2 @' ^7 |% z0 b9 I6 ~' t
8 x- n- g+ g O7 {$ w& c. p9 yخانىم- قىزلارنىڭ زور بايلىقى «شەرمى-ھايا»
1 p( |( k& H4 S9 r6 b+ E
قىز- ئاياللار دېگەن بۇ سۆز تىلغا ئېلىنسا ئالدى بىلەن كىشىنىڭ كۆز ئالدىغا ئەخلاقلىق، مۇلايىم، پەزىلەتلىك، نومۇسچان قىزلار كېلىدۇ. لېكىن قىز- ئاياللار ئەخلاقسىز، قوپال مىجەز بولسا، بۇ قىلىقلار ئۇلارنىڭ گۈزەل ھۆسنىگە داغ تەگكۈزىدۇ. دېققەت قىلىدىغان بولساق، ھازىر ئاممىۋىي سورۇنلاردا بىر قىسىم قىز- ئاياللىرىمىز ئۆزىنىڭ قىز- ئاياللىق سالاپىتىنى يوقىتىپ قويۇپ كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىۋاتىدۇ.
( {) z, z6 x" d7 u6 {5 n% D4 N. ~( X
ئەلىشىر ناۋايى: «ئاياللارنىڭ ئىپپەت تورىدىن توقۇلغان رومىلى، پاكلىق بەختىدىن راسلانغان چۈمبىلى بولسۇن» دېگەن ئىكەن. مانا بۇ ئاياللارغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى سۈپەت ۋە ئۇلارغا نېمە كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان يول. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە «خانىم- قىزلار غەيۋەت قىلمايدىغان، يالغان سۆزلىمەيدىغان، باشقىلارغا ئىللىق مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۆينى پاكىز تۇتىدىغان، ئىسراپچىلىق قىلمايدىغان، سۆزى يېقىملىق، ھەرىكىتى مۇلايىم، دوست- بۇرادەرلىرىنى مەمنۇن قىلالايدىغان، ئانىلىق بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك» دېگەن.
5 H; O0 R% |- Z9 N1 ^: A
# L; t% t5 M% m* {0 d, k. w# X
ئۇلۇغ ئالىم ئېبىنسىنا: «ئىنساندا مەڭگۈ تۇرىدىغان ھۆسىن ۋە لاتاپەت ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر، ھاياسىز يۈز، جانسىز جەسەت كەيپىدۇر» دېگەن ئىكەن. دېمەك، مۇتەپپەككۇر، ئالىملىرىمىز، «دۇنيانىڭ تۈۋرۈكى شەرم -ھايا بىلەن كىشىلەر قەلبىنى بېزەيدىغانلار پەرىشتىلەر» دەپ قارايدۇ. قىز- ئاياللارنىڭ غورۇرىنى بۇ دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدۇ. شۇڭا، قىز- ئاياللار ھەر ۋاقىت ئەدەپ- ئەخلاقلىق، نازاكەتلىك، سەۋر- تاقەتلىك، شەرمى- ھايالىق، تىلى ۋە دىلى گۈزەل بولۇشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ ئەدەپ- ئەخلاقنى ئۇنتۇپ، ئۆز سالاپىتىغا داغ تەگكۈزۈۋالماسلىقى كېرەك.
* `' c, Q8 D s* o6 n
! p/ ?; |; J0 Y7 K$ P
مەنبە : شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلى0 f {% ]) J8 y% \9 b$ r