ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 35قەۋەت bendora كە 2011-04-13 07:12 AMئەۋەتىلدى :
ئەمەلىيەتتە بارى پو ئاتمايدۇ، پەقەت مۇشۇنداق پاراڭلاشقانلاردا قىززىقچىلىق يۈزىسىدىن شۇنداق گەپلەرنى قىلىپ قويىدۇ،مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ خېلىدىن كېيىن ئاندىن باشقىلاردىن بارىنىڭ شىنجاڭدا داڭىق چىقارغان توپچى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان،ئۆزىدىن سورىسام راستلىقىنى ۋە قايسى توپلارنى تەپكەنلىكىنى دەپ بەرگەن(ئۇ شىنجاڭدىكى ھېلىقى بىر توپ بىلەن شىنجاڭ كوماندىسىنى ھەل قىلغۇچقا ئەكىرگەن ۋاقتىكەن).بارىنىڭ ھەقىقىي كەمچىلىكى بەك ساددا!بەك ساددا!ساددىلىقىدىن ئادەم تاللىماي كۆيىنىدۇ، گەپ-سۆزدىمۇ چاقچاق قىلدىم دەپ دەپ سالىدۇ،ھازىرقىدەك كەمتەر ئەمەسكەن دېگەن گەپكە قالىدۇ ئاندىن،ئەمەلىيەتتە بۇ كۆرۈنۈشتە ئۇنىڭ قىلغان گەپلىرى ئاساسەن چاقچاقكەن.
كىتاپ ئوقۇش بارى ئۈچۈن بەك بىر تەس ئىش جۇما [s:181] بىر گەپ ئېسىمگە كېلىپ قالدى.
ئىشقىلىپ بارى، ساڭا ئۈن-تىنسىز ئۇتۇق تىلەيمەن، يەنىمۇ تىرىش، دېگىنىڭ توغرا،باشقىلارنىڭ كوماندىسى ھېچقانچە ئەمەس،پەقەت ھەمداشلىرىڭ ئاجىز،خالاس.
قارىغاندا بارىنىڭ مىجەزى شۇنداق ئوخشايدۇ، يىگىرمە نەچچە مىنۇتلۇق سىنئالغۇ غا قاراپلا بىر كىشىگە تولۇق باھا بەرگىلى بولمايدۇ. ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق مىجەزى ، ئىپادىلەش ئۇسۇلى بولىدۇ. ئۆزگەرتىشكە ، تولۇقلاشقا تېگىشلىك يەرلىرى بولسا ئاستا-ئاستا ئۇمۇ بولۇپ قالار. قېرىنداشلارنىڭ بەزى تەكلىپلىرى شۇنداق ياخشىكەن. بارىمۇ ئاستا-ئاستا شۇ تەكلىپلەر بويىچە دىققەت قىلىپمۇ قالار.
ئومۇمىيلىق بويىچە قارىغاندا بارى نىڭ تۆھپىسى چەكسىزدۇر! تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمىز!
ئۇلۇغ مېھرىبان ئاللاھ دىن بارىغا ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە چەكسىز خۇشاللىق بەرىكەت ئامەت تىلەيمىز!
غەيرەت قىل ئىنىم بارى!