مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2217|ئىنكاس: 16
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ياپۇنىيەلىكلەرنىڭ كىشىنى قايىل قىلىدىغان بەش خىل ئېڭى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88997
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-12-23
ئاخىرقى: 2015-7-1
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش | |تەتۈر تىزىش

ياپۇنىيەلىكلەرنىڭ كىشىنى قايىل قىلىدىغان بەش خىل ئېڭى

قۇربانجان مەمتىلى مەغرىب

كەسىپنى قەدىرلەش ئېڭى
بۇ روھ ياپۇنىيەلىكلەرنىڭ خىزمەتنى پۈتۈنلەي ئىنچىكە، پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئىپادىلەنگەن. ياپۇنىيەدە «كېچىكىش» دېگەن سۆز تۇرمۇش لۇغىتىدە مەۋجۇت ئەمەس. ئۇلار كۈندۈلۈك تۇرمۇشىنى جەدىۋەلدىكىدەك تەرتىپلىك پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. ئاقىلانىلىقى شۇكى، ئۇلار كۈنلۈك پائالىيىتى ئاخىرلاشقان ۋاقىتنىمۇ كۈنتەرتىپ جەدىۋىلىگە يازىدىكەن. ئۇلارنىڭ كەسىپكە ئۆزنى بېغىشلاش روھىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ دېيىشكە بولىدۇ.
مۇلازىمەت ئېڭى
ياپۇنىيەدە ھەر قانداق سورۇندا، جايدا تەپسىلىي ئىزاھات كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىكەن. مېترونىڭ يېڭى لىنىيىسىدە ئورۇندۇقنىڭ كەينىگە ۋاگون ۋە ئەتراپتىكى بىر نەچچە ۋاگوننىڭ ئەسلىھەسى ئېنىق كۆرسىتىلىدىكەن، ھاجەتخانا، ئەخلەت ساندۇقى، تېلېفۇننىڭ ئورنىمۇ سۈرەتلىك ئېنىق ئەسكەرتىلىدىكەن. ياپۇنىيەدە خەرىتىمۇ ناھايىتى ياخشى، چۈشىنىشلىك بېسىلىدىكەن. خەرىتىگە قارىسىلا ھەممە تەرەپتە نىمىنىڭ بارلىقى ئايان بولىدىكەن، خۇددى ھاۋا بوشلۇقىدىن تارتىلغاندەك سۈرەتتەكلا ئېنىق كۆرسىتىلىدىكەن، بۇنى كۆرگەنلا كىشى چۈشىنەلەيدىكەن.
ياپۇنىيەنىڭ يىمەك – ئىچمەك تۈرى جۇڭگونىڭكىگە يەتمىسىمۇ، ئەمما ياپۇنىيە ئاشپۇزۇلىدا قورۇما بۇيرۇتۇشتا ئەندىشە قىلىش ھاجەتسىزكەن. ھەر قانداق ئاشپۇزۇلنىڭ كۆزنىكىدە يىمەكلىكنىڭ تۈرى، شەكلى، مىقدارى ۋە ئەمەلىيەتتە ئېلىپ چىقىلغان قورۇما بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولىدىكەن.
سۈپەت ئېڭى
ياپۇنىيەدە كوچىغا چىقىپ ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك نەرسە سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان ئېسىل نەرسىلەر كوچىدا ناھايىتى كۆپ بولۇپ، قايسىنىڭ ياخشى، قايسىنىڭ ناچارلىقىنى بىلەلمەيسىز، ئەمما شۇنداق جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ياپۇنىيەدە ساختا مال مەۋجۇت ئەمەس، خاتىرجەم سېتىۋالىسڭىز بولىدىكەن.
