ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت karrwan كە 2011-04-20 09:35 PMئەۋەتىلدى :
جاپا تارتىپسىز ، تىمىڭىز كونىراپ ھازىرقى ۋەزىيەتكە ماس كەلمەي قاپتۇ، ئەسلى ئاپتۇرىغا يېڭىلاتقۇزۇپ ئاندىن يوللاڭ.
مەن نېمە دەي سىزنىڭ بۇ گېپىڭىزگە......
سىزنى نادان دەيمۇ ياكى يېزا كۆرمىگەن سەھرالىق دەيمۇ ۋەياكى شەھەر كۆرمىگەن شەھەرلىك كور دەيمۇ؟
گەرچە ئون نەچچە مىڭ چاقىرىم نېرىدا ئوقۇش دەپ يۈرگەن بولساممۇ، مەن يېزىللىرىمنى ئۇنتۇپ قالمىغان دېھقان پۇشتى بولغاچ، بۇيەرلەرنىڭ ئاۋات شەھەرلىرى مېنى ئانچە قىزىقتۇرالمايدۇ، پات-پات يېزىللىرىغا بېرىپ خەن يولداشلار بىلەن ئانچە-مۇنچە مۇڭدىشىپ تۇرىمەن. بەلكىم، «غەربىي» يۇرتلاردا يېزا ئەھۋاللىرى ئىنتايىن «ياخشى» بولۇپ كەتكەندۇ، ئەمما مەن بۇيەرلەرنىڭ يېزىللىرىغا بېرىپ ئۆزۈم شاھىد بولغان ئىشلارنى دەپ بەرسەم، -سىز شۇ كۆز بىلەن كۆرمىگەنگە ئىشەنمەيدىغان «يولداش» بولسىڭىز، بەرىبىر،- بۇ فېلىيەتون ئازىراق كام قېلىپ قاپتۇ تېخى.
گەپنى قىسقا قىلىپ ، بىر ئاتمىش نەچچە ياشقا كىرگەن بىر دېھقاننىڭ گېپىنى سىزگە بايان قىلىپ بېرەي( مەن كۆرگەن ۋە ئۆز ئاغىزىدىن ئاڭلىغان تىرىك ئادەم ئۇ جۇمۇ، توردىكى ئەپ-قاچتى گەپ ئەمەس)
ئۇ دېھقان ئۆزى قۇرتىۋاتقان كۆكتاتلارنى يىغقاچ گەپنى باشلىدى:
- 80-يىللاردا سوتسىيالستىك يېزا بەرپا قىلىمىز دەپ، ئاشۇ كەپە ئۆيلىرىمىزنى چېقىپ، پىشىق كېسەك ئۆي سالىسىلەر، بولمىسا جەرىمانە دەپ ئۆي چېقىش-ئۆزگەرتىش سىياسىتى چۈشكەن ئىدى.
-تېخى ئون يىل بولا-بولماي، 90-يىللارنىڭ بېشى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن سوتسىيالىستىك يېزا قۇرىمىز. بىر قەۋەتلىك بۇ ئۆيلەرنى چېقىپ سېمونىتلىق ئۈچ قەۋەتلىك ئۆيگە ئۆزگەرتىسلەر، بانكىدىن تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرىز بېرىلىدۇ(بىزنىڭ يانچۇقنى 5قولدەك بىلىدۇ-دە)، دەپ مەجبۇرىي 100مىڭ يۈەننىڭ قەرىزدارى قىلىپ قويدى.
-مانا تېخى 70يىللىق دەپ سالغان قەرىز بىلەن تىكلەنگەن بۇ ئۈچ قەۋەتلىك ئۆي(ئەمما بۇ ئۈچ قەۋەتلىك ئۆيلەر سىلەر يۇرتۇڭلاردا كۆرىۋاتقان داچا دېگەندىن ھەم ئېسل، تېخى كۆكتاتزارلىقى ھەم بارئىدى ئىچىدە-مەندىن) 20يىل بولا بولماي، «كېلەر ئاينىڭ ئون ئالتىنچى كۈنىدىن بۇرۇن بىكارلاڭلار، بىز بۇيەرگە ھۆكىمەت پىلانى بويىچە 5قەۋەتلىك ئولتۇراق ئۆي رايونى سالماقچى، ئۆيى بارلارغا قانچە كۇۋادىرات زېمىن بولسا، شۇنچە چوڭلىقتا ئۆي بېرىمىز، ئەمما تېرىلغۇ يەر(كۆكتاتزارلىق ھەم ئىچىدە) دۆلەت ئۆزىنىڭ مۈلكى بولغاچ، سىلەرگە ھەربىر موسىغا 80يۈەندىن ساقلاپ بېرىش ھەققى بېرىدۇ، قارشى چىققانلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىلىدۇ....» دېگەن ئۇقتۇرۇشلىرىنى تاپشۇرۋالدۇق.( بۇ ئۇقتۇرۇشنى مەن ئەينى سۆزمۇ سۆز تەرجىمە قىلىدىم، بۇ يەردە تېخى نۇرغۇن گەپلىرى بار ئىدى بۇ دېھقاننىڭ ئاچچىقلاپ ماڭا ئېيتىپ كەتكەن. مىسرانىم تىنىچلىقى ئۈچۈن بۇ بوۋايغا ئۆزىرە)
- بۇرۇن ھويلىمىزدا كۆكتاتزارلىق ۋە ئانچە-مۇنچە چوشقا باقىدىغان قوتىنىمىز بارئىدى( مېنى تىللىماڭلار مەن نېمە دېسە شۇنى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم، ئەمما ئۇنىڭ ئىشىكى يېنىدا ۋە شۇ مەھەللىدە چوشقا بېقىلمايدۇ) ، شۇ ھاللىق سەۋىيە دېگەن گەپ بىلەن، قوتانلىرىمىزنى يىغىشتۇرۋەتتى، شۇ كۆكتاتلىقىمىز قالغان، بازاردىن كۆكتات ئالمايتۇق، ئەمدى كۆكتاتنى ھەم سېتىۋالساق، گۆشنى ئاللىقاچان كەم يەيمىز- بۇ تۇرمۇش قانداقمۇ ئۆتەر. ئەمدى بىزمۇ شۇ ئەخلەت تېرىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدۇققۇ. ئادەم يېمەمدۇ، ئىچمەمدۇ، كىيمەمدۇ، ئاغىرىپ قېلىشنى دېمەيلا قوي، مەن قېرىغا بىر ئايدا بۇ يېزىدا 1000يۈەن كېتىدۇ. بېرىدىغان 200يۈەن كاپالەت پۇلى بار، بىنالاشتۇق ئېگىزلەشتۇق دېگەن بىلەن ، تۇرمۇشۇم بەكمۇ قىيىنلىشىپ كەتتى......
.................
بۇرۇننىڭ ئۇچىنى كۆرمەي، سەل توختاپ ئويلىنىپ ئاندىن «كونا-پونا، ۋەزىيەتكە ماس-پاس ...»دېگەن گەپنى قىلارسىلەر.