فىنلاندىيە مائارىپى نىمە ئۈچۈن دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولالىدى؟
قۇربانجان مەمتىلى مەغرىب تەرجىمىسى
نىمە ئۈچۈن Linux نىڭ قۇرغۇچىسى لىنۇس. تورۋالدس فىنلانىيەدە تۇغۇلغان؟ بۇ دۆلەتنىڭ مائارىپى زادى قانداق تەرەققى قىلغان، بۇنىڭغا نەزەر سالايلى.
فىنلاندىيەدە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سىنىپلاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 20 دىن ئاشمايدىغان بولۇپ، كىچىك سىنىپلىق، كىچىك مەكتەپلىك تۈزۈممۇ بۇ دۆلەتتە «ئىلغار»لىق تۈسنى نامايەن قىلغان.
فىنلاندىيەنىڭ تولۇقسىز باسقۇچتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا سالغان مەبلەغ راسخودى باشقا ئوقۇش يېشىدىكى بارلىق بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا ئەڭ يۇقىرى ھېسابلىنىدىكەن، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 8200 ئامېرىكا دوللىرىدىن توغرا كېلىدىكەن.
فىنلاندىيە ھۆكۈمىتىمۇ كۆچمەنلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئوخشاش قارايدىكەن، فىنلاندىيە تەۋەلىكىدە بولمىغان بالىلارمۇ ھەقسىز ئوقۇيدىكەن.
فىنلاندىيەنىڭ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى «تەتقىقات تىپى»غا تەۋە بولۇپ، چوقۇم ماگىستىرلىق ئوقۇش سالاھىيىتىنى ھازىرلايدىكەن. ئوقۇتۇشقا بولغان زور ئىشتىياق ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەسەۋۇرىغا ئىگە بولسىلا، ئاران ٪ 10 لىك پىداگوگىكا مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنالايدىكەن.
فىنلاندىيە ياشلىرىنىڭ ئەڭ تەلپۈنىدىغان كەسپىمۇ ئوقۇتقۇچىلىق ئىكەن. ئاممىنىڭ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ھۆرمەتلىشى ھەتتا پرېزدېنت(زۇڭتۇڭ) ۋە ئالىي مەكتەپ پروفېسسورىنى ھۆرمەتلىشىدىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدىكەن.
فىنلاندىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپلەرگە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ئەڭ چوڭ ھوقۇقىنى بەرگەن. قانداق ئوقۇتۇش، قانداق دەرسلىكنى قوللىنىشنى ئوقۇتقۇچىلار ئەركىن تاللايدىكەن.
خېلسىنكى شەھرىدىكى لاتوكارتانو باشلانغۇچ مەكتىپى سىنىپ ئايرىمىغان دەرس ئۆتۈشنى قارار قىلغان بولۇپ، 180 نەپەر ئوقۇغۇچىغا دەرس جەدىۋىلى تۈزگەن، بەزى ئوقۇغۇچىلار سائەت 8 يېرىمدا، بەزى ئوقۇغۇچىلار سائەت 9 دا، ياكى سائەت 9 يېرىمدا دەرسكە كىرگەن، ئۇلارنىڭ مەكتەپتىن قايتىش ۋاقتىمۇ ئوخشاش بولمىغان.
فىنلاندىيەلىكلەرنىڭ ئۆيدە كىتاب ئوقۇش ئەنئەنىسىگە ۋارسلىق قىلىۋاتقىنىغا 400 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، دۇنيا بويىچە كۇتۇپخانىدىن كىتاب ئارىيەت ئېلىشقا ئەڭ ئامراق كىشىلەر ھېسابلىنىدىكەن، ھەر بىر كىشى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 17 كىتاب ئارىيەت ئالىدىكەن. فىنلاندىيەدىكى ٪ 41 باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ داۋاملىق ئەڭ كۆپ ئۆتكۈزىغان «ئىستىراھات پائالىيىتى»دە ئوقۇغۇچىلار كىتاب ئوقۇيدىكەن.
http://www.douban.com/note/350443557/ دىن تەرجىمە قىلىندى.