مەن ماركىسىزىم دەرسىدە، پەلسەپە كىشىلىك دۇنيا قاراش تەلىماتى دەپ ئۈگەنگەن. ئۇ ۋاقىتلاردا، ماركىسنىڭ دۇنيانى تۇنۇش نەزىريەلىرىگە خېلى قايىل بولغان ئىدىم، مەسىلەن، مىقتار ئۆزگىرىش سۈپەت ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دىگەندەك. لېكىن ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرىدا بىر تەرەپلىمىلىك بارلىقىنى بايقاپ قالدىم. ئۇ بىر بەخىتسىز ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىككى خىل دىنغا ئىتىقاد قىلغانلىق سەۋەپتىن(ئىسىمدە قېلىشىچە خىرىستىئان دىنىنىڭ ئىككى تارمىقىغۇ دەيمەن)، ئۆيىدە ئۇرۇش -جىدەل تۈگىمىگەن. شۇڭا دىنغا ئۆچمەنلىك نەزىرى بىلەن قارىغان. كېيىن دارۋىننىڭ تەدىرىجى تەرەققىيات نەزىرىيسى ئۇنىڭ ئاتىزىملىق پەلسەپەسىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان.
سېستىمىلىق ۋە توغرا دۇنيا قاراش بۇلۇش ھەقىقەتەن مۇھىم. تېما ئىگىسىنىڭ مۇددىئاسىنى قوللاشقا ئەرزىيدۇ.مەيلى غەربنىڭ ياكى شەرقنىڭ پەلسەپەسى بولسۇن،ھەممىسى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش تەجىربىلىرى ئاساسىدا، شۇ ياشاۋاتقان جەمىيەت ۋە مەدىنىيەت ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن.شۇڭا ئۇلارنىڭ پەلسەپەلىرىنى شۇ دەۋەر ۋە جەمىيەت كىشىلىرىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى دىيىشكە بولىدۇ. ئۇ زامان ۋە ماكاننىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.
ئەمما مېنىڭچە، ئىسلام دىنى دۇنيانى تۇنۇشتىكى ئەڭ مۇكەممەل پەلسەپە دەپ قارايمەن ۋە بۇ يولدا ئىزدىنىۋاتىمەن، ئىنشائاللاھ. بۇ ھەقتە بىلىمىم چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۇن ئارتۇقچە توختالماي تۇراي.بۇ بىر قىممىتى بار تېما ئىكەن.