ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 9قەۋەت kalibdaxbiz كە 2011-03-31 04:26 PMئەۋەتىلدى :
ناھايتى توغرا پىكىر بېرلىپتۇ . مەن ھازىرقى يولغا قويۋاتقان قوش تىل مارىپىنىڭ يەسلىلەردىن باشلاپ 2020- يىلغا بارغاندا تىلنىڭ ئومۇملىشىش نىسپىتىنى 90% گە يەتكۈشۈش دىگىندىن گۇمانلىنىۋاتىمەن .چۈنكى يۇقۇردا تىلغا ئېلنىپ ئۆتكەن خۇنەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى تىپىك مىسالى بولشى مۇمكىن..
يىغىپ ئېيتقاندا بىزدە سۆز ئەركىنلىكى ،پىكىر ئەركىنلىكى بولۇش كېرەك. مەملىكىتىمىز سوتسىيالىستىك دىمگۇراتتىك دۆلەت .مارىپچىللىرىمىز ھەم تىل شۇناسچىللىرىمىز بىزنىڭ تىل ۋە يېزىقىمىزنىڭ مىللەتكە ھەم مەدىنىيتىمىزگە قانداق تەسىر كۆرسىتىغانلىقىنى ئويلاش بىلەن بىرگە دولتىمىزنىڭ تەراققىياتىغا قانداق توسالغۇلانى كەلتۈرۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرشى كېرەك.
مەن قەلىپداشبىز نىڭ ئوتۇرغا قويغان پىكرىگە قۇشۇلىمەن . چۈنكى ھازىر يولغا قۇيۇلۇۋاتقان قوش تىل مائارىپىنىڭ
يەسلىلەردىن باشلاپ ئۇمۇ ملاشتۇرۇپ 2020 - يىلغا بارغاندا خەنزۇ تىلىنىڭ ئۇمۇملاشتۇرۇش نىسبىتىنى 90 %يەتكۈزۈش دىگىنى2020 يىلغا بارغاندا ئۇيغۇر تىلى ئىستىمالدىن 90 % قالىدۇ دىگىنى بولماي نىمە ؟ شۇ ڭا بىز
ھۈكۈمەتنىڭ چاقىرغىغا ئاكتىپ ئاۋاز قۇشۇپ خەنزۇ تىلىنى ئۈگۈنۈش بىلەن بىرگە پارتىيە ۋە دۆۋلەتنىڭ مىللەت -تىل سىياسىتى ۋە ئاساسى قانۇن بەرگەن ھۇقۇقتىن تۇلۇق پايدىلىنىپ ئانا تىلىمىز نى ساقلاپ قېلىشىمىز خەتەر ئالدىدىن قوغداپ قېلىشىمىز لازىم . ھەربىرىمىز بىلىشىمىز كىرەككى كۆپ تىللىق بۇلۇش ياخشى ئانا تىلىدىن ۋاز كىچىش ھالاكەت يۇلۇغا باشلايدۇ .