ياپۇنىيەلىكلەرنىڭ سۈپەت ئېڭى ئۇلارنىڭ قان – قېنىغا سىڭگەن بولۇپ، ساختا مالنى ئىشلەپچىقارمايدىكەن، ھەم ساتمايدىكەن.
ياپۇنىيەدە كىشىگە ئەڭ ھوزۇر بېغىشلايدىغان يەنە ھاجەتخانا بار ئىكەن. مەيلى مېھمانساراي، سودا ساراي، ياكى مېترو، كوچىنىڭ يېنىدىكى كىچىك ئاشپۇزۇل، يول بويىدىكى ھاجەتخانىغا كىرسىڭىز ھاجەتخانىنىڭ تېمى، چىنە خىشى، تازىلىق سايمانلىرىنىڭ پاك – پاكىز پارقىراپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز، بۇ مەنزىرە كىشىنى ھوزۇرلاندۇرىدىكەن. ياپۇنىيەگە بارغان كىشىلەر جۈمەكتىن سۇنىڭ تىمشىغىنىنى، تەرەت قاچىسىدىن سۇنىڭ تېشىپ كەتكىنىنى، ھاجەتخانا ئىشىك تاقىقىنىڭ بۇزۇلۇشىدەك غەلىتە ئەھۋاللارنى ئۇچراتمايدىكەن، ھاجەتخانىدىن غەلىتە پۇراق ئەسلا چىقمايدىكەن، بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب مۇنداق ئىكەن: بىرىنچى، تازىلىق سايمانلىرىدا ئەسلىدىنلا غەلىتە پۇراقنى يوقىتىش ئىقتىدارى بولىدىكەن؛ ئىككىنچىدىن. تازىلىق سايمانلىرى ناھايىتى پارقىراق، سۈپەتلىك، ئۆلچەملىك ياسىلىدىكەن، سۇ بىلەن يۇيسىلا پارقىراپ تۇرىدىكەن؛ ئۈچۈنچىدىن، ئەۋرەز يولى ناھايىتى پۇختا، ئىلمىي لاھىيەلىنىدىغان بولۇپ، ئېقىندى يۇندا  ئىنتايىن راۋان ئاقىدىكەن، غەيرىي پۇراق چىقمايدىكەن.
تەلەپچانلىق ئېڭى
ياپۇنىيە مېترو ناھايىتى تەرەققى قىلغان دۆلەت، توكيو ۋە ئوساكادىكى بەزى ئېگىز ئىمارەتنىڭ يەر ئاستىدا مېترو بېكىتى بار بولۇپ، يۇقىرى سۈرەتلىك مېترو قاتنايدىكەن. كىشىلەر قانچىلىك قىستالسىمۇ، جىددىيلەشمەيدىكەن، يەرگە ئەخلەت تاشلىمايدىكەن. كىشىلەر مېترو بېكىتىگە كەلگەندە قوللىرىدىكى ئىچىملىك سۇ بوتۇلكىسى، كېرەكسىز نەرسىلىرىنى ئېلىپ چۈشۈپ، بۇنداق ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلايدىكەن.
كەلگۈسى ئېڭى
ھازىرقى ياپۇنىيە ياشلىرىنىڭ ئېچىۋېتىش ئېڭى ۋە زامانىۋېيلىشىشى جۇڭگولۇقلارنىڭ تەسەۋۇرىدىن ھالقىپ كەتكەن. توكيو كوچىلىرىدا قارا چاچلىق ياشلار سېرىق چاچلىق ياشلاردىن ھەقىقەتەن ئاز ئىكەن. مەيلى ئەر، ياكى ئايال بولسۇن خېلى كۆپ ياشلارنىڭ چېچى سېرىق بويالغان. ياپۇنىيە ياشلىرىنىڭ ئېچىۋېتىش ئېڭى ۋە زامانىۋېلىشىشى ھەقىقەتەن تىز بولماقتا. ياپۇنىيە ئىقتىسادىنىڭ بۇنداق تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىدە ئۈگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان مۇنداق روھ بار، بۇ دەل ھېچقانداق ماددىي بايلىق سەرپ قىلماستىن، غايەت زور روھىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتەك بىباھا ئاڭنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىدۇر، بۇ خىل ئاڭ ئاقىۋەت غايەت زور ماددىي بايلىق ۋە روھىي بايلىقنى ياپۇنىيەگە بەخش ئەتكەن.

ھەمبەھرلەش: QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ھەمبەھرھەمبەھر0 ساقلاشساقلاش0 قوللايمەنقوللايمەن0 قارشى تۇرىمەنقارشى تۇرىمەن0

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1956
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4834
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1496 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-7-3
2#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
تىللايمىززا تىللايمىز بۇ پاكار دۈشمەن دۆلەتنى.بىراق دۆلەت پۇخرالىرىنىڭ ساپاسىنىزە...ھەسەت قىلدۇرۇپ ئەدەمنى.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

قانائەت--تۈگىمەس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47173
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3776
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 3376 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2015-7-1
3#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |
« ئاڭ بىرلەمچى ، ماددا ئىككىلەمچى » دېگەن لوگىكىلىق تەپەككۇرغا بەك ئەھمىيەت بېرەمدۇ قانداق ؟ ھەقىقەتەن ئېڭىمىز ئېچىلغاندا ، ئاڭ تەرەققىي قىلغاندا ئادەممۇ تەرەققىي قىلالايەۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96819
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 574
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2013-8-8
ئاخىرقى: 2015-7-3
4#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:26 AM |ئايرىم كۆرۈش |
مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا...  يۇقىرىدا دېيىلگەنلىرى راستمۇ يالغانمۇ كىم بىلىدۇ...
ياشلارنىڭ چېچى سېرىقتا بويالسا، زامانىۋىيلىشىشنىڭ تېز بولىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرەمدىكەن ؟

ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتى يارا بولۇر !

ھاياتلىق ئادەمن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35164
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4333
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 1513 سائەت
تىزىم: 2011-3-25
ئاخىرقى: 2015-7-2
5#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:04 AM |ئايرىم كۆرۈش |
بالا تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بىرىشى ئەڭ ياخشى ئىكەن،ئاياللارنىڭ تەربىيلىنىشىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بىرىدىكەن.

تۈركەنە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74547
يازما سانى: 774
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5358
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 660 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2015-7-3
6#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:38 AM |ئايرىم كۆرۈش |
ياپونىيە ھەقىقەتەن تەرەققى قىلغان دۆلەت.

دوختۇر xipalih

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110519
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 567
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 209 سائەت
تىزىم: 2014-10-11
ئاخىرقى: 2015-7-4
7#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:48 AM |ئايرىم كۆرۈش |
ئاڭ سەۋىيىسى   ۋە  پەن  تېخنىكىغا  ئەھمىيەت  بەرگەچكە  2 دۇنيا ئۇرۇشتىن كىيىنكى زاۋاللىقتىن  تېز  تەرەققى قىلغان  .چىداملىق،سەۋىرچان  سامورويلار

[http://xipa.taobao.com]شىپائۇيغۇر تاۋباۋ  دورىخانىسى ئەڭ ياخشى تاللىشىمىز، قولاي ئىشەنچىلىك،تىلفۇندىمۇ دورا  سېتىۋالغىلى بۇلىدۇ.ياخشى دورىلار بۇ يەردە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 121616
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2015-6-20
ئاخىرقى: 2015-7-3
8#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:56 AM |ئايرىم كۆرۈش |
بۇ تېمىنى ئوقۇپ ياپۇنيەگە ېېرىپ باققۇم كېلۋاتىدۇ جۇمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104505
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 321
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 184 سائەت
تىزىم: 2014-3-7
ئاخىرقى: 2015-7-3
9#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:55 PM يانفوندا يوللانغان |ئايرىم كۆرۈش |
بۇ جەھەتتە ياپۇنىيەگە گەپ كەتمەيدۇ..ئەمما ئاڭ سەۋىيە بەك يۇقۇرى بولۇپ كېتىپ مەسلەن. تۇيۇقسىز بىرەر مۇشت يەپ كەتسە بېشىنى قاشلاپ ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرارمىش...يەنى ماۋۇ تەلۋە ھەجەپ تۇيۇقسىز مېنى ئۇردى. مەنمۇ تۆتنى قۇياي دېمەي مەن بۇنىڭغا نېمە قىلغاندىمەن...نېمە سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندىمەن دەپ قاتتىق ھەسرەت چېكىپ تېخى ئەپۇ سورىغىدەكمىش ....بىزنىڭ ماياقتا بولىدىغان بولسا دەرھال قايتۇرما زەربە تەييار....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86474
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 910
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2015-7-4
10#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:02 PM |ئايرىم كۆرۈش |
تاماق تىزىملىكىگە يېزىلغان تاماقلارنىڭ ئاشخانىدا چوقۇم بار بولىشى مىنى قايىل قالدى بۇ دىگەن سەمىمىيلىككە بېرىپ تاقىشىدۇ ،سەمىمىيلىك بىر قىممەت سوۋغات ئۇنى ئەرزان ئادەملەردىن كۈتمە دىگەنكەن ۋارىن بافىت

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش