ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 27قەۋەت TOGRAKPADIXASI كە 2011-04-18 01:03 PMئەۋەتىلدى :
مەن بۇرن تۈركىيەنى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ بۈيۈك دۆلەت دەپ قايتىم بىراق يېڭىدىن چىقىۋاتقان تۈركىيە فىلىملىرىنى كۆرگەندىن كىيىن بەزى بىر يېرىم يالڭاچ ئاياللارنى كۈرۈپ قاتتى ھەيران قالدىم.
خۇددى بىر كۈننىڭ كۈندۈزى بىلەن كېچىسى بولغاندەك ،كىنو-فىلىملەردىكى ئايرىم ۋەقە،كۆرۈنۈشلەرمۇ تۈركىيەنىڭ قاراڭغۇ تەرىپى.بىزنىڭ ئېڭىمىزدا تۈركىيە ۋە ياكى باشقا تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر ھەممە جەھەتتىن مۇكەممەل بىر جەمئىيەت دەپ قارايمىز،ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس،شۇنداقلا بىزنىڭ ئۇلارغا قويىۋالغان ئۆلچىمىمىزمۇ بەك يۇقۇرى،شۇڭا ئۇلارنىڭ بەزى ئىش-ھەركەتلىرى بىزنىڭ نېرۋىمىزنى زىيادە غىدىقلاپ،ئاسانلا ئۈمۈتسىزلىنىمىز،ئەمما ياخشى ئىشلار يەنىلا ئاساسى سالماقنى ئىگەللەيدۇ،قارايدىغان بولساق،ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشاشلا شۇلار بىلەن بىر ئېرادا ياشاۋاتىمىز،لېكىن بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى بولىۋاتقان ئەخلاقسىزلىقلارنى
ئۆزىمىز بايقىمامدۇق،ياكى بايقىغۇمىز كەلمەمدۇ؟بىزدىكى ناچار ئىللەتلەر شۇنچىلىك كۆپكى،بىزدە پەقەت ئۇلاردەك ئاشكارلاش كەم.بىزدە ئەر-ئايال بىر سورۇندا ھاراق ئىچىش يوقمۇ؟كوچىلاردا قىز-يىگىتلەر قىلىقسىزلىق قىلىشىپ يۈرۈشكەن كۆرۈنۈشلەر ئازمۇ؟مېھمان-سارايلاردىكى كېچىلىك بەزمىخانىلاردا قوي پادىسىدەك يۈرگەن قىزلىرىمىز ئەزەلدىن ئۆكسۈپ قالغانمۇ؟جىنسداشلار كوچىلاردا دوقۇرۇپ يۈرۈيدۇ،ئوبۇرنىغا كىرسىڭىز ئالاقە تېلفونلىرىنى تامنى بوياپ قالدۇرۋەتكەن....،ئاقچى،نەشىكەش،قىمارۋاز،ئوغرى،بۇلاڭچى....بىزدە مۇنداق ئادەملەر زاپاس.ئەجىبا بىز ئاقبالىخان ئەمەسقۇ دەيمەن.بىزنىڭ جەمىيىتىمىزدىكى قاراڭغۇ تەرەپلەرنى دەرىجىگە كۆتۈرسەك،بىزمۇ خېلى مىللەتلەردىن ئېشىپ چۈشكىچىلىگىمىىز بار،لېكىن بىزنىڭ ئىچىمىزدە ئىنساپ-دىيانەتلىك،ئاقكۆڭۈل،تەقۋادار،ئۆزىنىڭ ھالال مېھنىتى بىلەن ياشايدىغان مېھنەتكەش خەلق يەنىلا تۈۋرۈكلۈك ئورۇندا تۇرۇدۇ،تۈمەنلىگەن باتۇر جاسارەتلىك قىز-ئوغۇللىرىمىز شىجائەت بىلەن تىرىشىپ ئۆگىنىپ،ئەجىر قىلىپ،يېڭىلىق يارىتىپ جەمىيەتنىڭ سۇنماس سۆڭىكى بولۇپ بىزنىڭ قەددىمىزنى كۆتۈرۈپ تۇرغاچقا بۇ مىللەت يەنە مىللەت سانىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ،ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا بىز ئاللىقاچان تۈگەشكەن زەئىپ مىللەت بولارئىدۇق.شۇڭا ئۈمۈتۋارلىق كىشىنى ئالغا باستۇرىدۇ!ئۈمۈدۋار بولايلى،ھەر بىر كۈننى بىكارغا ئۆتكۈزىۋەتمەيلى،ھەر بىر تاڭغا كۈلۈپ باقايلى!
ئەمدى باشتىكى گېپىمىزگە كەلسەك،ھازىر تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتىدۇ،كىشى بېشىغا كېلىدىغان يىللىق دارامىتى10000دوللاردىن ئاشىدۇ.دېھقانچىلىق،چارۋىچىلىق،يىمەك-ئىچمەك،توقۇمۇچىلىق،ياساش سانائىتى يۈكسەك تەرەققى قىلغان،سانائەت تەرەققىياتىمۇ تېز يۈكسەلگەن بىر دۆلەت.ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى پىلانىدا 2020-يىلىغا بارغاندا دۇنيادىكى ئىقتىسادى 10كۈچلۈك دۆلەت قاتارىغا كىرمەكچى.تۈركىيەنىڭ بۇنداق تىرىشىش روھى،ئىسلاھاتى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى،خۇددى دۆلىتىمىز دۇنيانى ھەيران قالدۇرغاندەك،دۇنيانىڭ نەزىرىنى تارتماقتا!