بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-9 11:16 AM
ئۇيغۇر قىزى
ئەلەم مامۇت سەھرايى
(بارلىق خانىم قىز– ئاياللارنىڭ بايرىمىغا بېغىشلايمەن)
ئۇزلۇق دېسە گۈزەللىكنىڭ ھەممىسى تەل،
گۈل قامىتى گۈلگۈن شەپەق، گۇيا لەئەل،
ئۆرتىنىدۇ ئاي رەشىكتىن ھەتتا زوھەل،
قىلغان سۆزى شېرىن گۇيا بالدۇر، ھەسەل،
كىم ئۇ دېسەڭ ئۇيغۇر قىزى بەرنا گۈزەل.
ئۇيغۇر قىزى راستلا گۈلدىن ئەنداز ئالغان،
شۇ سەۋەپتىن بارچە ئىقلىم گۈلگە تولغان،
نى يېگىتلەر ئاڭا ئاشىق، مەپتۇن بولغان،
پىراقىدا ھوشسىز گۇيا مەجنۇن بولغان،
كىم ئۇ دېسەڭ، ئۇيغۇر قىزى بەرنا گۈزەل.
ئۇنى شۇنچە گۈزەل قىلغان خۇلقى— زىبا،
ھەمدە ئاڭا ھەمرا ئىرۇر شەرمى— ھايا،
ئۇز، ھايالىق بولغاچ يۈزى شەمسى– زىيا،
كۈيلەپ ئۇنى بۇلبۇلمۇ ھەم ئەيلەر ناۋا،
كىم ئۇ دېسەڭ، ئۇيغۇر قىزى بەرنا گۈزەل.
ئۆزى راستگوي، بىجانىدىل ئىشلەر ھالال،
ئۆز ئەمگىكى، مېھنىتىدىن بولماس مالال،
دىيانەتلىك پاك بولغاچقا تاپتى كامال،
نەرقى ئالتۇن، پۇل– مال ئۈچۈن بولماس ساپال،
كىم ئۇ دېسەڭ، ئۇيغۇر قىزى بەرنا گۈزەل.
قىزلار دېگەن ئىپپەت بىلەن بولغاي ئېزىز،
تاش ئىچىدە بولغاچ شېرىن بىلسەڭ مېغىز،
يېگەنسىرى يىگۈڭ كېلەر ئاندىن لەزىز،
قەلبىڭدىكى ئۇرنى ئۇنىڭ شۇنچە ئېگىز،
كىم ئۇ دېسەڭ، ئۇيغۇر قىزى بەرنا گۈزەل.
ئاڭا شۇم قول ئۇزاتقانلار تاپقاي زاۋال،
ياۋلار ئاڭا كۆز ئالايتسا بولغاي ئۇسال،
مۈشكۈلاتقا تېز پۈكمەستىن قىلغاي ئامال،
ئىپپەت ئۈچۈن جاندىن كېچەر بولماي قامال،
كىم ئۇ دېسەڭ، ئۇيغۇر قىزى بەرنا گۈزەل.
شۇڭا ئۇنى بىر كۆرگەنلەر مەپتۇن بولغاي،
لەيلى دېسەك ئۇنى يېگىت مەزجنۇن بولغاي،
ۋىسال نېسىپ بولماي يۈرەك مەھزۇن بولغاي،
گەر ۋەسپىنى يازسام تۇلۇق داستان بولغاي،
كىم ئۇ دېسەڭ، ئۇيغۇر قىزى بەرنا گۈزەل.
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم