بەخىتنىڭ ئۆلچىمى
جوۋ خەي لىياڭ
يىگىت ئۆزىنىڭ قىز دوستىدىن ئانچە رازى ئەمەس ئىدى،ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ تېخىمۇ لاتاپەتلىك بىر مەشۇقى بۇلۇشى كېرەك ،دەپ قارايتتى.ئۇنىڭ مەشۇقى ئانچە زىلۋا ئەمەس، گۈزەلمۇ ئەمەس،سول يۈزىدە بىر قارا داغ بار قىز ئىدى.شۇڭلاشقا يىگىت قىزنىڭ تىلىفۇنىنى ئالغاندىن كېيىنمۇ بىپەرۋالىق بىلەن بۇرۇتىنى ئېلىپ ئولتۇراتتى.قىز يىراق بىر شەھەردە ئوقۇيدىغان بۇلۇپ ئاخىرى قايتىپ كېلىدىغان بولدى.يىگىت يۇلۇچى توشۇش بېكىتىگە ئۇنى ئالغىلى بارىدى.يولدا كېتىۋىتىپ، يىگىت ئۇنىڭ بىلەن بولغان يەتتە يىللىق مۇھەببىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەكمۇ يوق؟ئەگەردە شۇنداق قىلماقچى بولسا قانداق ئېغىز ئېچىش كېرەك ؟ دېگەنلەرنى ئويلىدى.يىگىت بىر كىچىك شىركەتنى باشقۇرىدىغان بۇلۇپ ،ئۇنىڭ كەسپى ئۇنى نۇرغۇنلىغان ئېزىقتۇرۇشلارغا دۇچ كەلتۈرۈپ قويغانىدى.
يىگىت بىر كۈن ساقلىدى،ئۈچ نۆۋەت ئاپتوبۇس كەلگەن بولسىمۇ قىز دوستى كۈرۈنمەيتتى.يىگىت قىزنىڭ يانفۇنىغا تىلىفۇن ئۇردى،بىراق ئۇلانمىدى،يەنە ئۇرىۋىدى،ئوخشاشلا ئۇلانمىدى.يىگىت تىت-تىت بۇلۇپ بېكەت ئىشخانىسىغا بېرىپ سورىدى،بېكەت خادىمى ئۇنىڭغا قاتتىق يامغۇر ياغقانلىقى سەۋەبىدىن يولدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەنلىكىنى،بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇسنىڭ يول بويىدىكى ئازگالغا ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى،نەق مەيداندائۈچ ئادەمنىڭ ئۆلۈپ،22ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.يىگىت گويا بېشىغا توقماق تەگكەندەك بۇلۇپ ئىرغاڭلاپ كەتتى.كېيىن ھادىسىگە ئۇچرىغان ئاپتوبۇسنىڭ دەل قىز ئوقۇۋاتقان شەھەردىن قوزغالغانلىقىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ سەنتۈرۈلۈپ كەتتى،ئۇ كاللىسىدا خۇددى بومبا پارتلىغان ئاۋازنى ئاڭلىغاندەك بولدى.يىگىت ماشىنىغا ئولتۇرۇپ نەچچە يۈز كېلومىتىر يىراقلىقتىكى دوختۇرخانىغا بېرىپ قىز دوستىنى ئىزدىدى.ئۇ بارلىق كېسەلخانا،جىددى قۇتقۇزۇش ئۆيى ۋە كارىدورلارنى ئىزدىدى،ئۇ ئۇياق –بۇياققا يۈگرەپ يۈرۈپ قىزنىڭ ئىسمىنى توختىماستىن توۋلايتتى.ئۇ بېشىغا داكا ئورالغان ھەر بىر يارىدارغىمۇ تەپسىلى قارايتتى،بىراق ئاشۇ يارىلانغانلار ئىچىدىمۇ يوق بۇلۇپ چىقتى.« ئۇ ئاللىقاچان كېتىپ قالغان ئوخشايدۇ.»يىگىت شۇنداق ئويلىدى،-دە،ھوشىدىن كەتتى.
يىگىت ئازراق ھوشىغا كەلدى،بىراق ئىچ-ئىچىدىن ئازابلىناتتى.ئۇ تۇيۇقسىز قىز دوستىنىڭ نەقەدەر ياخشىلىقىنى،ئۇنىڭغا چوڭقۇر مۇھەببىتى بارلىقىنى تونۇپ يەتتى.«ھېلىقى تېرىسى سۈرۈلۈپ كەتكەن ئايال نېمىشقا ئۇ ئەمەس؟ئىككى پۇتىنى بالون بېسىۋىلىپ كېسىۋىتىلگەن ئايال نېمىشقا ئۇ ئەمەس؟تېشىپ كەتكەن بېنزىن يۈزىنى كۆيدۈرۋەتكەن ئايال نېمىشقا ئۇ ئەمەس؟ھېچبولمىغاندا دوختۇر، ئۆسۈملۈك ئادەم بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن، دېگەن ھېلىقى ئايال نېمىشقا ئۇ ئەمەس؟»دېگەنلەرنى ئويلىدى.مەيلى قانداق ئەھۋالدا بولسۇن،ئۇ قىز دوستى بىلەن توي قىلغان بولاتتى.بىراق ئۇ بۇ قېتىملىق ئاپەت تۈپەيلى ئۆلچەمنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرسىمۇ،قىز دوستى يەنىلا يوق ئىدى.يىگىت شۇلارنى خىيال قىلىۋاتاتتى،ئۇنىڭ تېخى ئەتىگەندىلا ئالغان ساقىلى يەنە ئۇزۇن ئۆسۈپ چىققانىدى.
توساتتىن،قىزدىن تېلىفۇن كەلدى.ئۇ قىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تىتىرىگىنىدىن ئۆزىنى كونتىرول قىلالمىدى.قىز ئۆزى ئولتۇرغان ئاپتوبۇسنىڭ بىر چەت رايوندا بۇزۇلۇپ قالغانلىقىنى،باشقا بىر ئاپتوبوسقا ئالمىشىپ ئايلىنىپ ماڭغانلىقى،كەلكۈن سەۋەبلىك يولدىكى كۆۋرۈكنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى،شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۈچىنىچى ئاپتوبۇسقا ئالماشقانلىقىنى،يولدا نۇرغۇن ئىشلار يۈزبەرگەنلىكى سەۋەبلىك بىر كۈن كېچىكىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.يەنە ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ بىر يېزىدىكى مېھمانخانىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى ،ئەتە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.قىز نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدى،يىگىت زەن سېلىپ ئاڭلاۋېتىپ كۆزلىرىدىن توختىماستىن ياش قۇيۇلاتتى.
-تېلىفۇنىڭىز نېمىشقا ئۇلانمايدۇ؟-سورىدى ئۇ قىزدىن.
-توكى قالماپتۇ.
-سىزگە تىلىفۇن قىلدىم،-دېدى يىگىت گويا ھېچنىمىنى ئاڭلىمىغاندەك،-زادىلا ئۇلانمىدى.
-توكى قالماپتۇ دېدىمغۇ!
يىگىت تاكسىغا ئولتۇرۇپ،قىز دوستى تۇرغان يېزىدىكى مېھمانخانىغا بېرىپ ئۇنى قايتۇرۇپ كەلدى.يىگىت ماشىنا ھادىسسىنىڭ ئىشنى قىزغا ئېيتىمىدى.ئۇ قىزنىڭ يۈزىدىكى ھېلىقى قارا مەڭگە قارىدى،شۇ پەيتتە ھېلىقى قارامەڭمۇ ئۇنى ناھايتى جەلپ قىلاتتى.ئۇ خۇددى چوڭ بىر بالا-قازادىن ئامان قالغاندەك ھېسياتتا ئىدى.
يىگىت بىلەن قىز ناھايتى تېزلا توي قىلدى.تويدىن كېيىن يىگىت ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەمدەك ھېس قىلدى.ئۇ كۆز ئالدىدىكى ئايالىنىڭ گەرچە بەك زىلۋا،كېلىشكەن بولمىسىمۇ بىراق دۇنيادا ئۇنىڭ ئايالى بۇلۇشقا ئەڭ مۇناسىپ كېلىدىغان ئايال ئىكەنلىكىنى بايقىدى.
بىر نەچچە يىلدىن كېيىنكى بىر كەچقۇرۇنى يىگىت تاماق ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپ بىر ئاز ھاراق ئىچتى،-دە ! سۆزلەشكە باشلىدى.
-سىزدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاسلا قالغان ئىدىم.
-نېمىشقا؟-سورىدى ئايالى.
-بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسسى سەۋەبلىك.ئەمەلىيەتتە قاتناش ھادىسسى يۈز بەرمەستىلا مېنىڭ يۈرۈكۈمدە قاتناش ھادىسسسى يۈز بېرىپ بولغانىدى.كېيىن راستىنلا قاتناش ھادىسسى يۈز بەردى،ئەكسچە مېنىڭ يۈرۈكۈمدىكى قاتناش ھادىىسسى يوقاپ كەتتى......
-نىمە دەۋاتىسىز؟-ئايالى ھاڭۋېقىپ قالدى،-ئادەمنى بىزار قىلمىسىڭىزچۇ.
-بۇ راست،-دېدى ئۇ كۆزىنى چىمچىقلىتىپ قويۇپ،-بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولغان بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسسسى مېنىڭ مۇھەببەت ۋە بەخىتنىڭ ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىشىمگە تۈرتكە بولدى.نەتىجىدە،مەن تېخىمۇ كۆپ مۇھەببەت ۋە بەخىتكە ئېرىشتىم.
ئايالى ئۇنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى زادىلا چۈشىنەلمىدى.
-بولدى،پەرەز قىلماڭ.-دېدى ئۇ، ئاندىن ئايالىنى باغرىغا باستى،-سىزنى سۆيىمەن.
« تاللانغان تەرمىلەر » ژۇرنىلىنىڭ 2010.يىللىق 10.سانىدىن
سۇدىيە تۇرسۇنتوختى تەرجىمىىسى
مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىگە