5uyghur يوللىغان ۋاقتى 2015-3-14 11:27 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،خۇش كىلىپسىز بايقارا،
كونىلاردا ب ...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،خوش ۋاق بولۇڭ ھەممىڭلار ،
كەلسەك گەپنىڭ نەخ يېرگە ،مەن تېخى بىر كىچىك بالا ،
چۈشتۇم قەلەم بۆشكىدىن ،يولنى تەمتىن ماڭىمەن ،
بىلەمسىزكىن سىز شۇنى ،كىچىكلەرنىڭ جېدلى تولا ،
كېلىپ قاپتۇ ئىلھامىم ،مەندىن سىزگە نىمە كېرەك ،
ماڭا سىزدەك بولغۇچە ،نەچچە قېتىم جان كېرەك ،
بىلىپ يېتىڭ دەردىمنى ،كۆرۇپ مېنىڭ ئەرزىمدىن ،
لازىم ئەمەس قۇرۇق گەپ ،ماڭا ئۈمۈد شام كېرەك .
توغرا توغرا ئېيتىسىز ،يېڭى بوۋاق يۇگۈرمەس ،
ئەمما مېنىڭ بولغۇم بار ،باتۇر ئوغۇز يېڭىلمەس ،
توغۇلۇپلا ئوغۇزغان ،بىر ھەپتىدە ئات مىنگەن ،
قورقۇتۋەتكەن مەخلۇقنى ،ھەرگىز يالغان سۆز ئەمەس ،
مەنمۇ بولدۇم ئون كۈنلۈك ،كىچىك ئەمەس ئوغۇزدىن ،
سىز بولغانسىز مىڭ كۈنلۈك ،قورقماي كەلدىم ھەم سىزدىن ،
خاپا بولماي سىز ماڭا ،بولسا بېرىڭ مۇكاپات ،
مەن ئامراقمەن رىغبەتكە ،كۈتتۈم چوڭ -چوڭ ئۈمۈدتىن ،
بولدى مەنمۇ تالاشماي ،گېپىڭىز توغرا ۋەزنىلىك ،
مەنمۇ ھامان چوڭ بولمەن ،گەپ قىلىمەن دەبدەبلىك ،
چىن يۈرەكتىن چىن سالام ،باشقۇرغۇچى ئۇستازغا ،
كەچۇرۈم سوراي بۇ يەردە ،مەن قىپتىمەن ئەركىلىك ،