەسلىدە ئادەملەر بىر كۆينەك بىلەنمۇ ئۆزىنى تىنجىق ھىس قىلىدۇ .
بۇ قارشنى ئوقۇغاندىن كىيىن ....بەزى دېڭىز-ئوكيان ئەتىراپىغا جايلاشقان دۆلەت ۋە رايۇنلاردا قىش پەسلىدىمۇ قاتتىق سوغۇق بولىدىغان جايلار بار. دېڭىز-ئوكيان قىش پەسلىدە ئىسىقلىق قويۇپ بىردىغان تۇرسا نىمە ئۈچۈن بۇ دۆلەت ۋە رايۇنلار قىش پەسلىدە قاتتىق سوغۇق بولىدۇ دىگەن سۇئالمۇ تەبئىيلا پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭ جاۋابى بولسا . بوران ۋە شامال كۆپ ھاللاردا دېڭىز-ئوكياندىن قۇرۇغلۇق تەرەپكە قاراپ چىقىدۇ. بەزى دۆلەت ۋە رايۇنلار گەرچە دېڭىز-ئوكيان ئەتىراپىغا جايلاشقان بولسىمۇ قىش پەسلىدە سوغۇق بولۇپ قىلىشى . بۇ دۆلەت ۋە رايۇنلارنىڭ يەر شارىغا جايلىشى جۇغراپىليىك ئەھۋالى ئالاھىيدە بولغانلىقى ئۈچۈن دېڭىز-ئوكياندىن كەلگەن ئىسسقلىقنى دېڭىز-ئوكيان بىلەن قۇرۇغلۇقنى ئايرىپ تۇردىغان ئىگىز تاغ تېزمىللىرنىڭ دېڭىز-ئوكياندىن كەلگەن ئىسىقلىقنى توسۇپ قويغانلىقى سەۋەپلىك بۇ دۆلەت ۋە رايۇنلار گەرچە دېڭىز-ئوكيان ئەتىراپىغا جايلاشقان بولسىمۇ قىش پەسلىدە يەنىلام دېڭىز-ئوكياندىن ناھايتى يىراق دۆلەت ۋە رايۇنلارغا ئوخشاش قاتتىق سوغۇق بولىدۇ .
ئاللاھنىڭ ھەر بىر ھېكىتمىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن شۇ خىل ھېكىمەتكە ئائىيىت بولغان ئىلىم-پەن بىلمىرىگە مۇراجەت قىلساق ئاللاھ ياراتقان شەئيلەرنىڭ شۇ خىل ئۆزگىرىشچان ھەركىتىنىڭ تىگە يىتەلەيمىز دەپ ئويلايمەن .