مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1815|ئىنكاس: 9

سەھرايى: ئۇيغۇر قىزى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

33

تېما

655

يازما

688

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 107868
يازما سانى:
655
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1316
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
485 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-6-19
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2016-3-8 22:40:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-9 11:16 AM  

ئۇيغۇر قىزى

ئەلەم مامۇت سەھرايى

(بارلىق خانىم قىز– ئاياللارنىڭ بايرىمىغا بېغىشلايمەن)

ئۇزلۇق دېسە گۈزەللىكنىڭ ھەممىسى تەل،
گۈل قامىتى گۈلگۈن شەپەق، گۇيا لەئەل،
ئۆرتىنىدۇ ئاي رەشىكتىن ھەتتا زوھەل،
قىلغان سۆزى شېرىن گۇيا بالدۇر، ھەسەل،
كىم ئۇ دېسەڭ ئۇيغۇر قىزى بەرنا گۈزەل.

ئۇيغۇر قىزى راستلا گۈلدىن ئەنداز ئالغان،
شۇ سەۋەپتىن بارچە ئىقلىم گۈلگە تولغان،
نى يېگىتلەر ئاڭا ئاشىق، مەپتۇن بولغان،
پىراقىدا ھوشسىز گۇيا مەجنۇن  بولغان،
كىم ئۇ دېسەڭ، ئۇيغۇر قىزى بەرنا گۈزەل.

ئۇنى شۇنچە گۈزەل قىلغان خۇلقى— زىبا،
ھەمدە ئاڭا ھەمرا ئىرۇر شەرمى— ھايا،
ئۇز، ھايالىق بولغاچ يۈزى شەمسى– زىيا،
كۈيلەپ ئۇنى بۇلبۇلمۇ ھەم ئەيلەر ناۋا،
كىم ئۇ دېسەڭ، ئۇيغۇر قىزى بەرنا گۈزەل.

ئۆزى راستگوي، بىجانىدىل ئىشلەر ھالال،
ئۆز ئەمگىكى، مېھنىتىدىن بولماس مالال،
دىيانەتلىك پاك بولغاچقا تاپتى كامال،
نەرقى ئالتۇن، پۇل– مال ئۈچۈن بولماس ساپال،
كىم ئۇ دېسەڭ، ئۇيغۇر قىزى بەرنا گۈزەل.

قىزلار دېگەن ئىپپەت بىلەن  بولغاي ئېزىز،
تاش ئىچىدە بولغاچ شېرىن بىلسەڭ مېغىز،
يېگەنسىرى يىگۈڭ كېلەر ئاندىن لەزىز،
قەلبىڭدىكى ئۇرنى ئۇنىڭ شۇنچە ئېگىز،
كىم ئۇ دېسەڭ، ئۇيغۇر قىزى بەرنا گۈزەل.

ئاڭا شۇم قول ئۇزاتقانلار تاپقاي زاۋال،
ياۋلار ئاڭا كۆز ئالايتسا بولغاي ئۇسال،
مۈشكۈلاتقا تېز پۈكمەستىن قىلغاي ئامال،
ئىپپەت ئۈچۈن جاندىن كېچەر بولماي قامال،
كىم ئۇ دېسەڭ، ئۇيغۇر قىزى بەرنا گۈزەل.

شۇڭا ئۇنى بىر كۆرگەنلەر مەپتۇن بولغاي،
لەيلى دېسەك ئۇنى يېگىت مەزجنۇن بولغاي،
ۋىسال نېسىپ بولماي يۈرەك مەھزۇن بولغاي،
گەر ۋەسپىنى يازسام تۇلۇق داستان بولغاي،
كىم ئۇ دېسەڭ، ئۇيغۇر قىزى بەرنا گۈزەل.

مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

33

تېما

655

يازما

688

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 107868
يازما سانى:
655
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1316
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
485 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-6-19
ئاخىرقى:
2016-3-30
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-9 07:59:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزجنۇن— دېگەننى   مەجنۇن دەپ تۈزىتىپ ئوقۇشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن. تېلفۇندا تەھرىرلىگىلى بولمايدىكەن .

0

تېما

381

يازما

381

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 79355
يازما سانى:
381
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
3841
تۆھپە :
90
باھا :
90
توردا:
216 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-4-26
ئاخىرقى:
2016-3-23
ۋاقتى: 2016-3-9 13:33:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۇر شىئرىڭىز بەك ئۇز چىقىپتۇ ! بارىكاللاھ

قىزىل ياقۇت

14

تېما

414

يازما

428

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 135673
يازما سانى:
414
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1007
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
94 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-1-20
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-9 13:46:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلىرىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى ، ئەخلاقىنى ...ھەم نۇرغۇن تەرەپلىرىنى پاساھەتلىك سۆزلەر بىلەن يارقىن يۇرۇتۇپ بېرىپسىز ،  قايىل بولدۇم ،، ھارمىغايسىز ..

ھاياتنىڭ گۈزەللىكى ،
دەل ئۇنىڭ ئەگرى - توقايلىقىدا.

1

تېما

205

يازما

206

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 114788
يازما سانى:
205
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2158
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
427 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-2-28
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-9 14:45:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز ،مۇمكىن بولسا باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ يولىسىڭىز بولغۇدەك ،بەكلام ياخشى چىقىپتۇ.

32

تېما

249

يازما

281

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 118021
يازما سانى:
249
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1234
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
668 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-4-25
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-9 21:25:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت مېنېڭ ئاياللاربايرىمىغائەسەر يازالمىغانلىغىمدىن ئۈكۈندىم.....چۈنكى مەن بەك ئالدىراش بوپكەتتتىم؟؟

33

تېما

655

يازما

688

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 107868
يازما سانى:
655
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1316
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
485 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-6-19
ئاخىرقى:
2016-3-30
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-9 22:58:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت!..

13

تېما

841

يازما

854

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 108441
يازما سانى:
841
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2154
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
514 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-7-14
ئاخىرقى:
2016-3-19
ۋاقتى: 2016-3-9 23:42:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنئەنىگە سېغىنىش كۈنى!

ئاھ...ماڭقۇرۇتلۇقتىكى ھايات!

0

تېما

45

يازما

45

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 131250
يازما سانى:
45
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
453
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
291 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-11-29
ئاخىرقى:
2016-4-1
ۋاقتى: 2016-3-10 14:08:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم قۇۋۋىتىڭىز ئەجەپ كۈچلۈككەن، قاپىيە ۋە مەزمۇنلىرى ناھايىتى ياخشى ماسلىشىپتۇ

كىملەرنىڭ ئەزىزى، كىملەرگە خار بولدى ؟؟؟

0

تېما

73

يازما

73

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 139835
يازما سانى:
73
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
118
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
22 سائەت
تىزىملاتقان :
2016-3-8
ئاخىرقى:
2016-3-30
ۋاقتى: 2016-3-10 15:09:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فونتان يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 09:25 PM
رەھمەت مېنېڭ ئاياللاربايرىمىغائەسەر يازالمىغانلىغىم ...

بايرامغا ئاتاپ كۆپرەك نان يېقىڭ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-4-1 04:55 PM, Processed in 0.126958 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش