بۇ يازمىنى ئاخىرىدا BATUR72 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-24 11:41 AM
8 \& Q- C6 r; ^7 p! I; i: d5 l3 \, j1 F
$ I, n5 ~# n! M- F$ @, J$ ^3 d# n
ئەي گۈل
ئەلى قۇربان
جاۋابى شاھمات بولغان تېپىشماقنى ئېيتقاندا تىلغا ئېلىشقا بولمايدىغان بىردىنبىر سۆز شاھماتتۇر . مۇھەببەتتىن ئايرىلسا «ھېچنىمە»گە ئايلىنىپ قالىدىغان بۇ ھاياتتا مۇھەببەت قانچە ئاز تىلغا ئېلىنغانسىرى شۇنچە گۈزەل بولىدۇ .ئەي گۈل ،كىم ساڭا مۇھەببەت قۇياش نۇرىغا ئامراق دېدى . ئۇچقۇن قاراڭغۇغا ئاشىق بولغاندەك ئۇقاراڭغۇنى ئىستەيدۇ . قائىدىلەرگە بويسۇنمايدۇ ،ئۇنىڭغا ئاتا- بوۋىللىرىڭدىن قالغان مىراس دۇئالار ئەمەس ،سەن دىققەت قىلمىغاندا قەلبىڭدىن چۈشۈپ قالغان مۇڭلۇق نوتىلاردىن تۈزۈلگەن شەخسى دۇئالىرىڭ ئارقىلىق ئېرىشىسەن .
ئۇ ئەقىل بىلەن ئەزەلدىن چىقىشالمايدۇ،ئىسكەندەرنىڭ ئېتى بۇسۋالىسقا ئوخشاش يامغۇر كەبى ياغدۇرۇلغان يا ئوقلىرىغا قارىماي ئالدىغا مېڭىۋېرىدۇ .مۇھەببەتتىن زەرىچە يۇقۇملانمىغان ئەخمەق شائىرلارنىڭ مۇھەببەت ياخشى دىيىشلىرىگە قۇلاق سالما ،ئۇ ياخشى ئەمەس ،بەلكى شەخسىيەتچى ھەتتارەزىل كېلىدۇ . پادىشاھ داۋۇت ئېلىيامنىڭ قىزى باسشىبەگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئېرى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئەڭ سادىق جەڭچىسى يۇرىيانى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىپ ئۆلتۈرگەن ئەمەسمۇ .
ئەي گۈل! مۇھەببەت چۈشىنىشكە ۋە چۈشەندۈرۈشكە مۇھتاج ئەمەس ، قانچە چۈشىنىشكە ئۇرۇنغانسىرى ،ئۇنى شۇنچە مەجرۇھ قىلىپ قويىسەن .مەلىكە ساھىك ئېرۇس بىلەن توي قىلغاندا، ئېرى ئۇنىڭغا :«سېنىڭ ھەرقانداق تەلىپىڭنى ئورۇندايمەن ، سەندىن كۈتىدىغان بىرلا تەلىپىم بار ،چىرايىمغا مەڭگۈ قارىمايسەن »دېدى . بىر مەزگىل بەخت ئېلكىدە ياشىغان مەلىكە توي قىلغان ئادىمىنىڭ يىلان بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بىر كۈنى كەچ شام نۇرىدا ئېرىنىڭ چىرايىغا قارىدى ،ھالبۇكى ئېرۇس ئىنتايىن گۈزەل ھەم كېلىشكەن ئىدى ،ھەرگىزمۇ بىر يۈز قىرىق قارىغۇ خوتۇنى بار چىرايى بەتبەشىرە يالغان ئەۋلىيا ھەكىمگە ئوخشىمايتتى . گۇمان ،تەشۋىش مەلىكىنى مۇھەببەت ئىلاھىدىن مەھرۇم قىلدى .
ئەي گۈل ! تۇپراقلىرىڭدىن گۇمانلانما ،سەسكەنمە ، ئۇنىڭ بەتبۇي بولۇشى سېنى گۈزەل قىلىش ئۈچۈن ئەمەسمۇ ؛ ئەي گۈل ! سېنىڭ ئاجىز بولۇش ئىمتىيازىڭ بار ، بىراق ئۇنى ئاجىزلاشتۇرۇش ھوقوقىڭ يوق ؛ كىچىك ئېرىقلارنىڭ سەندىن يۈز ئۆرۈشىدىن ئەنسىرىمە ،شۇ تۈپەيلى يامغۇر بىلەن ئۇچىرىشىسەن؛ يوقىتىشلاردىن ئەنسىرىمە ،ئادەم پەقەت ئەزەلدىن ئېرىشىپ باقمىغان نەرسىلەرنىلا يوقىتىدۇ ؛ ئەي گۈل ! دۈشمىنىم باركەن دەپ مەيۈسلەنمە ،شۇ تۈپەيلى دوستلىرىڭنى تاپىسەن ،يەنە تاپىسەن .
ئاينۇرى كېچە-كۈندۈز ،قىش –ياز ئېچىلىپ تۇرغان بۇ گۈلگە دېدى :«ئەي گۈل ، سەن شۇنچە زامان ئېچىلىپ تۇرساڭمۇ ھەسەل ھەرىسى كەلمىدى ، چارچىمىدىڭمۇ ؟ »،گۈل جاۋابەن:«بىلىمەن ، بەلكىم ھەسەل ھەرىلىرى مەڭگۈ كەلمەسلىكى مۇمكىن ، بىراق ئېچىلىپ تۇرمىسام ، چوقۇم قۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىمەن ، شۇڭا مەن بۇرۇنقىدەك ۋە كېيىنكىدەك مەڭگۈ ئېچلىپ تۇرۇشنى تاللىدىم »دەپ جاۋاب بەردى .
1 ?3 B; P3 L Z! x# \